شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11- ئاينىڭ 28- كۈنى تېلېگراممىسى 11- ئاينىڭ 27- كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئورسىغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ئۇرۇگۋاي شەرقىي قىرغاق جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئۇرۇگۋاي ئۆزئارا ئىشىنىدىغان ياخشى دوست، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ياخشى ھەمراھ. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 36 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت باشتىن- ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر- بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە قەتئىي بىر- بىرىنى قوللىدى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. مەن جۇڭگو- ئۇرۇگۋاي مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان ئورسى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو- ئۇرۇگۋاي دوستلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇپ، جۇڭگو- ئۇرۇگۋاي ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.
شۇ كۈنى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ ئۇرۇگۋاينىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان كوسسېغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.