شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتى
10:20:47 2024-11-30 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 گېزىتىمىز ئوبزورچىسى

بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدىكى كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان تارىخىي پەيت! بۇ، ئىنسانلارنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش تارىخىدىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان يېشىل مۆجىزە! بۇ، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى جانلىق ئەمەلىيىتى!

11- ئاينىڭ 28- كۈنى، ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈپ قۇملۇق قىزىلگۈل كۆچىتى قۇم تۇپراققا پۇختا تىكىلىپ، تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر» گىرۋىكى قاشالىنىپ، كېرىيە ناھىيەسى ۋەنخۇايۈەن قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش رايونىدا تۇتاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، شىنجاڭ خەلقىنىڭ دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن بولغان قۇملۇق ئايلانما يېشىل ئېكولوگىيە توسۇقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بەرپا قىلغانلىقى جاكارلاندى.

جۇڭگو ھەتتا دۇنيانىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش تارىخىي مۇساپىسىدە ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ ئىش پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈم شارائىتىدىلا ۋۇجۇدقا كېلىدۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرىدىلا ئەمەلگە ئاشىدۇ.

بۇ، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى. 2023- يىلى 6- ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چۆللىشىشنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش ۋە «ئۈچ شىمال» قاتارلىق نۇقتىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردە جۇڭگونىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش يېڭى مۆجىزىسىنى يارىتىش توغرىسىدا سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى چىقاردى. بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، ھەمكارلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، مەركەزلىك ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىش، قۇم دېڭىزىدا كەسكىن جەڭ قىلىش يېڭى يۇقىرى دولقۇنىنى قوزغىدى. گىرۋەكنى قاشالاش قۇرۇلۇشىنىڭ مۇشۇنداق يۇقىرى ئۈنۈمدە ئالغا سىلجىتىلىشى، تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان يېشىللىق سەھىپىسىنىڭ پۈتۈلۈشى شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن، شىنجاڭنىڭ «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» ئىدىيەسىنى سادىقلىق بىلەن ئەمەلدە كۆرسەتكەنلىكىدىن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ بىر مەقسەتتە يېشىللىق بەرپا قىلىش، يۇرت- ماكاننى ئورتاق قۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىدىن بولغان.

بۇ، دۇنيانىڭ چۆللىشىشنى تۈزەشتىكى جۇڭگو لايىھەسى. مەۋقەنى ئەمەلىيەتكە قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي ئۇسۇلدا قۇمدىن مۇداپىئەلىنىپ، قۇم تىزگىنلەپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ چۆللىشىشنى تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىش شىنجاڭنىڭ چۆللۈكنى بوستانلىققا ئايلاندۇرۇشتىكى ياخشى تەدبىرى. كېرىيەدىكى «پەلەمپەيسىمان ئېتىز ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەش»تىن شاياردىكى يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق توك چىقىرىپ سۇ تارتىپ قۇم تىزگىنلەشكىچە، شىنجاڭ شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، بىيولوگىيەلىك قۇم تىزگىنلەش، قۇرۇلۇش ئارقىلىق قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش، يورۇقلۇق ۋولت + قۇم تىزگىنلەش قاتارلىق ئۈنۈملۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق، سىستېمىلىق قۇم تىزگىنلەش، ھەمكارلىشىپ قۇم تىزگىنلەشنىڭ ئىلمىي سۈپىتى- ئۈنۈمىنى كۈچەيتىپ، گىرۋەكنى قاشالاش قۇرۇلۇشىنى ئىلمىي كۈچكە، يېڭىلىق يارىتىش تەركىبىگە ئىگە قىلدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇمنى سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، سىستېمىلىق تۈزەش، مەنبەدىن تۈزەشتە چىڭ تۇرغاندا، چوقۇم تېخىمۇ كۆپ ھاياتلىق تومۇرىنى تۇتاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ يېشىل ئۈمىدنى چېچىپ، تېخىمۇ كۆپ ئېكولوگىيە ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتقىلى بولىدۇ.

بۇ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ كۈچلۈك ئەمەلدە كۆرسىتىلىشى. شىنجاڭ تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىنى قاشالاش قۇرۇلۇشى قۇم- بوراننىڭ ھۇجۇمىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ ئېكولوگىيە- مۇھىتىنى قوغداپلا قالماي، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغلارنىڭ بايلىققا ئايلىنىشىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، شۇ جايدىكى پۇقرالارغا تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىدۇ. شىنجاڭ ھەر مىللەت ئاممىسىغا نەپ يەتكۈزۈشنى ئىنتىلىش قىلىپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش بىلەن خەلقنى بېيىتىش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، قۇملۇق رايونلاردا خاس تېرىقچىلىق، خاس مەھسۇلاتلارنى پىششىقلاش، قۇملۇق ساياھىتى قاتارلىق كەسىپ ھالىتىنىڭ بارلىققا كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «كۆكەرتىش بىلەن بېيىشنىڭ تەڭ گۈللىنىشى»نى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ، جۇڭگونىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش يولىنىڭ ئىللىق ئاساسىي رېڭى، شۇنداقلا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى يولىنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى.

بۇ، شىنجاڭ توغراق روھىغا داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىش. شىنجاڭ دۆلىتىمىزدىكى قۇم- بوراننىڭ زىيىنى ئەڭ ئېغىر رايونلارنىڭ بىرى بولۇش، دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي قىسمىدىكى قۇم- بوراننىڭ ئاساسلىق قۇم مەنبەسى رايونى ۋە يول رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، چۆللىشىشنى تۈزەش مەغلۇپ بولۇشقا بولمايدىغان، شۇنداقلا قەتئىي غەلىبە قىلىدىغان بىر مەيدان جەڭ. شىنجاڭ خەلقى توغراق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، 40 نەچچە يىل ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ ئىشلەپ، «ھالاكەت دېڭىزى» گىرۋىكىدە ھاياتىي كۈچ ۋە ئۈمىدكە تولغان يېشىل توسۇق بەرپا قىلىپ، «بوستانلىق ئىلگىرىلەپ قۇم چېكىنىش»تىن ئىبارەت ھەيۋەتلىك مەنزىرىنى ئۈزلۈكسىز نامايان قىلدى. كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، شىنجاڭ خەلقى يەنىلا ئىرادىسىدىن قايتماي، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، تاغنى تالقان، چۆلنى بوستان قىلىدىغان ئۇلۇغۋار ئىرادە، تاشنى دومىلىتىپ تاغقا ئېلىپ چىقىدىغان ئىرادە ۋە جاسارەت بىلەن تەرەققىيات يولىدىكى ھەربىر جاپا- مۇشەققەت ۋە خەۋپ- خەتەر، توسالغۇلارنى يېڭىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىدۇ، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

گىرۋەكنى قاشالاپ قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس، سېرىق قۇمنىڭ يامرىشىنى توسۇپ، قۇم ئۇۋىسىنى تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخكە ئايلاندۇرۇش قۇم تىزگىنلەش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى نىشان ئىنتىلىشى. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، بىز شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، قۇم تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ تۈپتىن ياخشىلىنىشى ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان يېڭى مەنزىرىنى تېخىمۇ ياخشى سىزىپ چىقايلى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125