دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن بولغان قۇملۇق ئايلانما ئېكولوگىيە توسۇقى شىنجاڭدا تۇتاشتۇرۇلدى
10:34:14 2024-11-30 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن بولغان قۇملۇق ئايلانما ئېكولوگىيە توسۇقى شىنجاڭدا تۇتاشتۇرۇلدى

 3046 كىلومېتىر! تەكلىماكان «يېشىل شارپا» تاقىدى

11- ئاينىڭ 28- كۈنى، قاغىلىق ناھىيەسىدىكى 200 مىڭ مو ئېكولوگىيە ئورمىنى بازىسىغا بوشلۇقتىن نەزەر. بازىدا، ئاق تېرەك، توغراق ۋە جىگدە دەرىخى «قول تۇتۇشۇپ» قۇم دېڭىزىنى ئايرىپ تۇرىدۇ.  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىرلىرى ساۋ خۇا، پەرىزات ئابدۇل) ئورەك كولاش، كۆچەت سېلىش، توپا تىندۇرۇش، چىڭداش... ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈپ قۇملۇق قىزىلگۈل كۆچىتى قۇم تۇپراققا پۇختا تىكىلگەندە، نەق مەيداندىكى كىشىلەر توپى «تۇتاشتۇرۇلدى!» دەپ قىزغىن تەنتەنە قىلىشتى.

11- ئاينىڭ 28- كۈنى سائەت 10دىن 37 مىنۇت ئۆتكەندە، كېرىيە ناھىيەسى ۋەنخۇايۈەن قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش رايونىدا، كەڭلىكى 50 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 100 مېتىر كېلىدىغان ئەڭ ئاخىرقى بوش قالغان رايونغا كۆچەتلەرنىڭ تىكىلىشىگە ئەگىشىپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىنى چۆرىدىگەن ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 3046 كىلومېتىر كېلىدىغان يېشىل قۇم توسۇش مۇداپىئە بەلبېغى تۇتاشتۇرۇلدى. سۈنئىي ھەمراھ يىراقتىن سېزىش تەسۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن بولغان قۇملۇق ئايلانما يېشىل ئېكولوگىيە توسۇقى ئىكەن.

«بۈگۈن جەمئىي 30 تۈپ كۆچەت تىكتىم، مەن ۋە كەلگۈسىدىكى بۇ گۈلزارلىق بىز جۇڭگولۇقلارنىڭ قۇم تىزگىنلەشتىكى مۇھىم تارىخىي پەيتىگە گۇۋاھ بولدۇق. بەك ھاياجانلاندىم!» 33 ياشلىق مەتروزى مەتتۇرسۇن قۇملۇققا يېقىن بولغان كېرىيە ناھىيەسى ئويتوغراق يېزىسى توغرا ئۆستەڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى بولۇپ، ئۇ قولىدىكى توپىنى قاققاچ مۇخبىرغا شۇنداق دېدى.

ئوغلى ناھايىتى ھاياجانلاندى، 57 ياشلىق دادىسى مەتتۇرسۇن ئىمىننىيازنىڭ چېھرىدىمۇ كۈلكە جىلۋىلەندى، ئۇ ئالايىتەن 20 كىلومېتىر يول يۈرۈپ تۇتاشتۇرۇش نەق مەيدانىنى كۆرگىلى كەلگەنىدى، «بۇ يېشىل توسۇق كەلگۈسىدە چوقۇم ئائىلىمىزگە ياخشى ھوسۇل ئېلىپ كېلىدۇ».

تەكلىماكان قۇملۇقى شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىغا جايلاشقان، دۇنيا بويىچە 2- چوڭ كۆچمە قۇملۇق بولۇپ، كۆلىمى 337 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل- يېغىن مىقدارى تەخمىنەن 50 مىللىمېتىر، سۇنىڭ پارغا ئايلىنىش مىقدارى بولسا 2500 مىللىمېتىردىن كۆپرەك بولۇپ، «ھالاكەت دېڭىزى» دەپ ئاتالغان.

«تەكلىماكان قۇملۇقى جۇڭگودىكى قۇم- بوران ھەرىكىتى ئەڭ كۈچلۈك ۋە قۇم- بوران ئاپىتى ئەڭ ئېغىر رايون بولۇپ، ئاتموسفېرا ئايلانما ئېقىمىنىڭ تەسىرىدە بوستانلىقلارغا ئۈزلۈكسىز تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇ جۇڭگودىكى ئاساسلىق چاڭ- توزان مەنبەسى ۋە شامال چىقىش ئېغىزى» دېدى شىنجاڭ ئورمانچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئورمان بىنا قىلىش- قۇم تىزگىنلەش تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى ليۇ يۇڭپىڭ.

1978- يىلى، جۇڭگو «ئۈچ شىمال» ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشىنى باشلىدى. 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشىغا تايىنىپ، قۇم- بوراننىڭ زىيىنىغا ئۇچرايدىغان رايونلاردا جەمئىي 70 مىليون مودىن ئارتۇق كۆچەت تىكىپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدە 2761 كىلومېتىرلىق يېشىل توسۇق شەكىللەندۈردى، 285 كىلومېتىر بوش قالغان رايون قۇملۇقنىڭ جەنۇبىدىكى قۇم- بوران خەۋپى ئەڭ كۈچلۈك، شارائىتى ئەڭ ناچار رايونلارغا مەركەزلەشكەن.

«خوتەن- چاقىلىق تۆمۈريولىنىڭ پۈتۈشىگە ئەگىشىپ، گولمۇد- كورلا تۆمۈريولى، قەشقەر- خوتەن تۆمۈريولى جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولى بىلەن تۇتاشتۇرۇلۇپ دۇنيا بويىچە قۇملۇقنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان تۇنجى تۆمۈريولنى شەكىللەندۈردى، بۇ 285 كىلومېتىرلىق رايوندا ئىنسانلار پائالىيىتى تەدرىجىي كۆپەيدى، بۇنىڭ بىلەن قۇمدىن ئۈنۈملۈك مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش كۈنسېرى تەخىرسىز بولدى» دېدى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى چېن يانىڭ.

2023- يىلى 11- ئاينىڭ 13- كۈنى، كېرىيە ناھىيەسىدىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇشنىڭ ئىش باشلانغانلىقىنى بەلگە قىلىپ، شىنجاڭ تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنىڭ ئاتاكا سىگنالىنى ياڭراتتى.

بىر يىلدىن كۆپرەك جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىش ئارقىلىق، شىنجاڭ تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى بوش قالغان رايونلارنى يېشىل توسۇق بىلەن تۇتاشتۇرۇشنى نىشان قىلىپ، بىيولوگىيەلىك قۇم تىزگىنلەش، قۇرۇلۇش ئارقىلىق قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش، يورۇقلۇق ۋولت + قۇم تىزگىنلەش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىلدىكى «قۇملۇق گىرۋىكىنى قاشالاش»نى قانات يايدۇرۇپ، كېرىيەدە «پەلەمپەيسىمان ئېتىز ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەش»، شاياردا يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق توك چىقىرىپ سۇ تارتىپ قۇم تىزگىنلەش قاتارلىق بىر تۈركۈم شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ قۇم تىزگىنلەشنىڭ يېڭى يوللىرى ئۈستىدە ئىزدەندى.

«بۇ، جۇڭگونىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەشتىكى يېڭى مۆجىزىسى، بۇنداق چوڭ قۇرۇلۇشنى باشقا دۆلەتلەردە تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.» ليۇ يۇڭپىڭ دۇنيا مىقياسىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قۇم تىزگىنلەش نەتىجىلىرىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلغان، ئۇ مۇنداق دېدى: قۇملۇق ئايلانما يېشىل ئېكولوگىيە توسۇقى شىنجاڭ تىيانشان تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداپ، شۇ جايدىكى ئاھالىلەرگە تېخىمۇ ياخشى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى يارىتىپ بېرىپ، جۇڭگونىڭ ئېكولوگىيەنى تۈزەش پەن- تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى ۋە تەشكىللەش ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى.

تۇتاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلغاندىن كېيىن، شىنجاڭ تەكلىماكان قۇملۇقى ئايلانما يېشىل ئېكولوگىيە توسۇقىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، 2030- يىلىغا بارغاندا 35 مىليون 144 مىڭ 900 مو قۇملاشقان يەرنى تۈزەشنى تاماملايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125