ئەسلىي ماۋزۇسى: ئولىمپىك چېمپىيونلىرى تىيانشان تۆمۈر مەنزىرە رايونىدا نېمە ئىشلارنى قىلغاندۇ
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى رۇي فوتوسى ۋە خەۋىرى) 11- ئاينىڭ 28- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، «پارىژدا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش . ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە چاقناش − ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى چېمپىيونلىرى بىلەن يۈزتۇرا كۆرۈشۈش» سەييارە لېكسىيە سۆزلەش شىنجاڭ بېكىتى پائالىيىتى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئونسۇ ناھىيەسىدىكى تىيانشان تۆمۈر مەنزىرە رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئولىمپىك چېمپىيونلىرى مەنزىرە رايونىدا ناخشا-ئۇسسۇل نومۇرلىرىدىن ھۇزۇرلاندى، تۆمۈر چوڭ جىلغىسىدا دالا موتوسىكلىتى ھەيدەپ، سۈرئەت ۋە قايناق ھېسسىياتنى، تەبىئەتنىڭ ئاجايىپ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدى.
ئولىمپىك چېمپىيونلىرى تىيانشان تۆمۈر مەنزىرە رايونىدا شەھەر دەرۋازىسىنى ئېچىش مۇراسىمىنى كۆرمەكتە.
جيا يىفەن ئارتىسلار بىلەن ھەمتۈرتكە بولماقتا.
ئولىمپىك چېمپىيونلىرى ئۇسسۇل ئارتىسى بىلەن ھەمتۈرتكە بولماقتا.
پەن جەنلې ئۇسسۇل ئارتىسى بىلەن بىللە ئۇسسۇل ئوينىماقتا.
پەن جەنلې پۈتۈن يەر شەكىللىك دالا موتوسىكلىتى ھەيدىمەكتە.
ليۇ يۈكۇن دالا موتوسىكلىتى ھەيدىمەكتە.
جاڭ يۈفېي تۆمۈر چوڭ جىلغىسىدا سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا.