تۇنجى قېتىم ئاپتونوم رايونلۇق ئىككى مەھكىمىنىڭ خىزمىتى توغرىسىدا مەخسۇس تېمىدا سوئال سورالدى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ لېي) ئاپتونوم رايونلۇق 14- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 16- يىغىنى 11- ئاينىڭ 27- كۈنى چۈشتىن كېيىن بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنى ئۆتكۈزدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى رېۋىزىيە ۋە ئەدلىيە كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر ھەم ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بولۇپ يەتتە كىشى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى خىزمەت تەلىپىنى چىڭ كۆزلەپ، مەمۇرىي سوت قىلىش ۋە مەمۇرىي تەپتىش قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشنى چۆرىدەپ سوئال سورىدى، بۇ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تۇنجى قېتىم ئاپتونوم رايونلۇق ئىككى مەھكىمىنىڭ خىزمىتى توغرىسىدا مەخسۇس تېمىدا سوئال سوراشنى ماس قەدەمدە قانات يايدۇرۇشى ھېسابلىنىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەمۇرىي سوت قىلىش ۋە مەمۇرىي تەپتىش قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىگە بولغان تونۇشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، مەمۇرىي سوت قىلىش ۋە مەمۇرىي تەپتىش قىلىش خىزمىتىنى سىجىل كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش ۋە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشتىكى تالاش ـ تارتىشلارنى ماھىيەتلىك ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى تېخىمۇ ياخشى ئالغا سىلجىتىشنى تىرەك ۋە كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەن شى يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى گاۋ جىمىڭ، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا كېلىپ سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بەردى ھەم ئىككى مەھكىمىگە ۋاكالىتەن ئىپادە بىلدۈرۈپ سۆز قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدلىيە نازارىتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر- يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا كېلىپ سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بەردى، «بىر سوئالغا بىر جاۋاب» شەكلىدىكى سوئال سوراشنى قوبۇل قىلىپ، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا كونكرېت ھەل قىلىش چارىسى ۋە ياخشىلاش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىلىرى، خەلق تەپتىش مەھكىمىلىرى قانۇنچىللىق مەسئۇلىيىتىنى پۇختا زىممىگە ئېلىپ، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، سوت قىلىش ھوقۇقى، تەپتىش قىلىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە مۇستەقىل يۈرگۈزۈپ، ھەربىر دېلونى يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى بېجىرىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە ياخشى قوغداپ، مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشىنى نازارەت قىلىپ، قانۇننىڭ توغرا، ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئادىللىق، ھەققانىيلىقنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مۇداپىئە سېپىنى ياخشى ساقلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش جەھەتتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.
زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق تەكىتلىدى: قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپە ۋە ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى. ھەرقايسى ئالاقىدار تەرەپلەر قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش پىروگراممىسىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئادا قىلىپ، قانۇن نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈشنى كۈچەيتىپ، ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچەپ، بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭنىڭ قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.
ۋاڭ مىڭشەن، لى نىڭپىڭ، توختى ياقۇپ، دىلشات قىدىرخان، پىڭ شىنلەي، ۋاڭ گوخې، مەمتىمىن قادىر يىغىنغا قاتناشتى.
ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.