چېن مىڭگو شىنجاڭ ساقچى شۆيۈەنىدە ئىدىيەۋى- سىياسىي دەرس سۆزلىدى
10:57:30 2024-12-01 ئانار

 مەڭگۈ پارتىيە ۋە خەلقنىڭ سادىق قوغدىغۇچىلىرىدىن بولۇش كېرەك

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سۈي يۈنيەن) 11- ئاينىڭ 28- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئىدىيەۋى- سىياسىي دەرس سۆزلەش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسى- ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي- قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن مىڭگو شىنجاڭ ساقچى شۆيۈەنىدە ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلارغا ئىدىيەۋى- سىياسىي دەرس سۆزلىدى.

چېن مىڭگو «پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنايلى» باش تېمىسىدا، پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا چۈشىنىش، ئىگىلەش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، شىنجاڭنىڭ سىياسىي ـ قانۇن خىزمىتى دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىلەر، يېڭى دەۋردە ساقچىلىق كەسپى بويىچە تەربىيەلىنىۋاتقان ياشلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىد قاتارلىق جەھەتلەردىن ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

چېن مىڭگو مۇنداق تەكىتلىدى: ساقچىلىق كەسپى بويىچە تەربىيەلىنىۋاتقان ياشلار ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، «گۇڭئەن پارتىيەنىڭ بولۇش» «ساقچى شۆيۈەنى پارتىيەنىڭ بولۇش»تىن ئىبارەت سىياسىي خاراكتېرنى ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلاپ، ساقچى بولۇش يولىدىكى بىرىنچى قەدەم، بىرىنچى پەيتتىلا ساداقەتمەنلىك ئۇلىنى مۇستەھكەملەپ، مەنىۋى يۈكسەكلىكنى ساقلاپ، مەڭگۈ پارتىيە ۋە خەلقنىڭ سادىق قوغدىغۇچىلىرىدىن بولۇشى كېرەك؛ ئاڭلىق ھالدا دەۋر بىلەن ئوخشاش يۆنىلىشتە تەڭ قەدەمدە مېڭىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، مىننەتدارلىقنى ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىرادىسى، كۈرەش ئىرادىسىگە ئايلاندۇرۇپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادىسىنى شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق مۇساپىسىگە سىڭدۈرۈشى كېرەك؛ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ مۇھىملىقى ۋە زۆرۈرلۈكىنى تولۇق تونۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قىزغىن ئەمەلىيىتىگە پائال ئاتلىنىش كېرەك.

بۇ مەزگىلدە، چېن مىڭگو ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى، «ئۈچكە كىرىش، ئىككى بىلەن ئالاقىلىشىش، بىر بىلەن دوستلىشىش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى ھەم ساقچى ئىشلىرى ئەمەلىي مەشىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125