«داۋانچىڭ قىزى»دىن كۆرۈنۈش. (سۈرەتنى ئويۇن قويغۇچى تەرەپ تەمىنلىگەن)
11- ئاينىڭ 27- كۈنى، ئۈرۈمچى مۇنەۋۋەر ناخشا- ئۇسسۇلى «داۋانچىڭ قىزى» ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى تىياتىرخانىسىدا ئەڭ ئاخىرقى بىرلەشمە ئويۇن قويۇشنى ئاخىرلاشتۇردى، ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتقان بۇ بىر مەيدان كاتتا مەدەنىيەت زىياپىتى 11- ئاينىڭ 28- كۈنىدىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتتە بىر ئاي سەييارە ئويۇن قويۇش سەپىرىنى باشلىدى.
بۇ بىر ئاي ئىچىدە سەييارە ئويۇن قويۇش ئۆمىكى خاڭجوۋ، نەنجىڭ، خەيكوۋ، دۇڭفاڭ، چاڭجوۋ قاتارلىق نۇرغۇن شەھەرلەرگە بېرىپ، شىنجاڭ ناخشا- ئۇسسۇللىرىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ۋەتىنىمىزنىڭ ھەممە جايلىرىغا يەتكۈزىدۇ.
«داۋانچىڭ قىزى» ناملىق ناخشا شىنجاڭنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك مەدەنىيەت- سەنئەت IPسى بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تاماشىبىنلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. شۇ كۈندىكى بىرلەشمە ئويۇندا لەرزان ئۇسسۇل ۋە كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدىغان مۇزىكا مېلودىيەسى تاماشىبىنلارنى داۋانچىڭغا تەلپۈندۈردى.
پۈتۈن مەملىكەتتە سەييارە ئويۇن قويۇشنىڭ تۇنجى بېكىتى 11- ئاينىڭ 30- كۈنى خاڭجوۋدا باشلىنىدۇ، جۇشقۇن شىنجاڭ ئۇسسۇلى ۋە لەرزان، مۇڭلۇق مېلودىيەلەر شۇ جايدىكى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتىدۇ.
ئويۇن قويۇش جەريانىدا سەھنە ئارقا كۆرۈنۈشىنى نامايان قىلىش، نومۇر ئارىلىقىدىكى تونۇشتۇرۇش ۋە نەق مەيداندا تەشۋىقات ماتېرىياللىرىنى تارقىتىش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق ھەرقايسى جايلاردىكى تاماشىبىنلارغا ئۈرۈمچىنىڭ مول ساياھەت بايلىقى ئومۇميۈزلۈك تونۇشتۇرۇلۇپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچى ئۈرۈمچىگە كېلىپ ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلىنىپ، ئۇلارغا شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ساياھەت سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئۈرۈمچىنىڭ ھەرقايسى جايلار بىلەن بولغان مەدەنىيەت- ساياھەت ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئۈرۈمچىنىڭ مەدەنىيەت- ساياھەت كەسپىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇنىدۇ.
«داۋانچىڭ قىزى» ناملىق ناخشا- ئۇسسۇل ئويۇن بېلىتى دامەي، ماۋيەن، دوۋيىن سۇپىلىرىدا سېتىلىدۇ. (مۇخبىر ۋاڭ چاڭتۇڭ)