ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش | 110 كارخانا كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق 305 مىليون يۈەنلىك ئىستېمالغا تۈرتكە بولدى
15:43:17 2024-12-02 «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

    «كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرغاندا، دۆلەتنىڭ 15 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ»، «يۇقىرى بولغاندا %50 سېتىۋېلىش بېجى ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ»، «ئالماشتۇرغاندا 20 مىڭ يۈەنگە ھېسابلاپ ئالماشتۇرىدۇ»... 11- ئاينىڭ 28- كۈنى ئۈرۈمچى سەيبوتې ئاپتوموبىل شەھەرچىسىنىڭ ھەممىلا يېرىدە كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشتىكى ئېتىبار بېرىش ئۇچۇرلىرىنى ئۇچراتقىلى بولاتتى، بۇ نۇرغۇن ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسىنى ئاپتوموبىللارغا ئولتۇرۇپ بېقىشقا، ئاپتوموبىلنى سىناپ ھەيدەپ بېقىشقا جەلپ قىلدى.

 11- ئاينىڭ 28- كۈنىگىچە ئۈرۈمچى يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)دىكى 110 كارخانا، 145 دۇكان كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا قاتنىشىپ، جەمئىي 305 مىليون يۈەنلىك ئىستېمالغا تۈرتكە بولۇپ، ئىستېمالچىلارنى «قىممەتلىك» ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈپ، «يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش»تىن «يېڭىلاش»قىچە بولغان تۇرمۇش سۈپىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.

 يىنچۈەن يولىدا ئولتۇرۇشلۇق جاۋ شىفېن پائالىيەت سىياسىتىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، يېڭى ئاپتوموبىلدىن بىرنى سېتىۋالدى ھەمدە خىزمەتچى خادىملارنىڭ ياردىمىدە ئالاقىدار ياردەم پۇلىنى ئىلتىماس قىلىش رەسمىيىتىنى بېجىردى، «مەن خافو H6 تىپلىق ئاپتوموبىل سېتىۋالدىم، دۆلەتنىڭ ياردەم پۇلى، ئاپتونوم رايوننىڭ ياردەم پۇلى، زاۋۇتنىڭ ياردەم پۇلى، دۇكاننىڭ ياردەم پۇلى قاتارلىق تۆت دەرىجىلىك ياردەم پۇلى قوشۇلۇپ جەمئىي 55 مىڭ يۈەن تېجەپ قالدىم، باھاسى ھەقىقەتەن مۇۋاپىق بولدى».

 11- ئاينىڭ 28- كۈنىگىچە يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)دا جەمئىي 1452 ئاپتوموبىل سېتىلدى ھەمدە كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ئىلتىماسى سۇنۇلدى، سېتىش سوممىسى 175 مىليون يۈەنگە يەتتى.

 ئاپتوموبىل ئىستېمالى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى بازىرىمۇ ئوخشاشلا جانلاندى. يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) ئىشچىلار مەدەنىيەت سارىيىدا، جۇڭليەن ئېلېكتىر سايمانلىرى شىركىتى قانات يايدۇرغان كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش پائالىيىتى نۇرغۇن كادىر، ئىشچى- خىزمەتچىنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى.

 چېن لى بىر ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېۋىزور سېتىۋالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن سېتىۋالغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېۋىزورنىڭ ئەسلىي باھاسى 5000 يۈەن ئىكەن، %20 ياردەم پۇلى بىلەن باھاسى 1000 يۈەن چۈشۈرۈلدى، تىجارەتچىلەر پائالىيەتتە يەنە 500 يۈەنلىك ئېتىبار بېرىش بېلىتى سوۋغا قىلغاچقا، باھاسى ئەڭ ئاخىرىدا 3500 يۈەنگە چۈشتى، ناھايىتى ئەرزان باھادا سېتىۋالدىم.

 ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە ئۆي جاھازلىرى، ئائىلە بېزەكچىلىكى ساھەسىدىمۇ يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى. ئۈرۈمچى چۈمېي ئۆي جاھازلىرى بايراقدار دۇكىنىدا ئىستېمالچىلار كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى توغرىسىدا مەسلىھەت سورىدى ۋە كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتناشتى.

 بۇ دۇكاننىڭ بوشلۇق مەسلىھەتچىسى سۈن چيۇيەن مۇنداق دېدى: ھازىر دۇكاندىكى دۆلەت + زاۋۇت قوش ياردەم پۇلى ئارقىلىق باھا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %15 كېمەيتىلىدۇ، كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، يەككە تۈردىكى ئۆي جاھازلىرىنى سېتىۋالغاندا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 2000 يۈەن ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ، قوش ياردەم پۇلى ئارقىلىق ئىستېمالچىلارغا ھەقىقىي نەپ يەتكۈزۈلىدۇ. (مۇخبىر مۇ مىن)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125