ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزدى
تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش كېرەك
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ لېي) ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى 11- ئاينىڭ 29- كۈنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزدى، يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆلكە- مىنىستىرلىق دەرىجىلىكلەر مەخسۇس تېمىلىق مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، تەجرىبە، ئۇسۇللارنى خۇلاسىلەپ، يېڭى مۇساپىدە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئەقىل- پاراسەت ۋە كۈچ مۇجەسسەملەش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر زۇمرەت ئوبۇل يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى «تۆتتە ئاساسىي قاتلامغا بېرىش»نى چوڭقۇر ئەمەلدە كۆرسىتىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى راۋاجلاندۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش قاتارلىق مۇھىم خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەھۋاللارنى ئېنىقلىدى، مەسىلىلەرنى دەل جايىدا تېپىپ چىقتى، تەدبىرلەرنى ئەمەلىي ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىش جەريانىدا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ئۆزلىرىنىڭ ئۆگىنىش ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ سۆز قىلدى. كۆپچىلىك مۇنداق قارىدى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، دىققەتنى يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ۋەزىپە- مەسئۇلىيىتى، بۇرچىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى خىزمەتلەرنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشتىكى ماھىيەتلىك نەتىجىگە ئۈنۈملۈك ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.
كۆپچىلىكنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇش، مۇھاكىمىسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن زۇمرەت ئوبۇل مۇنداق تەكىتلىدى: باشتىن- ئاخىر دىققەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەركىزىي خىزمىتىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كۈچەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا «ئەمەلىي» بولۇش، «چوڭقۇر» بولۇش، «ئۈنۈملۈك» بولۇشنى كۆزلەش كېرەك. دىققەتنى ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نىزام چىقىرىشنى كاپالەتلەندۈرۈش، تۈرتكە بولۇشنى نازارەت قىلىش ۋە ۋەكىللەر كۈچنى مۇجەسسەملەش ئارقىلىق مەسىلىلەرنى تەدرىجىي ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ھەقىقىي تۈردە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىنى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەسئۇلىيەتنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىش، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىش، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەش جەريانىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. دىققەتنى خىزمەت ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ «ئۈچنى تەكشۈرۈش (كۆزىتىش)» پائالىيىتىنى چوڭقۇر، پۇختا قانات يايدۇرۇپ، خىزمەت سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئەسقاتىدىغان، ئۈنۈملۈك بولغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى شەكىللەندۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەش، قوللىنىشقا ئەھمىيەت بېرىشكە كۈچ سەرپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش، قوللىنىشقا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىشقا پائال تۆھپە قوشۇش كېرەك.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)