«قۇياش نۇرىدا قارنى تاماشا قىلىش . ئۈرۈمچى» 22- نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يىپەك يولى قار- مۇز مەنزىرە بايرىمى 12- ئاينىڭ 7- كۈنى بەييۈن چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا رەسمىي باشلىنىدۇ.
مۇخبىرنىڭ 11- ئاينىڭ 29- كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت، رادىيو- تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى (شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى)دىن ئىگىلىشىچە، ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن كۈنى داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ چاڭغا تېيىلىش مۇسابىقىسى، قىزىقارلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، خوگو بايرىمى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدىكەن. قار- مۇز مەنزىرە بايرىمى مەزگىلىدە يەنە قار- مۇز تەنھەرىكىتى مۇسابىقىسى، قار- مۇز ئويۇنى، قار- مۇز مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسى قاتارلىق 200دىن ئارتۇق مەدەنىيەت- ساياھەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.
بۇ يىل قىشتا شەھەر رايونىدىكى ھەرقايسى چوڭ باغچىلار بەس- بەستە قار- مۇز مەنزىرىسىنى يوقلىمىدىن ئۆتۈش تۈرىنى يولغا قويدى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت باغچىسى ئۆتكۈزگەن «جۇڭگو . ئۈرۈمچى 2024- 2025 يىللىق تۇنجى نۆۋەتلىك قار- مۇز بۇتخانا سەيلىسى»، تىيانشان كىچىك جىلغىسىدىكى «جىلغىدىكى قىزىقارلىق قار- مۇز كاتتا يىغىلىشى»، شىرېنگوۋ دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى كۆڭۈل ئېچىش مۇز مەيدانى، تىيانشان چوڭ جىلغىسىدىكى قار- مۇز كاتتا مەرىكىسى، تىيانشان مىڭيۆ شەھەرچىسىدىكى گۈللۈك پانۇس، خەلق باغچىسى ۋە خۇڭسەن باغچىسىدىكى مۇز ئۈستى كۆڭۈل ئېچىش تۈرى قاتارلىقلار شەھەر ئاھالىسى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ قاتنىشىش ۋە رازى بولۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈردى.
سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى قار پەسلىدە شەھەر بويىچە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 27 مىليون (قېتىم)دىن ئېشىپ، كىرىم 22 مىليارد 100 مىليون يۈەنگە يەتكەن، قار- مۇز مەيدان، سورۇنلىرى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 1 مىليون ئادەم (قېتىم)دىن ئېشىپ، كىرىم 78 مىليون 750 مىڭ يۈەنگە يەتكەن. (مۇخبىر لى كەي)