شەھەرنىڭ شىمالىدا ساياھەتچىلىك جانلاندۇرۇلدى
سەيۋەي شۈيشياڭ ئېكولوگىيەلىك دېھقانچىلىق مەيدانىدا تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىشكە قاتناشقان كىچىك دوستلار ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ پۇرچاق سۈتى تەييارلىماقتا. («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى مۇ مىن خەۋىرى، شى لېي فوتوسى)
باش قىش پەسلىدە ئۈرۈمچى يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)نىڭ ئەنەنچۈ بازىرىدىكى سەيۋەي شۈيشياڭ ئېكولوگىيەلىك دېھقانچىلىق مەيدانىدا دۇفۇ ياساش جەريانىدا بىر تال پۇرچاقتا بولىدىغان ئاجايىپ ئۆزگىرىشنى چۈشەنگىلى ياكى پېشقەدەم ياغاچچىدىن ياغاچ تۇتقۇچ ياساشنى ئۆگەنگىلى بولىدۇ؛ چىڭگېداخۇ يېزىسى تىيانشان كەنتىدىكى ليۇموبەن قول ھۈنەر مەدەنىيەت ئىجادىيىتى باغچىسىغا بېرىپ، ئۆسۈملۈكلەرنى باغلاپ بوياش خۇشاللىقىنى ھېس قىلغىلى ياكى شۇ جايدا ئۆستۈرۈلگەن شياڭفېي تاشئالمىسىدىن «چۈرۈك» تاڭخۇلۇ ياسىغىلى بولىدۇ... قىش پەسلى يېتىپ كېلىش ئالدىدا يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) كۆپ تۈرلۈك تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.
11- ئاينىڭ 29- كۈنى سەيۋەي شۈيشياڭ ئېكولوگىيەلىك دېھقانچىلىق مەيدانىدا جىدېباۋ خۇافۇ يەسلىسىدىن كەلگەن كىچىك دوستلار پەرتۇق تارتىپ، پەلەي ۋە ئاشپەز دوپپىسىنى كىيىپ، خىزمەتچىلەر بىلەن بىللە پۇرچاق ئېزىپ، ئاندىن پۇرچاق سۈتى ۋە دۇفۇ ياساشنى سىناپ باقتى ھەمدە قول سېلىپ ئىشلەش جەريانىدا پۇرچاق ئۇيۇتمىسىنىڭ پەيدا بولۇش تارىخى، سېرىق پۇرچاق تېرىش، پۇرچاقتا بولىدىغان ئۆزگىرىش قاتارلىقلارنى ئىگىلىدى.
دۆلەت دەرىجىلىك ئېكولوگىيەلىك دېھقانچىلىق مەيدانى بولغان سەيۋەي شۈيشياڭ ئېكولوگىيەلىك دېھقانچىلىق مەيدانى ئەتىيازلىق تېرىلغۇ، كۈزلۈك يېغىم، 24 مەۋسۇم قاتارلىقلارغا ئاساسەن، بىر قاتار تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش پائالىيەتلىرىنى يولغا قويدى. ئەتىيازدا مايسا كۆچۈرۈش، يەر ئاغدۇرۇش، نېلۇپەرنى تاماشا قىلىش، شاللىقتا بېلىق تۇتۇش، كۈزدە خاسىڭ ئۈزۈش، بۇغداي ئورۇش قاتارلىقلار بار، دېھقانچىلىق مەيدانى يەنە يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تېخنىكلىرىنى نەق مەيداندا پەننى ئومۇملاشتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىپ، ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىق مەدەنىيىتىنى بالىلارنىڭ قەلبىدە يىلتىز تارتقۇزدى.
سەيۋەي شۈيشياڭ ئېكولوگىيەلىك دېھقانچىلىق مەيدانى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جاڭ سۈيلى مۇنداق دېدى: «بىزمۇ دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، قىش پەسلىدە ئۆي ئىچىدە دۇفۇ ياساش، ياغاچچىلىق قىلىش قاتارلىق تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردۇق. بۇ پائالىيەتلەر ئارقىلىق بالىلار ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ تېرىقچىلىق مەدەنىيىتىنى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ھېس قىلالىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ يىل 10- ئايغىچە سەيۋەي شۈيشياڭ ئېكولوگىيەلىك دېھقانچىلىق مەيدانى جەمئىي 70 مىڭ (قېتىم)دىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى، قىش پەسلىدىكى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش پائالىيىتىمۇ نۇرغۇن تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش ئۆمەكلىرىنى جەلپ قىلدى». قىش پەسلىدە يەنە 10 مىڭ (قېتىم)دىن ئارتۇق ساياھەتچىنى كۈتۈۋالىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
ليۇموبەن قول ھۈنەر مەدەنىيەت ئىجادىيىتى باغچىسىدا ساياھەتچىلەر ئۆسۈملۈكلەرنى باغلاپ بوياش، بىڭتاڭخۇلۇ ياساشنى ھېس قىلىپ باقتى.
ساياھەتچى چېن يا خىزمەتچى خادىملارغا ئەگىشىپ، ئاق رەڭلىك ياغلىقنى پىرقىراتقاندىن كېيىن رېزىنكە بىلەن چىڭ چىگىپ، ئاندىن ياغلىقنى ئۆسۈملۈك بويىقىغا چىلاپ بويىدى. ياغلىقنى ئاچقاندا، ئۆزگىچە نۇسخىغا ئىگە بويالغان ياغلىق پۈتۈپ چىقتى. چېن يانىڭ ئېيتىشىچە، قىش پەسلى قاتتىق سوغۇق بولغاچقا، بۇ يەرگە كېلىپ ئۆي ئىچىدە نەرسىلەرنى ئۆسۈملۈك بويىقى بىلەن بويايدىكەن، يەنە دېھقانلارنىڭ تائاملىرىنى تېتىيالايدىكەن، بۇ ناھايىتى ئۆزگىچە ئىكەن.
ليۇموبەن قول ھۈنەر مەدەنىيەت ئىجادىيىتى باغچىسى يەنە بالىلارغا چۆكۈش شەكلىدىكى تۈرلۈك ھېس قىلىش پائالىيەتلىرىنى تەييارلىدى، بۇلار دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنى تېرىش، ھايۋانلارغا يەم- خەشەك بېرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇ پائالىيەتلەر ئارقىلىق بالىلارنىڭ تەبىئەتكە يېقىنلىشىشى، تەبىئەتنى چۈشىنىشىگە شارائىت يارىتىپ بېرىشى ئۈمىد قىلىندى.
يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) مەدەنىيەت- تەنتەربىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى ساياھەت تەرەققىيات مەركىزىنىڭ مۇدىرى دۇڭ يۈجيا مۇنداق دېدى: يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) ئۆسۈملۈك باغچىسى، شىنجاڭ قەدىمىي ئېكولوگىيە باغچىسى، مېيمېي 3، شەنشەن ئوتلېتس قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرى، سودا سارايلار قار- مۇز ساياھىتىنى ھېس قىلىش، قار- مۇز مۇسابىقىسى تەنھەرىكىتى، قار- مۇز ئەدەبىيات- سەنئەت ئويۇنى، قار- مۇز يېزا- كەنت تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش قاتارلىق تۆت چوڭ تۈردىكى 20دىن ئارتۇق قىشلىق ساياھەت پائالىيىتىنى يولغا قويىدۇ. يېزا- كەنتلەردە تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىش جەريانىدا، كۆپچىلىك كۆپ تۈرلۈك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرى، دېھقانچىلىق پائالىيەتلىرىنى ھېس قىلالايدۇ، شۇنداقلا ھەرقايسى دېھقانلار ئارامگاھلىرىدا دېھقانلارنىڭ مەززىلىك تائاملىرىنى تېتىپ، شەھەرنىڭ شىمالىدىكى سەھرالارنىڭ قىشلىق مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنالايدۇ.