ياڭ سىمياۋ
تۇرمۇشتىكى نۇرغۇن ئىللىق دەقىقىنى ئەستە ساقلاشقا ئەرزىيدۇ، ئۇ بەلكىم بىر كىچىك ئىش، بىر كۈلۈمسىرەش، يەنە بەلكىم بىر قاراش، بىر قېتىملىق ماختاش بولۇشى مۇمكىن. لېكىن مېنىڭ ئېسىمدە قالغىنى يەنىلا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 5- يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چېغىمدا يامغۇردىكى «تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قېلىش» ئىدى.
ئاپتور ياڭ سىمياۋ (سۈرەتنى ئاپتور تەمىنلىگەن)
2021- يىلدىكى بىر سەھەر ئىدى، مەن ئاۋۋالقىدەكلا خۇشال- خۇرام ھالدا بوغچامنى يۈدۈپ مەكتەپكە ماڭدىم. يول بويى بېشىمنى كۆتۈرۈپ زەڭگەر ئاسمانغا قارىدىم. «چۈشتە گۈلدۈرمامىلىق ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغىدىكەن، كۈنلۈك ئېلىۋېلىشنى ئۇنۇتماڭ». ئىشىكتىن چىقار چېغىمدا ئانامنىڭ تاپىلىغانلىرى قۇلاق تۈۋىمدە توختىماي جاراڭلايتتى. لېكىن، مەن بۇ چاغدا سۈپسۈزۈك ئاسمانغا قاراپ، ئىچىمدە بىر ئاز ئاغرىنغان ھالدا: «ئاناممۇ- زە، بەك كوت- كوت، بۇنداق ياخشى ھاۋادا ھەرگىز يامغۇر ياغمايدۇ، ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتنىڭ بۇنداق توغرا بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن»، دېدىم.
مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن، جىددىي ئۆگىنىشكە كىرىشىپ كەتتىم. ناھايىتى تېزلا، چۈشتىن بۇرۇنقى گۈزەل چاغلار ئاخىرلاشتى، ھاۋامۇ ئىزچىل مۆلچەرىمدىكىدەك «ئوچۇق» بولدى. مەن ئۆزۈمنىڭ «ئاقىلانە قارارىم»دىن خۇشال بولۇۋاتقىنىمدا، «گۈلدۈر» قىلغان چاقماق ئاۋازى ئاسماننى يېرىپ ئۆتتى. ئارقىدىنلا، پۇرچاقتەك يامغۇر تامچىسى ئاسماندىن چۈشۈشكە باشلاپ، «تاراس- تاراس» قىلىپ يول يۈزىگە دۇمباق چالغاندەك توختىماي چۈشۈشكە باشلىدى.
«قانداق قىلارمەن، بۇنداق قاتتىق يامغۇردا، يۈگۈرۈپ قايتساممۇ <سۇغا چۈشكەن مۈشۈكتەك> بولۇپ قالىمەن». مەن شۇ ھامان ئاپامنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىغىنىمغا پۇشايمان قىلدىم، ئۆيگە قانداق قايتىش توغرىسىدا بېشىم قاتتى. مەن ئىككىلىنىپ گاڭگىراپ تۇرغىنىمدا، ساۋاقداشلىرىمنىڭ ھەممىسى كېتىپ بولدى. «قانداق قىلىمەن؟ قانداق قىلىمەن؟» بىردىنلا كاللامدا «نېمە بولسا بولسۇن» دەيدىغان خىيال پەيدا بولۇپ، قورقماي يولغا چىقىپ، بىر قېتىم يامغۇردىكى «قەھرىمان» بولۇشقا تەييارلاندىم. مەن ئىشتىنىمنىڭ پۇشقىقىنى تۈرۈۋېتىپ، يوغان چامداپ مەكتەپ دەرۋازىسىدىن يۈگۈرۈپ چىقاي دەۋاتقىنىمدا، تۇيۇقسىز ئارقامدىن بىر جۈپ قول كېلىپ مېنى تارتىپ توختىتىۋالدى: «سىز نېمىشقا كۈنلۈك ئېلىۋالمىدىڭىز؟ يۈرۈڭ، سىزنى ئاپىرىپ قوياي». مەن بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىدىم، ئەسلىدە ئاپامنىڭ دوستى جاۋ ئاپاش ئىكەن، ئۇ مېنىڭ جاۋابىمنى كۈتمەيلا، بىر قولىدا كۈنلۈكنى تۇتۇپ، بىر قولىدا مۇزلاپ كەتكەن قولۇمدىن يېتىلەپ، مېنى مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدىكى يامغۇر سۈيى يىغىلىپ كەتكەن كوچىدىن ئېلىپ چىقتى. جاۋ ئاپاش يول بويى مەن بىلەن پاراڭلاشقاچ، ئۈستۈمگە يامغۇر چۈشۈپ كەتكەن- كەتمىگەنلىكىنى توختىماي سوراپ، كۈنلۈكنى پات- پات مەن تەرەپكە قىيسايتتى، مېنىڭ «ياق» دېگىنىمنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇ ئاندىن خاتىرجەم بولدى.
يامغۇر بارغانسېرى كۈچىيىپ كەتتى، قاچانلاردىدۇر سىرچىلار ئاسماننى قارا رەڭگە بوياپ بولغانىدى. ئەگەر جاۋ ئاپاش بىلەن ئۇچرىشىپ قالمىغان بولسام، مەن راستتىنلا بەك قورقۇپ كەتكەن بولاتتىم. ئايرىلىدىغان چاغدا، جاۋ ئاپاش كۈنلۈكنى ماڭا بەردى، «تېزراق قايتىپ كېتىڭ، مەن ئۆيگە كېلەيلا دەپ قالدىم». جاۋ ئاپاش گېپىنى تۈگىتىپلا يامغۇرغا قاراپ يۈگۈردى. شۇ تاپتا، جاۋ ئاپاشنىڭ يامغۇردا يۈگۈرۈپ كېتىۋاتقان سىيماسىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم ئىللىپ قالدى. ئۆيگە قايتىپ كىرگەندىن كېيىنمۇ، شۇ كۈندىكى «تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قېلىش»تىن ئىزچىل تەسىرلەندىم.
بۇ ئىشنىڭ ئۆتۈپ كەتكىنىگە خېلى ئۇزاق بولغان بولسىمۇ، لېكىن ھەر قېتىم ئەسلىگىنىمدە، قەلبىمدە بىر خىل ئىللىق ئېقىم مەۋج ئۇرىدۇ. بۇ ئىش ماڭا «باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىش»نىڭ ئىنتايىن كۆڭۈللۈك ئىش ئىكەنلىكىنى، باشقىلارغا ئىللىقلىق بېغىشلاپلا قالماي، يەنە ئۆزىنىڭ قەلبىنىمۇ نۇرلاندۇرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.
ئاپتورنىڭ ئادرېسى: شەنشى ئۆلكىسى ۋېينەن شەھىرى تۇڭگۇەن ناھىيەسى سىجى مەكتىپى 7- يىللىق 1- سىنىپ
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)