شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت سارىيىدا ساقلىنىۋاتقان نادىر ئەسەرلەر ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى ئايروبىناسىدا كۆرگەزمە قىلىنماقتا. (ئىختىيارىي مۇخبىر لېي لەن فوتوسى)
يېقىندا بىر مەيدان ئۆزگىچە قالتىس گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمىسى ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى T2 ئايروبىناسى ئۇنىۋېرسال تۈگۈن مەركىزى ۋە T3 ئايروبىناسى يېتىپ كېلىش رايونىدا ئۆتكۈزۈلدى، سەنئەت بىلەن سەپەرگە چىقىش مۇكەممەل بىرلەشتۈرۈلۈپ، يولۇچىلارغا كۆرۈش سېزىمى ۋە قەلبتىن ھېس قىلىشتىن ئىبارەت قوش ھۇزۇر بېغىشلىدى.
مۇخبىرنىڭ 11- ئاينىڭ 29- كۈنى ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى شۆبە شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىمقى گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت- ساياھەت نازارىتى بىلەن شىنجاڭ ئايروپورت (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت سارىيى بىلەن ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى شۆبە شىركىتى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ئەنئەنىۋى سەنئەت كۆرگەزمىسىنىڭ بوشلۇق چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى سەپەر جەريانىدا سەنئەتنىڭ گۈزەللىكى بىلەن تاسادىپىي ئۇچراشتۇرۇش مەقسەت قىلىنغان. كۆرگەزمىدە ماي بوياق رەسىم، سۇ بوياق رەسىم، جۇڭگوچە رەسىم قاتارلىق كۆپ خىل سەنئەت شەكىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل ئۇسلۇبتىكى، تېمىسى مول نۇرغۇن گۈزەل سەنئەت ئەسىرى كۆرگەزمە قىلىنغان بولۇپ، شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت سارىيىدا ساقلىنىۋاتقان رەقەملەشتۈرۈلۈپ نۇسخىلانغان ئەسەردىن 49ى كۆرگەزمە قىلىنغان.
گۈزەل رەڭلەر بىلەن جانلىق تۇرمۇش مەنزىرىسى، ھەيۋەتلىك مەنزىرە، پېرسوناژلار ئىنچىكىلىك بىلەن تەسۋىرلەنگەن نادىر ئەسەرلەردە سەنئەتكارلارنىڭ ئۆزگىچە ئىجادىيەت نۇقتىسى نامايان قىلىنغان. نۇرغۇن يولۇچىلار ئايروپىلان كۈتۈش جەريانىدا بۇ نەپىس رەسىملەرگە مەپتۇن بولۇپ، قەدىمىنى توختىتىپ سەنئەتتىن ھۇزۇرلاندى.
گۈزەل سەنئەت كۆرگەزمىسىنىڭ ئايروپورتتا ئۆتكۈزۈلۈشى يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش تەسىراتىنى بېيىتىپلا قالماي، مەدەنىيەت تارقىتىش ۋە ئالماشتۇرۇشتىكى بىر قېتىملىق يېڭىلىق يارىتىش سىنىقى بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، شەھەر مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى.
بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە 12- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدۇ. (مۇخبىر لى كەي، ئىختىيارىي مۇخبىر ياڭ شۇرەن)