ئۈرۈمچىدە «مۇزىكا» ساداسى پۈتۈن شەھەردە ياڭرىدى
21:50:26 2024-12-02 «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 ئۈرۈمچىدە «مۇزىكا» ساداسى پۈتۈن شەھەردە ياڭرىدى

 − شەھەر ئاھالىلىرى تۆت مەيدان ئېسىل ئويۇننى كۆرۈپ، مەدەنىيەت ئوزۇقىدىن خۇشال- خۇرام بەھرىلەندى

ئالتاي ۋىلايەتلىك ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكىنىڭ مىكرو مۇزىكا كېچىلىكى 11- ئاينىڭ 30- كۈنى CCMALL دەۋر مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى.

«دۇڭفاڭ سۇمياۋ» جاز مۇزىكا كېچىلىكى شۇ كۈنى كەچتە ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مۇزىكا زالىدا ئورۇنلاندى.

 11- ئاينىڭ 30- كۈنى، ئۈرۈمچىدە «مۇزىكا» ساداسى ياڭرىدى. شۇ كۈنى 2024- يىللىق جۇڭگو شىنجاڭ يىپەك يولى مۇزىكا پەسلىدىكى ئېسىل ئويۇنلار داۋاملىق قويۇلدى، شەھەرنىڭ جەنۇبىدىن شىمالىغىچە شىنجاڭ مۇقام سەنئەت ئورنى تىياتىرخانىسى، شىنجاڭ خەلق تىياتىرخانىسى، CCMALL دەۋر مەيدانى، ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مۇزىكا زالىدا ئورۇنلانغان تۆت مەيدان ئوخشىمىغان تۈردىكى ئەدەبىيات- سەنئەت نومۇرلىرى پۈتۈن شەھەرنى لەرزىگە سېلىپ مۇزىكا قىزغىنلىقىنى قوزغىدى.

 سائەت 18:00دە شىداچياۋغا جايلاشقان CCMALL دەۋر مەيدانى ئادەم بىلەن لىق تولدى، شەھەر ئاھالىلىرى، ساياھەتچىلەر بۇ يەردە مال سېتىۋېلىپ، ئىستېمال قىلىپ، ھەپتە ئاخىرىدىكى خۇشال كۈنلەردىن ھۇزۇرلاندى، ئالتاي ۋىلايەتلىك ناخشا- ئۇسسۇل ئۆمىكى مىللىي مۇزىكا ئەترىتىنىڭ يېتىپ كېلىشى بۇ ھەپتە ئاخىرىغا ئەدەبىيات- سەنئەت پۇرىقى قوشتى.

 دومبىرا بىلەن ئورۇنلانغان «ئاققۇ»، ئەرخۇ ۋە قۇمۇزدا ئورۇنلانغان «ئات بەيگىسى» قاتارلىق مۇزىكىلار سودا چەمبىرىكىدىكى شەھەر ئاھالىلىرىنى بۇ «قار شەھىرى»دىكى كۆرۈش- ئاڭلاش كاتتا زىياپىتىدىن بەھرىمەن قىلدى.

 ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىسى تاڭ نا مۇنداق دېدى: «بۇ خىل ئالاھىدە شەكىل سودا سارىيىنى خۇشال كەيپىياتقا چۆمدۈردى، شەھەر تۇرمۇشىدىكى ئالدىراشچىلىقلارنى ئۇنتۇپ، قەدىمىمنى توختىتىپ مۇزىكا ئاڭلىدىم، بۇ تۇيغۇ ماڭا مۇزىكىنىڭ شەھەر تۇرمۇشىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلغانلىقىنى ھېس قىلدۇردى».

 بىر مەيدان مىكرو مۇزىكا كېچىلىكى تېخىمۇ كۆپ شەھەر ئاھالىسى ۋە ساياھەتچىگە 2024- يىللىق جۇڭگو شىنجاڭ يىپەك يولى مۇزىكا پەسلىنىڭ رەڭدارلىقىنى ھېس قىلدۇردى، شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ كىشىنى تىياتىرخانىغا كىرىپ مۇزىكىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىشقا جەلپ قىلدى.

 بۇنىڭدىن ئىلگىرى شىنجاڭ مۇزېيىدىكى مىكرو مۇزىكا كېچىلىكىدە ئورۇنلانغان سەرخىل نومۇرلار داۋاملاشتۇرۇلدى، 11- ئاينىڭ 30- كۈنى سائەت 21:00دە شىنجاڭ سەنئەت ئورنى مۇقام سەنئەت ئۆمىكى ئېلىپ كەلگەن «نادىر مۇقام جەۋھىرى − چەبىيات» شىنجاڭ مۇقام ئۆمىكى تىياتىرخانىسىدا ئورۇنلاندى.

 «چەبىيات»− «ئون ئىككى مۇقام» يۈرۈشلۈكىنىڭ ئىچىدىكى ئىككىنچى مۇقام بولۇپ، ئاساسلىقى شىمالىي شىنجاڭ رايونىدىكى ئىلى ۋە جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدىكى قەشقەر، كۇچا قاتارلىق جايلارغا تارقالغان.

 مۇزىكانت ئاينۇر ئىبراھىم شىنجاڭ سەنئەت ئورنى مۇقام سەنئەت ئۆمىكىنىڭ راۋاب سازەندىسى بولۇپ، كىچىكىدىن تارتىپلا مۇزىكا ئۆگەنگەن. ئۇ 2024- يىللىق جۇڭگو شىنجاڭ يىپەك يولى مۇزىكا پەسلىدە ئويۇن قويۇشقا قاتناشقانلىقى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مۇزىكا پەسلى بىزگە تېخىمۇ كەڭ سەھنە ھازىرلاپ بەردى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ كۆڭۈل قويۇپ مۇزىكا ئورۇنلاپ، مۇقام سەنئىتىنى تېخىمۇ كەڭ ئەۋج ئالدۇرىمىز».

 شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۈرۈمچى مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مۇزىكا زالىدا لو نىڭ بىلەن دوستلىرىنىڭ جاز مۇزىكا كېچىلىكى ئۆز قەرەلىدە ئۆتكۈزۈلدى.

 لو نىڭ جۇڭگونىڭ داڭلىق جاز مۇزىكىسى پىيانىستى، كومپوزىتور، مۇزىكانت.

 شۇ كۈندىكى مۇزىكا كېچىلىكىدە لو نىڭ ئەلقەم، ئىلھام قاتارلىق مۇزىكانتلار بىلەن بىرلىكتە كۆپچىلىككە قالتىس مۇزىكا تەسىراتى ۋە روھىي ئازادىلىك ئېلىپ كېلىپ، نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

 2024- يىللىق جۇڭگو شىنجاڭ يىپەك يولى مۇزىكا پەسلى ئۈرۈمچى ۋە ئەتراپتىكى شەھەرلەردىكى ئەدەبىيات- سەنئەت ھەۋەسكارلىرىغا يۇقىرى سۈپەتلىك مۇزىكا كاتتا مەرىكىسىنى ھېس قىلدۇرۇپلا قالماي، يەنە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىنىڭ مۇزىكىلىرىنى بۇ يەرگە جەم قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ساياھەتچىلەرگە يىپەك يولى سەنئىتىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى نامايان قىلىدىغان كۆزنەك بەرپا قىلدى.

 ئىگىلىنىشىچە، 2024- يىللىق جۇڭگو شىنجاڭ يىپەك يولى مۇزىكا پەسلىدە «ئىناقلىق مېلودىيەسى، ئارزۇنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، مەدەنىيەت- ساياھەت مىنىستىرلىقى سەنئەت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت- ساياھەت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن. بۇ قېتىملىق سەنئەت پەسلى سىمفونىيە ئاساس قىلىنغان يۇقىرى ئۆلچەملىك، يۇقىرى سەۋىيەلىك مۇزىكا كاتتا مەرىكىسى بولۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن 1000 مۇزىكانت تەكلىپ بىلەن قاتنىشىدىكەن.

 12- ئاينىڭ 1- كۈنى «قار شەھىرىدىكى سادا» مىللەتلەر مۇزىكا كېچىلىكى، 12- ئاينىڭ 6-، 7- كۈنلىرى لەنجوۋ سىمفونىيە ئۆمىكىنىڭ «سۈرەتتەك تاغ- دەريالار» ۋە «يىپەك يولىدىكى ئوي- خىياللار» مۇزىكا كېچىلىكى، 12- ئاينىڭ 7- كۈنى «مەڭگۈلۈك مۇھەببەت» رىچارد كلايدمان پىيانىنو مۇزىكا كېچىلىكى قاتارلىق ئويۇنلار ئارقا- ئارقىدىن ئۈرۈمچىدە ئورۇنلىنىپ، قار- مۇز ساياھەتچىلىكىنىڭ ئاۋات مەزگىلىدە شەھەرگە مۇزىكا ئارقىلىق كۈچ قوشۇپ، تېخىمۇ گۈزەللىك بېغىشلايدۇ. (مۇخبىر ۋاڭ چاڭتۇڭ خەۋىرى، فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125