11- ئاينىڭ 28- كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەمىنات- سودا ھەمكارلىق باش كوپىراتىپى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەمىنات- سودا ھەمكارلىق باش كوپىراتىپى بىرلىكتە مەملىكەت بويىچە تەمىنات- سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپى سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ، ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ئىلغار خىزمەتچىلەرنى تەقدىرلىدى، ئۈرۈمچى شەھىرى مىدۇڭ رايونلۇق تەمىنات- سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپى «مەملىكەت بويىچە تەمىنات- سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپى سىستېمىسىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ» دېگەن نامغا ئېرىشتى.
مۇخبىرنىڭ 11- ئاينىڭ 29- كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك تەمىنات- سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل پۈتۈن شەھەردىكى تەمىنات- سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپى سىستېمىسى دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باش تېمىسىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تەمىنات- سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرغان؛ دىققەتنى يېزا ئىگىلىكى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئاساسىي مەقسىتىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرگەن؛ دىققەتنى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاساسىي مەسئۇلىيەت، ئاساسىي كەسىپنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، پۈتۈن شەھەرنىڭ تەمىنات- سودا ھەمكارلىق ئىشلىرىنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرغان. 2024- يىلى 1- ئايدىن 10- ئايغىچە پۈتۈن شەھەردىكى تەمىنات- سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپى سىستېمىسىنىڭ سېتىش ئومۇمىي سوممىسى 1 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %61.34 ئاشقان. (مۇخبىر ۋاڭ شۈەن)