شىنجاڭ ئارخېئولوگىيە ئەۋرىشكە ئامبىرىنىڭ 1- قارارلىق ئۈنۈم خەرىتىسى. (سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن)
شىنجاڭ ئارخېئولوگىيە ئەۋرىشكە ئامبىرىنىڭ پۈتۈش مۇراسىمى 11- ئاينىڭ 29- كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى.
مەملىكەت بويىچە تۇنجى تۈركۈمدە قۇرۇلغان نۇقتىلىق رايون ئارخېئولوگىيە ئەۋرىشكە ئامبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭ ئارخېئولوگىيە ئەۋرىشكە ئامبىرى قۇرۇلۇشى تۈرى دۆلەتنىڭ «14- بەش يىل» مەزگىلىدىكى مەدەنىيەتنى قوغدايدىغان، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىدىغان، مەدەنىيەتتىن پايدىلىنىدىغان نۇقتىلىق قۇرۇلۇش بولۇپ، قۇرۇلۇش ئورنى ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى تاۋيۈەن يولىغا جايلاشقان، جەمئىي 30 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 5817 كىۋادرات مېتىر، يەر ئاستى بىر قەۋەت، يەر ئۈستى تۆت قەۋەت قىلىپ لايىھەلەنگەن.
ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت- ساياھەت نازارىتى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى- مۇزېي ئورنى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى شۈ رۇيجۈن مۇنداق دېدى: «شىنجاڭنىڭ ئارخېئولوگىيە ئەۋرىشكە ئامبىرى قۇرۇلۇشى تۈرىنىڭ پۈتۈشى شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىشلىرى تەرەققىيات تارىخىدىكى ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە زور ئىش، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك، جۇڭگو خىسلىتى، جۇڭگو سالاپىتى ئارخېئولوگىيە ئىلمىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈشتىكى مۇھىم يارقىن نۇقتا».
ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت- ساياھەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى لى جۈن مۇنداق دېدى: «شىنجاڭ ئارخېئولوگىيە ئەۋرىشكە ئامبىرىنىڭ قۇرۇلۇشى شىنجاڭنىڭ ئارخېئولوگىيە بايلىق ئۈستۈنلۈكىنى يەنىمۇ قوزغىتىپ، شىنجاڭنىڭ قىممەتلىك تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ياخشى قوغداپ، ياخشى بايان قىلىپ ۋە چۈشەندۈرۈپ، ياخشى پايدىلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن دۆلىتىمىز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكى ۋە كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون ئىكەنلىكىنى ئېنىق سۆزلەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە دۇنيا مەدەنىيلىكىگە قوشقان مۇھىم تۆھپىسىنى ياخشى نامايان قىلىپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە».
ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت- ساياھەت نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ تەقسىملەشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن پەن تەتقىقات ئەۋرىشكىسى ۋە ھازىر بار بولغان شىنجاڭ ئارخېئولوگىيە ئەۋرىشكە ئامبىرى قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىدىغان يەردىن ياخشى پايدىلىنىشىنى قوللاپ ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىپ، قېرىنداش ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلارنىڭ «ئاكادېمىيە (ئورۇن)، ساراي (مەركەز) بىر گەۋدىلەشكەن» ئارخېئولوگىيە ئاپپاراتى قۇرۇش تەجرىبىسىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، شىنجاڭ ئارخېئولوگىيە ئەۋرىشكە ئامبىرى ئىقتىدارى بىلەن يۈرۈشلەشتۈرۈش، سىستېمىلىق قوغداش، ئارخېئولوگىيە ئىلمىي تەتقىقاتى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تەشۋىق- تەربىيەسى قاتارلىق كۆپ توپلاپ بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن شىنجاڭ ئارخېئولوگىيە ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش بازىسى (ئارخېئولوگىيەلىك تەتقىقات مەركىزى) بەرپا قىلىشنى پىلانلايدۇ. (مۇخبىر ۋاڭ لېي)