تۈرلەر يەر بىلەن «تېزدىن لايىقلاشتۇرۇلدى»، كېلىشىم سوممىسى 31 مىليارد 700 مىليون يۈەندىن ئاشتى
11- ئاينىڭ 30- كۈنى، ئۈرۈمچى يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) يەرگە سودىگەر چاقىرىش تونۇشتۇرۇش يىغىنى يېڭىلىق يارىتىش مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، يىغىنغا 100دىن ئارتۇق ئوخشاش بولمىغان كەسىپ، ساھەلەردىكى كارخانا، مەبلەغ سېلىش ئاپپاراتى، سودا جەمئىيىتى قاتناشتى، نەق مەيداندا سەككىز تۈردە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق مۇددىئانامىسى ھاسىل قىلىندى، ئومۇمىي سوممىسى 31 مىليارد 714 مىليون يۈەنگە يەتتى.
تونۇشتۇرۇش يىغىنى نەق مەيدانىدا ئۈرۈمچى يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) بىلەن شىنجاڭ جاۋلۇڭ گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو بىناكارلىق- قۇرۇلۇش گۇرۇھى شىنجاڭ بىناكارلىق- قۇرۇلۇش مەبلەغ سېلىش- تەرەققىيات شىركىتى، شىنجاڭ فېڭيىن بەيدەي ئۆي- زېمىن تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ جۇڭخاڭ مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئۆي- زېمىن تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ چېڭيەن (گۇرۇھ) پاي چەكلىك شىركىتى، شىتو ئېنېرگىيە گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، شياڭگاڭ لۈگۇ ئوقەتچىلىك چەكلىك شىركىتىدىن ئىبارەت سەككىز كارخانا مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق مۇددىئانامىسى ئىمزالىدى، كېلىشىم ئىمزالاش سوممىسى 31 مىليارد 714 مىليون يۈەنگە يەتتى. (مۇخبىر مۇ مىن)