پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە تۇنجى پۈركۈپ سۇۋاپ ئورالغان ئىسسىقلىق ساقلاش تۇرۇبىسى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى بولغان، ئۈرۈمچى گەنچۈەنپۇ ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (سانائەت رايونى)غا جايلاشقان شىنجاڭ لۈسەي پەن- تېخنىكا (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتى يېڭى مەھسۇلاتنى تەتقىق قىلىپ ئېچىشنى ئۈزلۈكسىز تېزلىتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنى پائال ئاچىدۇ.
11- ئاينىڭ 28- كۈنى، شىنجاڭ يېڭى تىپتىكى پۈركۈپ سۇۋاپ ئورالغان ئىسسىقلىق ساقلاش تۇرۇبىسى تېخنىكىسىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى، بۇ ساھەدىكى داڭلىق مۇتەخەسسىس، ئالىملار، كارخانا سەرخىللىرى يېڭى تىپتىكى پۈركۈپ سۇۋاپ ئورالغان ئىسسىقلىق ساقلاش تۇرۇبىسى تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سەپ تەرەققىيات يۈزلىنىشى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، ئەڭ يېڭى پەن تەتقىقات نەتىجىلىرى ۋە ئەمەلىي تەجرىبىلىرىنى ھەمبەھرىلىدى.
ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ لۈسەي پەن- تېخنىكا (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ئۈرۈمچى بۆلەك رايونى گەنچۈەنپۇ فۇنكسىيەلىك رايون بۆلىكىنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى كۆزدە تۇتۇپ، گەنچۈەنپۇ ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرگەن پولىئورىتان سىمۇلىسى پۈركۈپ سۇۋالغان پولىئېتىلېن ئورالغان ئالدىن تەييارلىنىدىغان بىۋاسىتە كۆمگىلى بولىدىغان ئىسسىقلىق ساقلاش تۇرۇبىسى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى شىنجاڭنىڭ بۇ ساھەدىكى بوشلۇقىنى تولدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىسسىقلىق ساقلاش تۇرۇبىسى ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسىنى دۆلەت ئىچىدىكى ئىلغار سەۋىيەگە يەتكۈزۈپ، ساھەنىڭ تېخنىكا تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغان.
شىنجاڭ لۈسەي پەن- تېخنىكا (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتىنىڭ سېتىش دىرېكتورى ما چاۋ مۇنداق دېدى: «بۇ خىل ئىسسىقلىق ساقلاش تۇرۇبىسى پولات تۇرۇبىغا پولىئورىتان سىمۇلىسى پۈركۈپ سۇۋالغان ئىسسىقلىق ساقلاش قەۋىتى ۋە پولىئېتىلېنلىق سىرتقى قوغداش قەۋىتىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى تۇرۇبا تورىدىكى ئىسسىقلىقنى تېخىمۇ ياخشى ساقلايدۇ، ئىسسىقلىق ساقلاش قەۋىتىنىڭ قېلىنلىقى ۋە سىرتقى قوغداش قەۋىتىنىڭ قېلىنلىقىنى ئېھتىياجغا ئاساسەن تەڭشىگىلى بولىدۇ، مەركەزلىك پار بىلەن تەمىنلەش ۋە سوغۇق ھاۋا بىلەن تەمىنلەش جەريانىدىكى ئىسسىق ساقلاش ئېھتىياجىغا ماس كېلىدۇ. ھازىر شىركىتىمىز قازاقىستان، ئۆزبېكىستاندىكى خېرىدارلار بىلەن كېڭىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇۋاتىدۇ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىدىن ئىبارەت تەرەققىيات پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنى پائال ئېچىش ئۈمىدىدە بولۇۋاتىمىز، 2025- يىلى 50 مىڭ توننا ئالدىن تەييارلىنىدىغان بىۋاسىتە كۆمگىلى بولىدىغان ئىسسىقلىق ساقلاش تۇرۇبىسىنى ئېكسپورت قىلىشنى پىلانلىدۇق».
شىنجاڭ لۈسەي پەن- تېخنىكا (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتى تۇرۇبا يولى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش، قۇراشتۇرۇش بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت دەرىجىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانا بولۇپ، ھازىر 100 تۈردىن ئارتۇق كەشپىيات پاتېنتى ۋە ئەمەلىي قوللىنىشچان يېڭى تىپتىكى پاتېنتقا ئىگە. 2019- يىلى ئۈرۈمچىدە زاۋۇت قۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈشتىن ئىلگىرى، يەنە بورتالا، جىڭ، خوتەندە تۇرۇبا يولى، تۇرۇبا دېتاللىرى، يېڭى ماتېرىيال ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇپ، ئالدىن تەييارلىنىدىغان، بىۋاسىتە كۆمگىلى بولىدىغان ئىسسىق ساقلاش تۇرۇبىسى، بىرىكمە پولات تۇرۇبا، يايلىق كەپشەرلەنگەن پولات تۇرۇبا قاتارلىق كۆپ خىل مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقارغان.
شىنجاڭ لۈسەي پەن- تېخنىكا (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جۇڭ رۇي مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى يىغىن ئارقىلىق دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان پۈركۈپ سۇۋاپ ئورالغان ئىسسىقلىق ساقلاش تۇرۇبىسى ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر- سەنئىتى كېڭەيتىلدى، بۇ، كارخانىنىڭ تەرەققىياتىغا ئاساس سېلىپلا قالماي، يەنە شىنجاڭنىڭ ئىسسىقلىق ساقلاش تۇرۇبىسى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا شارائىت ھازىرلاپ بەردى. كەلگۈسىدە كارخانىمىز گەنچۈەنپۇ ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى، كەسىپ، ئەشيا ئوبوروتىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، پەن- تېخنىكىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسىنى داۋاملىق زورايتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، سەرپىياتنى ئازايتىش جەھەتتە يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كارخانىنى شىنجاڭنىڭ تۇرۇبا يولى كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىغا ئايلاندۇرىدۇ».
بۈگۈنكى كۈندە گەنچۈەنپۇ ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا كۆلەمدىن يۇقىرى كارخانىدىن 61ى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىدىن 36سى، كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە كارخانىدىن ئونى توپلاشقان بولۇپ، كىرېمنىي ئاساس قىلىنغان، ئاليۇمىن ئاساس قىلىنغان، كاربون ئاساس قىلىنغان، بىيو ئاساس قىلىنغان خىمىيە سانائىتى يېڭى ماتېرىياللىرى ۋە يېڭى ئېنېرگىيە كەسپى توپى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى. (مۇخبىر ۋاڭ لىلى)