11- ئاينىڭ 29- كۈنى، چەرچەن ناھىيەسى توغراقلىق يېزىسى قوشېرىق كەنتى پاي ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى پايچىكلارغا پايدا تەقسىم قىلىش يىغىنى ئاچتى. بۇ قېتىم تەقسىملەنگەن پايدا ئومۇمىي سوممىسى 123 مىڭ يۈەن بولۇپ، ئىككى تۈركۈمدە قوشېرىق كەنتىدىكى پاي قوشقان 1058 كەنت ئاھالىسىگە تارقىتىپ بېرىلدى.
11- ئاينىڭ 29- كۈنى، چەرچەن ناھىيەسى توغراقلىق يېزىسى قوشېرىق كەنتى پاي ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى پايچىكلارغا پايدا تەقسىم قىلىش يىغىنى ئاچتى. چەرچەن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى مەردان ئىمىن فوتوسى
پايدا تەقسىملەش نەق مەيدانى خۇشال كەيپىياتقا تولغان بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرى كەسىپ تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە ئورتاق گۇۋاھچى بولۇپ، كوللېكتىپ ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ پايدىسىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولدى. ئالاقىدار خادىملار كوپىراتىپنىڭ ئۆتكەن بىر يىللىق تىجارەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنىڭ تەقسىمات لايىھەسىنى چۈشەندۈردى ھەم كەلگۈسى تەرەققىيات پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئارقىدىن خىزمەتچى خادىملار تىزىملىك ۋە پايدا تەقسىملەش سوممىسىنى ئەستايىدىل سېلىشتۇردى، پايچىكلار تەرتىپلىك ھالدا ئىمزا قويۇپ، بارمىقىنى بېسىپ، ئۆزىگە تەۋە پايدا پۇلىنى ئالدى، قولىدىكى ھەقىقىي پۇلغا قاراپ، كۆپچىلىكنىڭ چىرايىدا خۇشاللىق كۈلكىسى جىلۋىلەندى.
كەنت ئاھالىسى مەمەت راخمان مۇنداق دېدى: «بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى 465 يۈەن پايدا ئالدۇق، كەنتتىكى پاي ئىقتىسادىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ بۇنداق ياخشى تەرەققىي قىلىشىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمىز، بىزنى ئىشىك ئالدىدىلا ئەمەلىي پايدىدىن بەھرىمەن قىلدى، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنىڭ بارغانسېرى زورىيىشىغا، پايدىنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز».
11- ئاينىڭ 29- كۈنى، خىزمەتچى خادىملار پايچىكلارغا پايدا تەقسىم قىلىپ بەرمەكتە. چەرچەن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى مەردان ئىمىن فوتوسى
بۇ يىل قوشېرىق كەنتى كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنىڭ پايدىسىنى تەقسىم قىلغان تۇنجى يىل، كەنت ئاھالىلىرىنى بېيىتىش، كەنت كوللېكتىپىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، قوشېرىق كەنتى «بايلىقنى مۈلۈككە ئايلاندۇرۇش، مەبلەغنى پاي سوممىسىغا ئايلاندۇرۇش، كەنت ئاھالىسىنى پايچىكقا ئايلاندۇرۇش، تاپاۋەتنى پايدىغا ئايلاندۇرۇش»تەك يېزا كوللېكتىپ ئىگىلىك پاي ھەمكارلىق كوپىراتىپى تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، خەلقنى كوللېكتىپ بېيىتىدىغان «كىرىمنى ئاشۇرۇش يولى»نى تېپىپ چىقىپ، كەنت دەرىجىلىك كوللېكتىپ ئىگىلىكنى زورايتىش بىلەن بىللە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشىك ئالدىدا كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.
11- ئاينىڭ 29- كۈنى، خىزمەتچى خادىملار پايچىكلارغا پايدا تەقسىم قىلىپ بەرمەكتە. چەرچەن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى مۇخبىرى مەردان ئىمىن فوتوسى
ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى قەمبەرنىسا توختى مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى پايدا تەقسىملەش ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىگە كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىنى نامايان قىلدۇق. كېيىنكى قەدەمدە بىز ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، كەنت كوللېكتىپىنىڭ مۈلۈك مەنپەئەتىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنى بۇنىڭدىن تېخىمۇ كۆپ پايدىغا ئېرىشتۈرىمىز».
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)