قونجىراپ پورتى يىل بويى ئېچىۋېتىشنى ئىشقا ئاشۇردى
10:54:56 2024-12-03 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى مۇخبىر چېن چياڭۋېينىڭ ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 12- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، قونجىراپ پورتى پەسىل خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىشنى يىل بويى ئېچىۋېتىشكە ئۆزگەرتكەن.

ئاپتونوم رايوننىڭ بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتىدا، قونجىراپ پورتىنى يىل بويى ئېچىۋېتىشنى تېز ئالغا سىلجىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ يىل 9- ئايدا، قونجىراپ پورتىنى ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش دۆلەتنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشىدىن ئۆتتى. 12- ئاينىڭ 1- كۈنى، قونجىراپ پورتى رەسمىي تۈردە يىل بويى ئېچىۋېتىلىدىغان قۇرۇقلۇق پورتى بولۇپ قالدى.

پاكىستانلىق سودىگەر ھاكىم ئابدۇللا بۇ خۇش خەۋەرگە ئىزچىل ئىنتىزار بولۇپ كەلگەنىدى. ئۇنىڭ جۇڭگو- پاكىستان ئىمپورت- ئېكسپورت سودىسى قىلىۋاتقىنىغا 15 يىل بولغانىدى، بۇ يىل يەنە ئۈرۈمچىدە سودا شىركىتىنى تىزىمغا ئالدۇرۇپ، مەخسۇس ئىمپورت- ئېكسپورت سودىسى بىلەن شۇغۇللاندى.

«پورتنىڭ يىل بويى ئېچىۋېتىلىشى مېنىڭ جۇڭگو ۋە پاكىستان ئارىسىدا سودا بىلەن شۇغۇللىنىش ۋاقتىمنىڭ ئۇزارغانلىقىدىن، كىرىمىمنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ» دېدى ھاكىم ئابدۇللا.

ئۈرۈمچى تاموژنىسىغا قاراشلىق قونجىراپ تاموژنىسى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى سوفىيە جۈماقان مۇنداق بىلدۈردى: پورتنىڭ يىل بويى ئېچىۋېتىلىشىگە ئۇيغۇنلىشىش ئۈچۈن، تاموژنىمىز ئالدىن كېلىشىپ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش، مەركەزلىك تەكشۈرۈپ دەلىللەش قاتارلىق مۇلازىمەت تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، چېگرادىن كىرىدىغان- چىقىدىغان ئاپتوموبىل، يولۇچىلارنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ساقلاش ۋاقتىنى قىسقارتتى؛ دۆلەت دەرۋازىسى بىرىنچى سېپىگە ئادەم كۈچىنى كۆپەيتىپ ئەۋەتىشنى ئەلالاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش، تەكشۈرۈپ دەلىللەش مەيدانلىرىدا دائىملىق چارلاپ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، ئالاھىدە ھاۋارايى كۆرۈلگەن ئەھۋالدا تاموژنىدىن ئۆتىدىغان ئاپتوموبىللارنى كەلگەن ھامان تەكشۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلدى؛ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش نەق مەيدانىغا كۆمۈر داشقىلى، تۇز پارچىسى قاتارلىقلارنى تەييارلاپ، قار يېغىپ مۇز تۇتقان يول يۈزىنى ۋاقتىدا تازىلاشقا قولايلىق يارىتىپ، پورتتا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنىڭ دائىملىق، راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.

قونجىراپ پورتىدا بۇ يىل 4- ئاينىڭ 1- كۈنى تاموژنا ئېچىلغاندىن بۇيان، پورت ئارقىلىق چېگرادىن كىرىدىغان- چىقىدىغان يولۇچى، يۈك مىقدارى تەدرىجىي كۆپەيدى. 10- ئايغىچە، قونجىراپ تاموژنىسى بۇ يىل نازارەت قىلغان- باشقۇرغان چېگرادىن كىرگەن- چىققان تىرانسپورت قورالى 11 مىڭ ئاپتوموبىل قېتىمدىن ئاشتى، نازارەت قىلغان- باشقۇرغان ئىمپورت- ئېكسپورت مال مىقدارى 40 مىڭ 900 توننا بولدى، بۇ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم- ئايرىم ھالدا %42.6، %72.7 ئاشتى، چېگرادىن كىرگەن- چىققان يولۇچى 50 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.

قونجىراپ تاموژنىسى چېگرادىن كىرىدىغان- چىقىدىغانلارغا پورتتا شەنبە، يەكشەنبە كۈنى تاموژنىنىڭ تاقىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

قونجىراپ پورتى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى تەۋەسىدە بولۇپ، جۇڭگو بىلەن پاكىستان ئارىسىدىكى بىردىنبىر قۇرۇقلۇق پورتى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز بولۇش ۋە قار- مۇزلۇق ھاۋارايىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن، قونجىراپ پورتىدا ھەر يىلى 4- ئايدىن 11- ئايغىچە تاموژنا ئېچىلىپ، 12- ئايدىن كېيىنكى يىلى 3- ئايغىچە تاموژنا تاقىلاتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125