شىن شىجيەن
11- ئاينىڭ 29- كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىدا، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش يەنە بىر قېتىم مۇھاكىمە قىلىنىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشقا دائىر تۈرلۈك تەدبىرلەرنى كەم- كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەكىتلەندى. شۇ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى مەخسۇس تېمىدا ئۆگەندى ھەم تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش خىزمەت سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تەكىتلىدى.
بىر مەزگىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىخەتەرلىك، مۇقىملىق خىزمىتىنى كۆپ قېتىم ئورۇنلاشتۇرۇش- ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، چۈنكى بۇ شىنجاڭ قىلچە بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدىغان چوڭ ئىش. دائىملىق مۇھاكىمە قىلىش، تەكىتلەش دەل شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى «دائىملاشتۇرۇش» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىكىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى.
دائىملاشتۇرۇش دېگەن نېمە؟ مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ ئىشنى شىنجاڭدا ئۇزاق مۇددەت، مۇقىم ھالدا بىر خىل دائىملىق ھالەتكە ئايلاندۇرۇش دېگەنلىكتۇر. ئىش بولسا تۇتۇش، ئىش بولمىسا تۇتماسلىق ئەمەس، بۇ مەزگىلدە تۇتۇش، ئۇ مەزگىلدە تۇتماسلىق ئەمەس، بۇ مەزگىلدە چىڭ تۇتۇش، ئۇ مەزگىلدە بوش تۇتۇشمۇ ئەمەس.
1
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىغا بولغان تەلىپى ئىنتايىن ئېنىق. باش شۇجى شى جىنپىڭ: «جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باشتىن- ئاخىر باش ئورۇنغا قويۇش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.
شىنجاڭ بۇ تەلەپنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ كەلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل ئىناق ۋە مۇقىم بولۇشى «باش ئورۇنغا قويۇش»نى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەنلىكنىڭ، يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكنىڭ، قەتئىي ئىجرا قىلغانلىقنىڭ نەتىجىسى. كەلگۈسىدە بىز جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەت مۇقىم بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، يەنىلا بۇ تەلەپنى قەتئىي بوشاشماي ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆپچىلىك يەنە شۇنى ھېس قىلدىكى، شىنجاڭدا ھازىرقى «باش ئورۇنغا قويۇلغىنى» مۇقىملىقنىلا تۇتۇپ، باشقا ئىشلارنى تۇتماسلىق ئەمەس، بەلكى جەمئىيەت ھاياتىي كۈچىنى سىجىل قويۇپ بېرىدىغان تەرتىپنى ساقلاش، ئاممىغا ئەڭ زور دەرىجىدە قولايلىق يارىتىدىغان مۇقىملىقتۇر. كۆپ ھاللاردا، بۇ خىل خىزمەتنى كۆپچىلىكنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىمۇ ئاسان بايقىغىلى بولمايدۇ.
ئاسان بايقىغىلى بولماسلىق ھەرگىزمۇ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقنى بوشاشتۇرۇپ قويغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، بۇ، «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش»نىڭ نەتىجىسى بولۇپ، تېخىمۇ كەسپىي، تېخىمۇ دەل جايىدا، تېخىمۇ ئىلمىي بولغان كۈچەيتىشتۇر.
شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى دەل مۇشۇنداق دائىملىق ھالەت ھەمراھ بولغان مۇقىملىق، «تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاش» ئاساسىدىكى مۇقىملىق، «مۇقىملىق ئارقىلىق تەرەققىياتقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، تەرەققىيات ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش» تەپەككۇرىدىكى مۇقىملىق.
بۇ خىل دائىملىق ھالەتتە، بىر تەرەپتىن، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىكلەر مۇقىملىقنى تۇتۇش، مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى دائىملىق خىزمەتلەرنىڭ بىر قىسمى قىلدى. يەنە بىر تەرەپتىن، جەمئىيەتمۇ پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ مۇقىملىق خىزمىتىنى دائىم تەكىتلىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلىشىغا دائىملاشقان نەزەر بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەك. چۈنكى، «دائىملاشقان» ئىكەن، بۇ ئىنتايىن نورمال ئىش ھېسابلىنىدۇ.
2
مۇقىملىقنى باش ئورۇنغا قويۇش كېرەك، چۈنكى مۇقىملىق شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى جان تومۇر، چوڭ ئالدىنقى شەرت، مۇقىملاشتۇرغۇچ. بۇ ئالدىنقى شەرتكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغاندىلا، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى تىنچ مۇھىتقا ئىگە بولىدۇ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «شىنجاڭ تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ» دېگەن ئىشەنچى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ، ھازىر شىنجاڭنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا مەدەت بېرىۋاتقان نۇرغۇن ئامىلنىڭ ھاياتىي كۈچى سىجىل ئۇرغۇيدۇ.
شۇڭا، قىلچە تەۋرەنمەي مۇقىملىقنى چىڭ تۇتۇش، مۇقىملىقنى دائىملاشتۇرۇپ چىڭ تۇتۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىش كېرەك. مۇشۇنداق قىلغاندىلا، ئاندىن تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلىيالايمىز، ئاندىن مۇقىملىق ئالدىنقى شەرتىدىكى گۈللىنىش، تەرەققىياتنى ياخشى ئىشلىيەلەيمىز.
شىنجاڭنىڭ مۇقىم بولۇشىنى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئەڭ ئالقىشلايدۇ، ئەڭ ئارزۇ قىلىدۇ، ئەڭ ئايرىلىپ قېلىشنى خالىمايدۇ. ھەممىگە مەلۇمكى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتا چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، شىنجاڭ بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسەتتى. ھازىر جەمئىيەت مۇقىم بولدى، كۆپچىلىك بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىشى، تەرەققىياتنى تۇتۇشى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تۇتۇشى، تەستە قولغا كەلگەن مۇقىملىق نەتىجىسىنىڭ ئەكسىگە قايتىشىغا ھەرگىز يول قويماسلىقى كېرەك.
شىنجاڭنىڭ سىجىل مۇقىم، ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشى دۆلەت خىزمىتى ئومۇملۇقى ئۈچۈن قوشۇلغان مۇھىم تۆھپە. دۆلەت شىنجاڭ ئۈچۈن بېكىتىپ بەرگەن «دۆلەتنىڭ جۇغراپىيەلىك خەۋپسىزلىكىنى قوغدايدىغان ئىستراتېگىيەلىك توسۇق بەرپا قىلىش» مۇھىم ئورۇن بېكىتمىسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ ئىشنى ياخشى قىلىش كېرەك.
ئەكسىچە، شىنجاڭ ئەگەر مۇقىملىقتىن ئايرىلىپ قالسا، نۇرغۇن تەسىرلەر ئىچىدە، بىز شۇنى ئېنىق كۆرۈۋالالايمىزكى، خەلقئارادىكى كۈنبويى بىزگە ھۇجۇم قىلىدىغان ئاشۇ كىشىلەر خۇددى گۆھەر تېپىۋالغاندەك بولىدۇ، ئۇلارنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار ئاق- قارىنى ئاستىن- ئۈستۈن قىلىدىغان، ھەق- ناھەقنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىدىغان ساختا بايانلىرى ئۈچۈن يەنە بەزى ئاتالمىش «پاكىت»لار قوشۇلىدۇ، ئۇلارنىڭ شىنجاڭغا داۋاملىق قارا چاپلىشىغا يەنە بەزى ئاتالمىش «ئىشەنچ»لەر قوشۇلىدۇ.
شۇڭا، قايسى جەھەتتىن ئېيتقاندا بولسۇن، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىدىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى جەزمەن ھەر ۋاقىت چىڭىتىش، قىلچە بوشاشتۇرۇپ قويماسلىق كېرەك.
3
مۇقىملىقنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇش دېگەنلىك مۇقىملىقنى تۇتۇش ئەڭ مۇھىم، باشقا خىزمەتلەر، مەسىلەن، تەرەققىياتنىڭ مۇھىملىقى تۆۋەنرەك بولىدۇ، دېگەنلىك بولامدۇ؟ ياكى بۇ ئىلگىرى- كېيىنلىك تەرتىپىنى ئايرىپ چىقىپ، ئالدى بىلەن مۇقىملىقنى تۇتۇپ، ئاندىن تەرەققىياتنى تۇتۇش كېرەك دېگەنلىكمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس. ئەگەر شۇنداق بولسا، بۇنى تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش دېگىلى بولمايدۇ. تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش دائىملاشقان ئىكەن، ئۇ ماس قەدەمدە تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش تەلىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، «دائىملاشقان» بولۇش زۆرۈرىيىتىنى يوقىتىپ قويىدۇ.
بۇنداق ئەھۋالدا نۇرغۇن كىشى: تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىق ئەجەبا توقۇنۇشۇپ قالمامدۇ؟ ھەر ئىككىسىگە ياخشى تەڭ ئېتىبار بەرگىلى بولامدۇ؟ دەپ ئويلايدۇ.
شىنجاڭ بۇ مەسىلىلەرگە تىرىشىپ ئەمەلىيەت ئارقىلىق جاۋاب بەرمەكتە: تەرەققىيات شىنجاڭ ئۈچۈن ئوخشاشلا مۇھىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇقىملىقنى قوغداش بىلەن ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت بۇ ئىككىسىنى ئىلمىي بىرتۇتاش پىلانلىغىلى بولىدۇ، بۇ ئىككىسى بىر- بىرىگە ياخشى ھەمتۈرتكە بولالايدۇ، ھەرگىزمۇ توقۇنۇشۇپ قالمايدۇ.
بۇ سوئالغا ياخشى جاۋاب بېرىش ئۈچۈن، خېلى يۇقىرى بىرتۇتاش پىلانلاش ئىقتىدارىنى ھازىرلاشقا توغرا كېلىدۇ، بۇ ھەرگىزمۇ ئاسان ئىش ئەمەس. شىنجاڭ بۇنىڭ ئۈچۈن سىجىل تىرىشچانلىق كۆرسەتتى، بۇ، كۆپچىلىككە ئايان.
نۇرغۇن كىشى بۇ ئىككى يىلدا، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقنى ساقلاش ئاساسىدا ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرغانلىقىنى، نۇرغۇن ساھە، نۇرغۇن خىزمەتتىكى ئىپادىسىنىڭ ناھايىتى ياخشى بولغانلىقىنى كۆردى. كۆپچىلىك كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرىدىن بۇ خىل ئۆزگىرىشنى ئازدۇر- كۆپتۇر ھېس قىلالايدۇ. شۇڭا ئىشەنچ تەدرىجىي كۈچەيدى، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدى تەدرىجىي ئاشتى.
كۆپچىلىك ئەلۋەتتە بۇنداق ياخشى ھالەتنىڭ تېخىمۇ ياخشى، ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ھەربىر كىشى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنىڭ بارغانسېرى ياخشى بولۇشىنى، شىنجاڭنىڭ بارغانسېرى گۈللىنىپ، باياشات بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. كۆپچىلىك ئىزچىل شىنجاڭ ياخشى جاي، دەپ تەرىپلەيدۇ. بۇ تەبىئىيكى شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ تۇپراققا بېرىلگەن سەمىمىي باھا. ئەمما بۇنىڭغا يەنە شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا دائىر ھەرقايسى تەرەپلەردىن كۈتىدىغان تېخىمۇ ياخشى ئۈمىد مۇجەسسەملەنگەنمۇ قانداق؟ بۇ ئېھتىماللىق بار. ئەگەر بىر ياخشى جاينى ساقلاش بىلەنلا كۇپايىلەنسە، لېكىن ئىزچىل سەپتىن چۈشۈپ قالغان ھالەتتە بولسا، ئۇنداقتا بۇ ياخشى جايدا ئىشەنچ سەل كەمچىل بولىدۇ.
ھازىر، شىنجاڭدىكى يەرلىك كىشىلەر، شىنجاڭ سىرتىدىكىلەر، ھەتتا دۆلەت سىرتىدىكىلەرنىڭ كۆپىنچىسى شىنجاڭنىڭ دائىملاشقان جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئاكتىپ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋەزىيىتىگە ناھايىتى پىششىق. كۆپچىلىكنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى دائىملاشتۇرۇش»قا بولغان تونۇشى ۋە چۈشەنچىسى، «تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش»قا بولغان تونۇشى ۋە چۈشەنچىسى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. بۇ خىل ئورتاق تونۇشنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملىنىشى ۋە مۇستەھكەملىنىشى شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىگە ئاتلىنىشىدىكى زۆرۈر مۇھىت.