«ئەڭ كۈچلۈك مېڭە»لەرنىڭ مۇسابىقىلىشىش سۇپىسى يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش دولقۇنىنى قوزغىدى
16:10:30 2024-12-03 «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

ئاپتونوم رايوننىڭ 1- نۆۋەتلىك دوكتور ئاشتىلار يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 11- ئاينىڭ 29- كۈنى ئۆتكۈزۈلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ دوكتور ئاشتىلار خىزمىتى نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى ماس قەدەمدە ئۆتكۈزۈلۈپ، مەھسۇلات، مودېل، سۈرەت- يېزىق قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق شىنجاڭدا دوكتور ئاشتىلار تۈزۈمى ئورنىتىلغان 24 يىلدىن بۇيانقى نەتىجىلەر نامايان قىلىندى. («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شى چۇەنجى خەۋىرى، فوتوسى)

 ئاپتونوم رايوننىڭ 1- نۆۋەتلىك دوكتور ئاشتىلار يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 11- ئاينىڭ 29- كۈنى شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن- كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى، 135 دوكتور ئاشتى بىر يەرگە جەم بولۇپ، تونۇشتۇرۇش شەكلى ئارقىلىق پەن- تېخنىكىدا ئىگىلىك تىكلەش تۈرىنىڭ نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىپ، كەسپىي باھالىغۇچىلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

 ئاپتونوم رايوننىڭ 1- نۆۋەتلىك دوكتور ئاشتىلار يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسىدە «ئەقىل- پاراسەتنى تىيانشانغا مۇجەسسەملەش، دوكتور ئاشتىلار شىنجاڭدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش» باش تېما قىلىنغان بولۇپ، جۇڭگو دوكتور ئاشتىلار ئىلىم- پەن فوندى جەمئىيىتى يېتەكچىلىك قىلغان، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، بۇ، شىنجاڭدا دوكتور ئاشتىلار تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن كۆلىمى ئەڭ چوڭ، قاتلىمى ئەڭ يۇقىرى، قاپلاش دائىرىسى ئەڭ كەڭ بولغان پۈتۈن شىنجاڭ خاراكتېرلىك دوكتور ئاشتىلار مۇسابىقىسى ھېسابلىنىدۇ.

 مۇسابىقىدە يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسى، ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسى ۋە قابىللار تېما ئېلىش مۇسابىقىسىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك مۇسابىقە تەسىس قىلىندى. يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسى يەنە زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى ۋە يېمەكلىك، بىيو تېببىي دورا ۋە چوڭ ساغلاملىق، ئېنېرگىيە ۋە خىمىيە سانائىتى، يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى، باشقا ساھەلەردىن ئىبارەت بەش تۈرلۈك كەسپىي ساھەگە ئايرىلدى. تاللاش مۇسابىقىسى، قايتا مۇسابىقىدە قاتلاممۇقاتلام تاللاش ئارقىلىق جەمئىي 105 يۇقىرى سەۋىيەلىك تۈر كوللېكتىپى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى.

 تۈر تونۇشتۇرۇش، شىنجاڭ ئىچى ۋە سىرتىدىن تەكلىپ قىلىنغان دۆلەت كۆزگە كۆرۈنگەن ياشلار ئىلىم- پەن فوندى مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى، ئاكادېمىكلار ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، ھۆكۈمەتنىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان يۇقىرى قاتلاملىق مۇتەخەسسىس قاتارلىق 35 كىشىدىن تەشكىللەنگەن باھالاش گۇرۇپپىسى باھالاش ئارقىلىق، 70 مۇنەۋۋەر تۈر نەتىجىگە ئېرىشتى، بۇنىڭ ئىچىدە 7 تۈر ئالتۇن مېدالغا، 14 تۈر كۈمۈش مېدالغا، 21 تۈر مىس مېدالغا، 28 تۈر ئۈستۈنلۈك مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە مەزگىلىدە ماس قەدەمدە «ئەقىل- پاراسەتنى تىيانشانغا مۇجەسسەملەش، دوكتور ئاشتىلار شىنجاڭدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش» بويىچە ئاپتونوم رايوننىڭ دوكتور ئاشتىلار خىزمىتى نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلۈپ، شىنجاڭنىڭ 2000- يىلىدىن بۇيانقى دوكتور ئاشتىلار خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ۋە نەتىجىلىرى مەركەزلىك نامايان قىلىنىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى دوكتور ئاشتى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە نەتىجىلەرنى ئايلاندۇرۇش جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئومۇميۈزلۈك نامايان قىلىندى.

 ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى چېن جىجياڭ مۇنداق دېدى: مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلىدىغان تۈرلەردە دىققەت شىنجاڭنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلەر توپى قۇرۇلۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئەمەلىي ئېھتىياج يېتەكچى قىلىنىپ، «گالنى بوغىدىغان» ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش چىقىش نۇقتىسى قىلىندى، تۈرلەر ئىچىدە خەلق تۇرمۇشىغا تېخىمۇ ياخشى مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان بىيودورا تەتقىقاتى، ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدىغان سىستېما لايىھەسى، يەنە دۆلەت ئىچىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرىدىغان تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تۈرلىرى بار بولۇپ، تەتقىقات نەتىجىلىرى بۆسۈش خاراكتېرىگە، ئىلمىيلىككە ۋە مۇمكىنچىلىككە، شۇنداقلا بىر قەدەر ياخشى تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە. بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دوكتور ئاشتىلار ئىشلىرى تەرەققىيات نەتىجىلىرىنىڭ مەركەزلىك نامايەندىسى.

 يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسى (يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى)نىڭ باھالىغۇچىسى، بېيجىڭ تەبىئىي پەن ۋە سانائەت پەنلىرى داشۆسى كومپيۇتېر شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى جاڭ مېيخۇي مۇسابىقىگە قاتناشقان تۈرلەرگە: تۈر ساھەسى كەڭ، يېڭىلىق يارىتىشچانلىقى كۈچلۈك، قىممىتى يۇقىرى، ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك، دەپ باھا بەردى. جاڭ مېيخۇي مۇنداق دېدى: نۇرغۇن تۈر شىنجاڭدىكى نۇقتىلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، كۆپ تۈردە پاتېنت ھوقۇقىغا ئىگە، پەن تەتقىقات ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك، بەزى تۈرلەردە دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن مەھسۇلاتلارنى ئورنىغا دەسسىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشان قىلىنغان.

 پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرگەندىلا، ئاندىن قىممىتىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ. قابىللار تېما ئېلىش مۇسابىقىسىدە «ھۆكۈمەت سۇپا قۇرۇش، ئاپپاراتلار تېما چىقىرىش، ئىختىساسلىقلار ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش» ئۇسۇلى ئارقىلىق دوكتور ئاشتىلارنىڭ پەن تەتقىقات نەتىجىلىرى بىلەن كەسىپ ئېھتىياجىنى دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇندى.

 چېن جىجياڭ مۇنداق دېدى: «مۇسابىقىدە يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن تەتقىقات نەتىجىلىرى بىلەن كەسىپ تەرەققىياتىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش سۇپىسى بەرپا قىلىندى، كەسكىن بەسلىشىش ئارقىلىق زور بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر دوكتور ئاشتى ئىختىساسلىقلىرى ۋە ئەلا سۈپەتلىك تۈر بايلىقى ئوتتۇرىغا چىقىپ، دوكتور ئاشتىلارنىڭ پەن تەتقىقات نەتىجىلىرى بىلەن كەسىپ ئېھتىياجىنى دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، دوكتور ئاشتى ئىختىساسلىقلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇلدى. كېيىنكى قەدەمدە بۇ قېتىمقى مۇسابىقىنى ئۆتكۈزۈشنى پۇرسەت بىلىپ، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك رايونى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئادەتتىن تاشقىرى تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىختىساسلىقلار سىياسىتىنى توپلاشتۇرۇش ئىسلاھاتى، ئىختىساسلىقلار مۇھىم ئامىللىرىنى تېز توپلاش، ئىختىساسلىقلار مۇلازىمىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇش، ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قايتا بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنى ھەر تەرەپلىمە تەربىيەلەپ، كىرگۈزۈپ، ياخشى ئىشلىتىپ، ئېلىپ قېلىپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى ئۇرغۇتۇپ، ئىختىساسلىقلاردىن ئىبارەت «ئاچقۇچلۇق ئۆزگىرىشچان مىقدار»نى تىرىشىپ كۈچلۈك رايون قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى «ئەڭ چوڭ ئېشىش مىقدارى»غا ئايلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ روشەن پەرقلەندۈرۈش دەرىجىسى ۋە رىقابەت كۈچىگە ئىگە ئىختىساسلىقلار تۈزۈمى ئەۋزەللىكىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، پۈتۈن جەمئىيەتنى ئىختىساسلىقلارغا ئەھمىيەت بېرىدىغان، ئىختىساسلىقلارنى قەدىرلەيدىغان قويۇق جەمئىيەت مۇھىتى يارىتىشقا يېتەكلەپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا مۇجەسسەملەيمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125