شىنجاڭنىڭ قار گۈلى ئېچىلدى |ئۈرۈمچى ياپونىيەلىك ساياھەتچىلەرنىڭ ئېشىش نىسبىتى ئەڭ تېز بولغان چاڭغا تېيىلىش مەنزىلگاھى تىزىملىكىگە كىردى
16:29:36 2024-12-03 «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 11- ئاينىڭ 30- كۈنى، جۇڭگو ياپونىيە، بۇلغارىيە، رۇمىنىيە قاتارلىق توققۇز دۆلەتكە ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويغان تۇنجى كۈن بولۇپ، نۇرغۇن ساياھەتچى بەس- بەستە كېلىپ، تۇنجى تۈركۈمدە ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنىڭ قولايلىقىدىن بەھرىمەن بولدى.

 12- ئاينىڭ 1- كۈنى، مۇخبىرنىڭ شيېچېڭ گۇرۇھىدىن ئىگىلىشىچە، ۋىزا كەچۈرۈم قىلىشنىڭ قولايلىقلىقىغا ئارىلىق يېقىن بولۇش، چاڭغا تېيىلىش بايلىقى مول بولۇش، باھادا ئېتىبار بېرىش قاتارلىق ئامىللار قوشۇلۇپ، دۆلىتىمىز ياپونىيەدىكى چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنىڭ يېڭى تاللىشى بولۇپ قالغان. شيېچېڭنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 12- ئايدا ياپونىيەلىك ساياھەتچىلەرنىڭ دۆلىتىمىزدىكى قىزىق نۇقتا چاڭغا تېيىلىش مەنزىلگاھلىرىغا چۈشۈرگەن زاكاز مىقدارى بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا %150 ئاشقان، جىلىن، ئۈرۈمچى، خاربىن، چاڭچۇن ۋە جاڭجياكوۋ ياپونىيەلىك ساياھەتچىلەرنىڭ ئېشىش نىسبىتى ئەڭ تېز بولغان بەش چوڭ چاڭغا تېيىلىش مەنزىلگاھىغا ئايلانغان.

 «ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش دوستلار چەمبىرىكى»گە يەنە يېڭى دوستلار قوشۇلۇپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنىڭ چېگرادىن كىرىشىگە تۈرتكە بولدى. شيېچېڭنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 11- ئاينىڭ 30- كۈنى، يەنى ۋىزا كەچۈرۈم قىلىنغان تۇنجى كۈنى يېڭىدىن كۆپەيگەن ۋىزا كەچۈرۈم قىلىنغان توققۇز دۆلەتتىن كەلگەن ساياھەتچى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %104 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە چېگرادىن كىرگەن ياپونىيەلىك ساياھەتچىلەرنىڭ سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %107 ئاشقان.

 ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئۈرۈمچى شەھىرى مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار قىشلىق قار- مۇز پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئاممىۋى قار- مۇز ساياھىتى كەيپىياتىنى يارىتىدىكەن. 22- نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى يىپەك يولى قار- مۇز مەنزىرە بايرىمىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى 12- ئاينىڭ 7- كۈنى بەييۈن چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا رەسمىي باشلىنىدىكەن. باشلىنىش مۇراسىمى كۈنى داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى چاڭغا تېيىلىش مۇسابىقىسى، قىزىقارلىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، خوگو بايرىمى قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلىدىكەن. قار- مۇز مەنزىرە بايرىمى مەزگىلىدە يەنە قار- مۇز تەنھەرىكىتى مۇسابىقىسى، قار- مۇز ئويۇنى پائالىيىتى، قار- مۇز مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسى قاتارلىق 200دىن ئارتۇق مەدەنىيەت- ساياھەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

 سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى قار پەسلىدە شەھەر بويىچە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 27 مىليوندىن ئېشىپ، كىرىم 22 مىليارد 100 مىليون يۈەن بولغان، قار- مۇز مەيدانلىرى كۈتۈۋالغان ئادەم 1 مىليوندىن ئېشىپ، كىرىم 78 مىليون 750 مىڭ يۈەن بولغان. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ قىشلىق قار- مۇز ساياھەت ئوبرازى ۋە تەسىر كۈچى يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، ئۈرۈمچى دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى ساياھەتچىلەر تەلپۈنىدىغان چاڭغا تېيىلىش مەنزىلگاھىغا ئايلانغان. (مۇخبىر لى كەي) 

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125