بالىلار شىچۈ تىياتىرى − «جىڭجۈ تىياتىرى بالىلىرى»نى ئورۇنلىماقتا. («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ لى خەۋىرى، فوتوسى)
12- ئاينىڭ 1- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ياش- ئۆسمۈرلەر سارىيىدا «شادىمان ساۋۇردىڭ» بالىلار ئۇسسۇلىنىڭ شادىيانە رىتىمىغا ئەگىشىپ، «مېھىر- مۇھەببەت قىشنى ئىللىتتى . شىنجاڭ، يېڭى ناخشا، يېڭى دەۋر» تېمىسىدىكى ئىجتىمائىي پەنلەرنى ئومۇملاشتۇرۇش يۈرۈشلۈك كۆرەك پائالىيىتى تۇنجى مەيدان ئويۇنىنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى.
شۇ كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ياش- ئۆسمۈرلەر سارىيى، شىنجاڭ دېكلاماتسىيە ۋە ئاۋازلىق كىتاب ئوقۇش كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ياش- ئۆسمۈرلەر سارىيىدا «مېھىر- مۇھەببەت قىشنى ئىللىتتى . شىنجاڭ، يېڭى ناخشا، يېڭى دەۋر» تېمىسىدىكى ئىجتىمائىي پەنلەرنى ئومۇملاشتۇرۇش كۆرەك پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، بۇ بىر قېتىملىق ئىجتىمائىي پەنلەرنى ئومۇملاشتۇرۇش كاتتا زىياپىتى بولۇپ، ئادىمىيەت سەنئىتى ۋە ئىجتىمائىي پەن ئەقىل- پاراسىتىنىڭ ئىللىق نۇرى ئارقىلىق قەلب ئېتىزىنى يورۇتۇپ، تۆت پەسىلنى ئىللىتىش مەقسەت قىلىنغان.
قوش ئاۋازلىق ناخشا «قوشنا»، شياڭشېڭ «قوشنىلار ئارا»، مۇزىكا كۇەيبەر «خەيرلىك سەھەر، ئۈرۈمچى!» شۇنداقلا «بىر مەيدان قۇتقۇزۇشتىن چىققان ھەيۋەتلىك باھار شامىلى» ناملىق شېئىر دېكلاماتسىيەسى، شىچۈ تىياتىرى «جىڭجۈ تىياتىرى بالىلىرى» قاتارلىق نومۇرلار ئورۇنلاندى، بالىلار خورى «كىچىك توغراق»تا توغراق روھى مەدھىيەلەندى... ئارقا- ئارقىدىن قويۇلغان قالتىس نومۇرلار نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنى جەلپ قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى ئىجتىمائىي پەنلەرنى ئومۇملاشتۇرۇش كۆرىكى پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەرنى ئاساسلىقى ئاپتونوم رايوننىڭ 2023- يىللىق «تىيانشان تالانتلىقلىرى» ئىجتىمائىي پەنلەرنى ئومۇملاشتۇرۇش ئىختىساسلىقلىرى تۈرى مېڭ مېڭ كوللېكتىپى، يەنى مو شىڭۋېي، نيۇ شىبىن قاتارلىق شىنجاڭدىكى داڭلىق ئىجادىيەتچىلەر ئورتاق ئىجاد قىلغان، دۇڭ فاڭ، ليۇ چاۋ، لياڭ زېڭتيەن، ليۇ لىمىن قاتارلىق شىنجاڭ ئىچىدىكى مۇنەۋۋەر ئارتىسلار كۆرەككە قاتناشقان. كۆرەكنىڭ مەزمۇنى دۆلەت مۇھەببىتى، مىللەتلەر مۇھەببىتى، قوشنىلار ئارىسىدىكى مېھىر- مۇھەببەت ئاساسىي تېما قىلىنىپ، دېكلاماتسىيە، ناخشا، كۇەيبەر، شياڭشېڭ، جىڭجۈ تىياتىرى قاتارلىق ئامما ياقتۇرىدىغان، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك ئۇسۇللار ئارقىلىق نامايان قىلىنغان.
«شىنجاڭ، يېڭى ناخشا، يېڭى دەۋر» تۈرىنىڭ ئاساسلىق ئىجادىيەتچىسى، شائىر، يازغۇچى مېڭ مېڭ مۇنداق دېدى: مەدەنىيەت خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىزنىڭ ئىجادىيىتىمىز تۇرمۇشتىن، ئاممىنىڭ ئەڭ ئاددىي، سەمىمىي ھېسسىياتىدىن كېلىدۇ. «قوشنىلار ئارا» ناملىق شياڭشېڭدا ئۈرۈمچىدە ياشاۋاتقان ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئائىلىسىدىكى ئىشلار ۋە ئۆزئارا ياردەم بېرىش، دوستانە ئۆتۈش ھېكايىسى سۆزلەنگەن، «بىر مەيدان قۇتقۇزۇشتىن چىققان ھەيۋەتلىك باھار شامىلى» ناملىق شېئىردا سانسىزلىغان كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرگەن «خوتەنلىك بىلىكى ئۈزۈلگەن ئوغۇل بالا»نى سەككىز سائەتتە 1400 كىلومېتىر مۇساپىنى بېسىپ قۇتقۇزۇش- ياردەم بېرىش ھېكايىسى بايان قىلىنغان، مۇشۇنداق يېقىشلىق ئىجادىيەتلەر ئارقىلىق كۆپچىلىك بىلەن بولغان ئورتاق تونۇشنى تېپىپ چىقىپ، ئاددىي كىشىلەرنىڭ كىچىك ئىشلىرى ئارقىلىق جەمئىيەتتىكى چوڭقۇر مېھىر- مۇھەببەتنى نامايان قىلىپ، شەھەرنىڭ كىچىككىنە نۇرى ئارقىلىق گۈزەل تۇرمۇشنى جۇلالاندۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۈن لېي مۇنداق دېدى: بىز ئاپتونوم رايوننىڭ ئىختىساسلىقلارغا يار- يۆلەك بولۇش پىلانىدىن پايدىلىنىش ئارقىلىق مۇنەۋۋەر ئىجتىمائىي پەن ئىجادىيەت ئىختىساسلىقلىرى ۋە تۈرلىرىنى ئۈرۈمچىگە كىرگۈزۈشنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇ يىل قىشتا ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكىلەر بىرلەشمىسىمۇ ئىجتىمائىي پەنلەرنى ئومۇملاشتۇرۇش ئاساسىي قوشۇنى، يەنى داڭلىق ئىجادىيەتچىلەر، ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر بىلەن بىرلىكتە «مېھىر- مۇھەببەت قىشنى ئىللىتتى» يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنى ئارقا- ئارقىدىن يولغا قويۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇش، مەدەنىي، ساغلام تۇرمۇش قاتارلىق مەزمۇنلارنى چۆرىدەپ پائالىيەت كۆرىكى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بازىرى، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش لېكسىيەسى، داڭلىق شەخسلەر سالونى، كارتون فىلىم قويۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئىجتىمائىي پەنلەرنى ئومۇملاشتۇرۇش ئەسەرلىرىنى ئاممىنىڭ يېنىغا يەتكۈزۈپ، زامانىۋى مەدەنىيلىك ۋە ئادىمىيەت ئىجتىمائىي پەن روھىنىڭ ئاساسىي قاتلامدا ئەمەلىيلىشىپ چېچەكلىشىگە پائال تۈرتكە بولىدۇ.