شىنجاڭ خۇايۈەن گۇرۇھى يېڭىلىق يارىتىشنى يېتەكچى قىلىپ، يېشىل كەسىپ زەنجىرى بەرپا قىلدى
بۇ يىل ئۈرۈمچى خۇايۈەن ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى «2022- 2023- يىللىق جۇڭگو ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش كەسپىدىكى ئۈنۈملۈك باشلامچى» دېگەن نامغا ئېرىشتى.
12- ئاينىڭ 1- كۈنى، يىندولەن جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى، مىللەتلەر تېبابىتى دورىلىرى كەسىپلەر باغچە رايونىدا، خىزمەتچى خادىملار ئۈسكۈنىلەرنى تورلاشتۇرۇپ تەڭشەۋاتاتتى. شىنجاڭ خۇايۈەن پاي كونترول گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، شىنجاڭ يىندولەن دورىگەرلىك پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى لى جۈن يېڭىدىن قۇرۇلغان ئايرىش سېخىدا تېخنىك بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۈسكۈنىلەرنىڭ تورلاشتۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.
شىنجاڭ خۇايۈەن گۇرۇھىنىڭ يادرولۇق كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يىندولەن دورىگەرلىك پاي چەكلىك شىركىتى بەرپا قىلغان رەقەملەشكەن، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇلغان، زامانىۋىلاشقان جۇڭيى دورىلىرى، مىللەتلەر تېبابىتى دورىلىرى كەسىپلەر باغچە رايونى پات ئارىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ. جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى ۋە مىللەتلەر تېبابىتى دورىلىرى سانائىتى بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان، زامانىۋى تېخنىكا سىستېمىسىنى چۆرىدىگەن بۇ دورا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ئەمەلىيەتتە خۇايۈەن گۇرۇھىنىڭ جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى ۋە مىللەتلەر تېبابىتى دورىلىرى، ئاقىللاشتۇرۇلغان شەھەر ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش، يېشىل ئىمارەت، تۇرالغۇ قاتارلىق ئېكولوگىيە كەسىپ زەنجىرىدىكى ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ كۆپ يىللىق مەركەزلىك ئىپادىسى.
30 يىلنى باشتىن كەچۈرگەن لى جۈن قالتىس كارخانا باشقۇرۇش ئىقتىدارى ۋە قەيسەرلىك بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان كارخانىچىلار روھىغا تايىنىپ، يېشىل ئىمارەت، بىيولوگىيەلىك دورا ياساش، شەھەرنى ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش، بىناكارلىق- قۇراشتۇرۇش قۇرۇلۇشى، مۈلۈك باشقۇرۇش، يەسلى مائارىپى، يېزا ئىگىلىك پەن- تېخنىكىسى قاتارلىق كۆپ ساھە بىر گەۋدىلەشكەن چوڭ تىپتىكى پۇقراۋى كارخانا گۇرۇھىنى بەرپا قىلدى.
شىنجاڭ بىيوتېببىي دورا كەسىپ زەنجىرىدىكى زەنجىر باشلامچىسى كارخانىلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يىندولەن دورىگەرلىك پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ دۆلەت دورا تەستىق نومۇرى بار مەھسۇلاتىدىن 81ى بار، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە تەتقىق قىلىنىۋاتقان يېڭى دورىسىدىن ئالتىسى بار بولۇپ، ئاساسلىقى نەپەس يولى سىستېمىسى، تېرە سىستېمىسى ۋە نېرۋا سىستېمىسىغا چېتىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە مۇرەككەپ يېزىخو ئەمىنى جەۋھىرى بالىلار دورىسى قاتارلىق تۆت يېڭى دورا ھازىر دۆلەتنىڭ 3- باسقۇچلۇق كىلىنىكىلىق باسقۇچىغا كىردى، بىنەپشە دانچىسىگە ئىشلەپچىقىرىش تەستىق ھۆججىتى ئىلتىماس قىلىۋاتىدۇ.
لى جۈن مۇنداق دېدى: «كەسىپلەر باغچە رايونى 28 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئۆگزىگە قۇياش ئېنېرگىيەلىك توك بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسى ئورناتقان بولۇپ، ھەر يىلى 2 مىليون 280 مىڭ كىلوۋات سائەت توك چىقىرالايدۇ. كەسىپلەر باغچە رايونى يەنە كوندېنساتسىيەلەنگەن سۇ ۋە ئىس- تۈتەكتىكى قالدۇق ئىسسىقلىقنى يىغىۋېلىشتىن پايدىلىنىپ، باشقا ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتتى. يېشىل ئىمارەت كەسىپ زەنجىرىدە، شىنجاڭ خۇايۈەن گۇرۇھى يېشىل، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان ئاقىل پار بىلەن تەمىنلەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، رەقەملەشكەن، ئۇچۇرلاشقان، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇلغان يېشىل ئىمارەتلەردە ئېنېرگىيە تېجەيدىغان پار بىلەن تەمىنلەش تېخنىكا سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى. قۇرۇلۇش ساھەسىدە كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىمكانىيەت يارىتىلدى.
بۇ يىل 11- ئاينىڭ 20- كۈنى، لى جۈن تەكلىپ بىلەن جۇڭگو كارخانىلار بىرلەشمىسى، جۇڭگو كارخانا باشقۇرۇش ئىلمى فوندى جەمئىيىتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن «يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش: جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ كىلىمات ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇش يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش» باش تېمىلىق تەرەپلەر يىغىنىغا قاتناشتى، لى جۈن پۈتۈن شىنجاڭدىكى بىردىنبىر تەكلىپ قىلىنغان كارخانىچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يىغىندا شىنجاڭ خۇايۈەن پاي كونترول گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئارزۇدىكىدەك تۇرالغۇ يېشىل ئۈلگە قۇرۇلۇشىنىڭ «يەتتە چوڭ يۈرۈشلۈك تېخنىكا كۆرسەتكۈچى سىستېمىسى»نى شەكىللەندۈرۈش ئەمەلىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك تونۇشتۇردى، بۇنىڭ ئىچىدە تەقسىملەنمە قۇياش ئېنېرگىيەسى بىلەن ئىمارەت بىر گەۋدىلەشكەن يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسى، قۇياش ئېنېرگىيەلىك يورۇقلۇق ۋولت بىلەن ئىمارەت بىر گەۋدىلەشكەن تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ئىسسىق سۇ، نېيترال سۇدىن قايتا پايدىلىنىش، ئورگانىك ئەخلەتنى بىيولوگىيەلىك پارچىلاش قاتارلىق تېخنىكىلار ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ، بىناكارلىقتا %75 ئېنېرگىيە تېجەش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، بۇ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ماختىشىغا ئېرىشتى.
ئۈرۈمچى خۇايۈەن ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى پاي چەكلىك شىركىتى ئېنېرگىيە سېخى، ئىسسىقلىق ئالماشتۇرۇش پونكىتى، پار بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا تورى، ئولتۇراق رايون بىناسى قاتارلىقلارنى يېڭىلىق يارىتىشنىڭ «مۇنبەت تۇپرىقى» قىلىپ، بىر قاتار كەشپىيات، ئىجادىيەتلەر ئارقىلىق پار بىلەن تەمىنلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كۈچلۈك، مۇلازىمەت سۈپىتى كۈچلۈك بولۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.
ئۈرۈمچى خۇايۈەن ئىسسىقلىق ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى، باش ئىقتىسادچى ۋاڭ يابىن مۇنداق دېدى: «2014- يىلى بىز شىركەتنىڭ 70 مېگاۋاتلىق پار قازىنىنى ئىس- تۈتەكتىكى قالدۇق ئىسسىقلىقنى قايتا يىغىۋېلىپ پايدىلىنىدىغان قىلىپ ئۆزگەرتتۇق. ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى ئارقىلىق، 1 مىليون كىۋادرات مېتىرلىق پار بىلەن تەمىنلەش كۆلىمىنى ئىس- تۈتەكتىكى قالدۇق ئىسسىقلىق ئارقىلىق بىۋاسىتە ئىسسىتىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق، ئېنېرگىيە تېجەش نىسبىتى %10كە يەتكۈزۈلدى. 2016- يىلى كارخانىمىز يەنە ئادەتتىن تاشقىرى تۆۋەن ئازوتلۇق قىلىپ ئۆزگەرتىپ، ھەر يىلى 50 توننا ئازوت ئوكسىدى قويۇپ بېرىشنى ئازايتتى. بۇ تېخنىكىلار ئېنېرگىيە تېجەپ بۇلغىما ئازايتىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ، شۇنداقلا ھازىرغىچە قوللىنىلىۋاتىدۇ. باش مۇدىر لى جۈن سېخ، ئىسسىقلىق ئالماشتۇرۇش پونكىتىغا پات- پات كىرىپ، كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە ماتېرىيال، ھۈنەر- تېخنىكا جەھەتتە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، كارخانىلارنى ئاقىل پار تەمىنلەش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئېنېرگىيە تېجەش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلدى.
بۇ يىل، ئۈرۈمچى خۇايۈەن ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى پاي چەكلىك شىركىتى «2022- 2023- يىللىق جۇڭگو ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش ساھەسىدىكى ئېنېرگىيە ئۈنۈمى بويىچە باشلامچى» نامىغا ئېرىشتى، بۇ خۇايۈەن ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئۇدا تۆت يىل جۇڭگو شەھەر- بازار ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش جەمئىيىتى تەرىپىدىن «پار بىلەن تەمىنلەش كۆلىمى 50 مىليون كىۋادرات مېتىردىن تۆۋەن بولغان پار بىلەن تەمىنلەش كارخانىسى» − «جۇڭگو ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش ساھەسىدىكى ئېنېرگىيە ئۈنۈمى بويىچە باشلامچى»لار ئارىسىدىكى بىرىنچى دېگەن نامغا ئېرىشىشى ھېسابلىنىدۇ.
لى جۈن مۇنداق دېدى: شىنجاڭ خۇايۈەن گۇرۇھى شىنجاڭدىن ئىبارەت بۇ مۇنبەت زېمىندا يىلتىز تارتىپ، جان- دىل بىلەن شىنجاڭ قۇرۇلۇشىغا تۆھپە قوشۇۋاتىدۇ، شۇنداقلا داۋاملىق يېڭىلىق يارىتىشنى يېتەكچى قىلىپ، مىللەتلەر تېبابىتى دورىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساش، ئېنېرگىيە تېجەپ بۇلغىما ئازايتىش ۋە ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەپ، تۈرلۈك كۆرسەتكۈچلەرنى كەسىپ بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان قىلىپ، دۆلەت ۋە رايون ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ. ( مۇخبىر مۇ مىن )
12- ئاينىڭ 1- كۈنى، شىنجاڭ يىندولەن دورىگەرلىك پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە، شىنجاڭ خۇايۈەن پاي كونترول گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، شىنجاڭ يىندولەن دورىگەرلىك پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى لى جۈن (سولدا) خىزمەتچى خادىم بىلەن ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرماقتا. («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شى لېي فوتوسى)