ئارقا كوچا، تار كوچىلاردىكى يىغىندى قارنىمۇ باشقۇرىدىغان ئادەم بولۇشى كېرەك
11:29:50 2024-12-05 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 قىش ئايلىرى كىردى، سېرىق قار مەۋسۇمى ئۆتۈپ، ئاق قار مەۋسۇمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، شىمالدىكى نۇرغۇن جايدا ئارقا- ئارقىدىن قار ياغدى. «ياغسىلا تازىلاش، قار توختىغاندا يولنى پاكىزلاش»تەك قار تازىلاش سۈرئىتى تورداشلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. لېكىن ئالقىشقا ئېرىشىشنىڭ سىرتىدا، بىز يەنە شۇنى كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەككى، شەھەر غول يوللىرى مەركەزلىك تازىلانغانلىقى، يىغىندى قارنى ۋاقتىدا يۆتكەپ كېتىشكە كاپالەتلىك قىلىنغانلىقى بىلەن بىر ۋاقىتتا، بەزى ئارقا كوچا، تار كوچىلاردىكى قارنى تازىلاش خىزمىتى تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى.

 «پەقەت ئاساسىي يول تازىلىنىپتۇ، باشقا يول تازىلانماپتۇ»، «ئەتىگەندە دەنيۈەن ئىشىكىدىن چىقىپلا تېيىلىپ كېتىپ يىقىلىپ چۈشتۈم»، «بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر تۈنۈگۈن ئولتۇراق رايوندىكى مۇزدا تېيىلىپ كېتىپ، پۇتىنى قايرىۋالدى» ... قېلىن قاردىن كېيىن، ئومۇمەن شەھەر قاتنىشىدا كەڭ كۆلەمدە توسۇلۇپ قېلىش مەسىلىسى ناھايىتى ئاز كۆرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئاھالىلەر توپى، دوستلار چەمبىرىكىدە بۇنداق ئاغرىنىشلار ئاز بولمىدى.

 ياشانغانلار كۆكتات سېتىۋېلىش، ئايلىنىپ كېلىش ئۈچۈن سىرتقا چىقىدۇ، بالىلار مەكتەپكە بارىدۇ، خىزمەتچىلەر ئىشقا ئالدىرايدۇ... ئارقا كوچا، تار كوچىلار ئاھالىلەر كۈندىلىك سەپەرگە چىققاندا چوقۇم ئۆتىدىغان يول، بۇ جايلاردىكى يىغىندى قار ۋاقتىدا تازىلانمىسا، ئادەم ئاسانلا تېيىلىپ كېتىپ يارىلىنىدۇ، ئاھالىلەرنىڭ بىخەتەر يول يۈرۈشىگە تەسىر يېتىدۇ، ئاھالىلەرنىڭ بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. ئارقا كوچا، تار كوچىلاردىكى قارنى ۋاقتىدا تازىلاش، ھەرگىزمۇ تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق ئىش ئەمەس، بەلكى خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشى ياكى ئەمەسلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان، شەھەرنى تۈزەش سەۋىيەسىنى نامايان قىلىدىغان مەسىلە.

 ئارقا كوچا، تار كوچىلار نېمە ئۈچۈن «ئۇنتۇلغان بۇلۇڭ»غا ئايلىنىپ قالىدۇ؟ شەھەر قاتنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، نۇرغۇن ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ بايلىقى غول يوللارغا مايىللاشتى، ئارقا كوچا، تار كوچىلاردىكى قارنى تازىلاشقا ۋاقىت ۋە كۈچ كۆپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاسان «بايقالمايدۇ»، شۇڭا مەسىلىلەر كۆپ يۈز بېرىدۇ. بەزى ئارقا كوچا، تار كوچىلار «ھېچكىمنىڭ باشقۇرۇشىغا تەۋە ئەمەس» رايون بولۇپ، كۆپچىلىك ئۆزىنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى قارنى تازىلايدۇ، مەھەللىمۇ زېھنىنى سەرپ قىلىپ تەۋەلىكىدىكى قارنى تازىلاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى خالىمايدۇ. ئارقا كوچا، تار كوچىلاردىكى يىغىندى قارنى ۋاقتىدا تازىلاش قىلىش- قىلالماسلىق مەسىلىسى ئەمەس، بەلكى ۋاقىت ۋە ئادەم خورىتىدىغان بۇ ئاستا ئىشنى قىلىشنى خالاش- خالىماسلىق مەسىلىسى.

 ئارقا كوچا، تار كوچىلاردىكى يىغىندى قارنى تازىلاش ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى «كىچىك نۇقتا»، شۇنداقلا شەھەرنى تۈزەشتىكى «چوڭ ئىش». بەزى جايلاردا قار يېغىشقا باشلىغاندىلا تازىلاش باشلىنىدۇ، ھەرگىزمۇ يىغىندى قار مۇزغا ئايلانغاندىن كېيىن ئاندىن تازىلاش باشلانمايدۇ؛ بەزى جايلار كىچىك تىپتىكى قار تازىلاش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىپ، ئارقا كوچا، تار كوچىلاردىكى يىغىندى قارنى مەخسۇس تازىلايدۇ؛ بەزى جايلاردىكى مەھەللىلەر ھەر قايسى تەرەپلەردىكى كۈچلەرنى بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ يىغىندى قارنى تازىلاشقا ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەر قىلىپ، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق ئىدارە قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشتەك ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈردى. چارە ھامان قىيىنچىلىقتىن كۆپ بولىدۇ، پەقەت قىلىشنى ئويلىسىلا، ھامان تۈرلۈك ئاماللار بىلەن قىيىن ئىشلارنى، ئەمەلىي ئىشلارنى ياخشى قىلغىلى بولىدۇ.

 ئارقا كوچا، تار كوچىلاردىكى يىغىندى قارنى ۋاقتىدا تازىلىغاندىلا، پۇقرالار قار- مۇزلۇق يولدىن قورقۇپ يۈرەكئالدى بولۇپ كەتمەيدۇ، ئۇلار شەھەردە تېخىمۇ قولايلىق، تېخىمۇ راھەت، تېخىمۇ گۈزەل ياشايدۇ، شەھەرنى تۈزەشنىڭ ئىللىقلىقىنى تېخىمۇ ھەقىقىي ھېس قىلالايدۇ. (ئاپتور: خۇاڭ خۇڭيىڭ)

 پايدىلانغان مەنبە: «شىنجاڭ تارقىتىشى» ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 尼加提·尼牙孜

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125