ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى پۈتۈپ، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش باشلاندى
16:23:50 2024-12-03 «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 يېقىندا ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى پۈتۈپ، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش رەسمىي باشلاندى.

 مۇخبىرنىڭ 12- ئاينىڭ 1- كۈنى شىنجاڭ ئايرودۇرۇم (گۇرۇھ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 11- ئاينىڭ 27- كۈنى، ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىدىكى ئايروپورت قۇرۇلۇشى پۈتۈپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشنى باشلاش يىغىنىدا مۇنداق تەلەپ قىلىنغان: كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش كاپالىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئايروپورت قۇرۇلۇشى كۆپ تۈرلۈك كەسپىي قۇرۇلۇشقا چېتىلىدۇ، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، تەكشۈرۈپ بېكىتىشكە تېگىشلىك مەزمۇنلار كۆپ، چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، قۇرۇلۇشقا قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلار تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش لايىھەسىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشنى تەشكىللەش، مەسئۇلىيەت، ئىش تەقسىماتى ۋە ئارقا سەپ كاپالىتى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

 شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش گۇرۇپپىلىرى كەسپىي ئالاھىدىلىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش تەرتىپىدىكى قېلىپلاشتۇرۇش ئۆتكىلى، ئۆلچەم ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، تۈرلۈك نىشان- ۋەزىپىلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى ئەمەلىي تۇتۇپ، قەرەلىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. قۇرۇلۇشقا قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلار ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنى نادىر قۇرۇلۇش قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، قۇرۇلۇشنىڭ 2025- يىلى قەرەلىدە يۇقىرى سۈپەتلىك پۈتۈپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلۈشى، بالدۇرراق ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

 قۇرۇلۇشقا قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلار زامانىۋىلاشقان، خەلقئارالاشقان ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى بەرپا قىلىشنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، رايون ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ساياھەت بايلىقىنى ئېچىشنى تېزلىتىشتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش كومىتېتىنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ ۋە ئۇنىڭغا ماسلىشىپ، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشنى ئوڭۇشلۇق تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، كېيىنكى باسقۇچتىكى سىناق تەرىقىسىدە ئۇچۇش، ساھە بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش قاتارلىق خىزمەتلەرگە ياخشى ئاساس سېلىشى كېرەك.

 بۇ يىل 11- ئاينىڭ 17- كۈنى، جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئۇچۇشنى تەكشۈرۈش مەركىزىنىڭ جياڭجۇاڭ +CE560XLS تىپلىق تەكشۈرۈش ئايروپىلانى ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىدا يېڭىدىن قۇرۇلغان 3- ئۇچۇش يولىغا سىلىق قوندى، بۇ، ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇچۇشنى تەكشۈرۈش خىزمىتىدە باسقۇچلۇق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

 نۆۋەتتە ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ شىمالىي ئايروبىنا رايونىدىكى ئايروبىنادا ئۈسكۈنە- ئەسلىھەلەر تەق بولغان، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى شىمالىي ئايروبىنا رايونىدىكى ھەرقايسى مۇلازىمەت كاپالەت تارماقلىرى يولۇچىلارغا تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولايلىق، ئازادە يېڭى ئاۋىياتسىيە مۇلازىمەت تەسىراتىنى نامايان قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، كېيىنكى قەدەمدە سىستېمىنى تەڭشەپ سىناش ۋە خادىملارنى تەربىيەلەش خىزمىتىنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىدىكەن.

 ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىدا 2- ، 3- ئۇچۇش يولىدىن ئىبارەت ئىككى ئۇچۇش يولى، 500 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئايروبىنا، شۇنداقلا 177 ئايروپىلان توختىتىش ئورنى بار سۇپا، 93 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئۇنىۋېرسال قاتناش مەركىزى، 251 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى قۇرۇش پىلانلانغان بولۇپ، توك بىلەن تەمىنلەش، سۇ بىلەن تەمىنلەش- سۇ چىقىرىۋېتىش، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش، گاز بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ئەسلىھەلەر يۈرۈشلەشتۈرۈلۈپ قۇرۇلغان.

 بۇ تۈر پۈتكەندىن كېيىن، 48 مىليون (قېتىم) يولۇچى توشۇش مىقدارى، 550 مىڭ توننا يۈك، پوچتا يوللانمىسى توشۇش مىقدارى، ئايروپىلانلارنىڭ 367 مىڭ قېتىم ئۇچۇش- قونۇش ئېھتىياجى قاندۇرۇلىدۇ، بۇ، شىنجاڭنىڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىشتە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. (مۇخبىر لى كەي، ئىختىيارىي مۇخبىرلار ليۇ سۇجوۋ، جاڭ شياۋپىڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125