مۇخبىرنىڭ 11- ئاينىڭ 28- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىرغىچە، شىنجاڭ بويىچە كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە «كىچىك گىگانت» كارخانىدىن جەمئىي 55ى يېتىشتۈرۈلۈپ، كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىدىن 899ى بېكىتىلىپ، ئاپتونوم رايوندىكى يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىدىن 1764ى باھالانغان، كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولغان.
ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولىدىغان، كەسىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم كۈچ. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە كارخانىلارنى ھەسسىلەپ كۆپەيتىپ يېتىشتۈرۈش ھەرىكىتىنى سىجىل يولغا قويۇپ، يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىدىن 621نى يېڭىدىن كۆپەيتتى، 6- تۈركۈمدىكى كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە «كىچىك گېگانت» كارخانىدىن 33نى تەۋسىيە قىلدى. مەبلەغنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، 2023- يىلى يېڭىدىن بېكىتىلگەن 210 كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانا ۋە دۆلەت دەرىجىلىك ئىككى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىنىڭ خاس كەسىپلەر توپىغا 57 مىليون 595 مىڭ يۈەن مەبلەغ مەدىتى بېرىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ كەسىپلىشىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى ماسلاشتۇرۇش سالمىقى ئاشۇرۇلۇپ، ھۆكۈمەت بىلەن پۇل مۇئامىلە كارخانىلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش سۇپىسى قۇرۇلۇپ، 15 پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتىنىڭ 15 ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىغا 470 مىليون يۈەن ئىناۋەتلىك قەرز پۇل بېرىشىگە تۈرتكە بولۇندى. «ئون ساھە، يۈز مىليارد يۈەن مەبلەغ بىلەن ئونمىڭ كارخانىغا مەدەت بېرىش» بويىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكىتى، «باھاردا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى ۋىلايەت، ئوبلاست سەپىرى» ۋە «ئايدا بىر زەنجىر» مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش بويىچە تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى قاتارلىق بىر قاتار مەخسۇس پائالىيەتلەر قانات يايدۇرۇلۇپ، دىققەت نۇقتىلىق كەسىپ زەنجىرىدىكى كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، نەق مەيداندا ئۇدۇللاشتۇرۇلۇپ، سىياسەت تەشۋىق قىلىنىپ، تەربىيەلەش كۈچەيتىلىپ، پۇل مۇئامىلە كاپىتالى دەسلەپكى نەتىجىگە مەبلەغ سېلىش، يېڭى كىچىك كارخانىلارغا مەبلەغ سېلىش، ئۇزاق مەزگىللىك مەبلەغ سېلىش، قالتىس تېخنىكىلارغا مەبلەغ سېلىشقا يېتەكلەندى.
بۇنىڭدىن كېيىن، شىنجاڭ كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈش، قوللاش سالمىقىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ كۆلىمىنى يەنىمۇ زورايتىپ، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ يۇغۇرۇلۇپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە» ئالتۇن خەتلىك ۋىۋىسكىنى جۇلالاندۇرۇپ، كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتى، كەسىپ ھەمكارلىقى، ئاساسنى كۈچەيتىپ ئۇلنى پۇختىلىشى قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدۇ. (مۇخبىر ۋاڭ لىلى)