جوۋ يۈ: «مەن ئەركىن سودا سىناق رايونى سەييارە سوت كوللېگىيەسىنىڭ سوتچىسى»
16:27:54 2024-12-03 «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 11- ئاينىڭ 29- كۈنى سەھەردە، ئۈرۈمچى تۇدۇڭخابا رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى ئەركىن سودا سىناق رايونى سەييارە سوت كوللېگىيەسىنىڭ مەسئۇلى جوۋ يۈ ئىشخانىغا كىرىپلا، ئۈستەل ئۈستىدىكى دېلو ماتېرىيالىنى ئېچىپ خىزمەتداشلىرى بىلەن ئىجارە بېرىش توختامى ماجىراسى دېلوسىنى مۇزاكىرە قىلدى، بۇ مۇشۇ ئايدا بۇ سوت كوللېگىيەسى قوبۇل قىلغان 10- دېلو بولۇپ، قالغان بىر نەچچە دېلونىڭ كۆپىنچىسى مۇشۇ تۈردىكى ماجىرالار ئىدى.

 جوۋ يۈ مۇنداق دېدى: چۈنكى جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى ئۈرۈمچى بۆلەك رايونى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات فۇنكسىيەلىك رايون بۆلىكىگە كارخانىلار مەركەزلەشكەن، زاۋۇت ئۆيى، ئىش بېجىرىش ئورنى، ئىشلەپچىقىرىش قوراللىرى قاتارلىقلارنى ئىجارىگە بېرىش ئەھۋالى ناھايىتى ئومۇملاشقان، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئىجارىگە بېرىش توختامى ماجىرالىرىمۇ مۇناسىپ ھالدا بىرقەدەر كۆپ. مەن قوبۇل قىلغان بۇ دېلودىن دەسلەپكى قەدەمدە ئىگىلىشىمچە، ئەسلىدىكى ئۆي ئىگىسى ئۆزىنىڭ ئىش بېجىرىش ئورنىنى «پۈتۈن ئىجارىگە بېرىش» ئۇسۇلى ئارقىلىق جاۋابكارغا ئىجارىگە بەرگەن، جاۋابكار بىر قىسىم بوش تۇرۇۋاتقان ئۆيلەرنى قايتا ئىجارىگە بېرىپ باھا پەرقىدىن پايدا ئالغان، ھەم توختامدىكى پۈتۈشكىنى بويىچە ئەسلىدىكى ئۆي ئىگىسىگە ئىجارە ھەققى تاپشۇرمىغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەسلىدىكى ئۆي ئىگىسى ئىككى تەرەپ «قايتا ئىجارىگە بېرىشكە بولمايدۇ» دەپ پۈتۈشتۇق دەپ قارىغان، شۇڭا قارشى تەرەپنىڭ سوت مەھكىمىسىگە سۇنغان ئەرزى بويىچە توختامنى بىكار قىلىش ھەمدە ئىجارە ھەققى ۋە توختامغا خىلاپلىق قىلىش پۇلى تۆلىشىنى تەلەپ قىلغان.

 جوۋ يۈ سوت ئېچىشتىن بۇرۇن، دەۋاگەر بىلەن جاۋابكار ئىككى تەرەپنى نەق مەيدانغا بېرىپ تەكشۈرۈشكە تەشكىللىدى ھەمدە خىزمەتداشلىرى بىلەن ئىش بېجىرىش ئورنىدىكى ئۆي ۋە ئالاقىدار يۈرۈشلۈك يانداش ئەسلىھەلەرنى ئېنىقلىدى. جوۋ يۈ مۇنداق دېدى: «بىز ئالدىنقى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرنى تاماملىغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن مۇرەسسە قىلىش ئارقىلىق ئىككى تەرەپنىڭ زىددىيىتىنى ھەل قىلىشنى سىناپ باقىمىز. ئالدىنقى باسقۇچلۇق زىيارەت قىلىش قاتارلىق تەييارلىق خىزمەتلىرى ئىنتايىن مۇھىم، پەقەت ئەمەلىي ئەھۋال ۋە ئىككى تەرەپنىڭ ئىختىلاپىنى تولۇق ئىگىلىگەندىلا، ئاندىن كېيىنكى مۇرەسسە قىلىش ۋە سوت ئېچىشقا ياخشى تەييارلىق قىلغىلى بولىدۇ».

 بۇلار جوۋ يۈنىڭ كۈندىلىك نورمال خىزمىتى بولۇپ، ئەركىن سودا سىناق رايونى سەييارە سوت كوللېگىيەسىنىڭ خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغاندىن باشقا، ئۇ يەنە تۇدۇڭخابا رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى سۇڭشەن كوچىسى مەركىزىي خەلق سوت كوللېگىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولۇپ، تەۋەلىكىدىكى تۈرلۈك ماجىرا دېلولىرىنى بېجىرىدۇ.

 يېڭى دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشىدە، قانۇنچىل تىجارەت- سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئاچقۇچى.

 2023- يىلى 11- ئاينىڭ 17- كۈنى، تۇدۇڭخابا رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى ئەركىن سودا سىناق رايونى سەييارە سوت كوللېگىيەسىگە ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونىدا ۋىۋىسكا ئېسىلىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تۇنجى ئەركىن سودا سىناق رايونى سەييارە سوت كوللېگىيەسى بولۇپ قالدى.

 جوۋ يۈ ئەسلەپ مۇنداق دېدى: سەييارە سوت كوللېگىيەسى سوت ئېچىپ قاراپ چىققان تۇنجى دېلو چەت ئەلگە چېتىشلىق ئىجارە توختامى ماجىراسى بولۇپ، دەۋاگەر بىلەن جاۋابكار ئىككى تەرەپ ئەشيا ئوبوروتى كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەتلەر ئىدى، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا يۈك ساندۇقى ئىجارە ھەققى سەۋەبىدىن ماجىرا يۈزبەرگەن. دېلوغا سوت ئېچىپ قاراپ چىققاندىن كېيىن، گەرچە ئىككى تەرەپنىڭ مۇرەسسە قىلىش مۇددىئاسى بولسىمۇ، لېكىن باشتىن- ئاخىر بىرلىككە كېلەلمەي، بىر مەھەل مۇرەسسە قىلىش تەسكە توختىدى. سودىيە كۆپ قېتىم دەۋالاشقۇچى ئىككى تەرەپ بىلەن ئايرىم- ئايرىم پىكىر ئالماشتۇردى ھەمدە دېلو ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، يولغا قويۇشقا بولىدىغان ئۈنۈملۈك مۇرەسسەلىشىش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقتى، ئاندىن ئىككى تەرەپنىڭ دەۋا ۋاكالەتچىلىرىنى بىر يەرگە تەكلىپ قىلىپ، «يۈزتۇرا» مۇرەسسەلىشىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. بوشاشماي تىرىشىش ئارقىلىق دەۋاگەر بىلەن جاۋابكار قول ئېلىشىپ ئەپلىشىپ قالدى، جاۋابكار پۇل تۆلەش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشقا قوشۇلدى.

 بۇ دېلودىكى دەۋاگەرنىڭ ۋاكالەتچىسى، ئادۋوكات ۋاڭ جىلياڭ مۇنداق دېدى: سەييارە سوت كوللېگىيەسى ئەركىن سودا سىناق رايونىدا تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن، ئەركىن سودا سىناق رايونىدىكى كارخانىلارغا ناھايىتى زور قولايلىق يارىتىپ بەردى، كارخانىدا ماجىرا يۈزبەرسە، سوت كوللېگىيەسى شۇ جاينىڭ ئۆزىدە تالاش- تارتىشنى ھەل قىلىدۇ، سوتچىلارنىڭ سەۋرچانلىقى دېلودىكى زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى.

 سەييارە سوت كوللېگىيەسى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ئەركىن سودا سىناق رايونىدىكى تۈرلۈك ھەق تەلەپ دېلوسىدىن جەمئىي 82نى قوبۇل قىلدى، دېلو تۈرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئېلىم- سېتىم توختامى ماجىراسى، ئىجارە توختامى ماجىراسى، يۈك توشۇش ۋاكالەتچىلىك توختامى ماجىراسى قاتارلىقلار بولۇپ، ئەركىن سودا سىناق رايونىدىكى دېلولارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قارىتا، سەييارە سوت كوللېگىيەسى «كېسەلگە قاراپ دورا بېرىش» ئۇسۇلىنى قوللاندى.

 جوۋ يۈ مۇنداق بىلدۈردى: «بىز باھالاش، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى، تۆمۈريول تىرانسپورتى قاتارلىق ساھەلەردىكى كەسپىي زاتلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، كەسپىي مەسىلىلەرگە يولۇققاندا ئۇلاردىن ياردەم سورىدۇق. كوللېكتىپنىڭ كۈچىگە تايانغاندا دېلولارنى تېخىمۇ تېز، ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ، بىز ئەسلىدىكى سوتچىلار ئىشخانىسى ئاساسىدا، <كەسپىي سودىيە + كەسىپ مۇتەخەسسىسى>دىن ئىبارەت كەسىپلەشكەن سوت قىلىش ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىجارىكەشلىكى، كاپالەتلىك باشقۇرۇش قاتارلىقلارغا چېتىشلىق تۈرلۈك دېلولارنى قانۇن بويىچە پۇختا قاراپ چىقىپ، كوچا باشقارمىلىرى مەسئۇلى ۋە چەت ئەلگە ئالاقىدار كارخانىلار بىلەن كەڭ دائىرىدە دائىملىق پىكىر ئالماشتۇرۇپ، <قانۇن بويىچە دىياگنوز قويۇش> پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كۈچلۈك ئەدلىيە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدۇق».

 جوۋ يۈ مۇنداق دېدى: بىز يەنە ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىدا چەت ئەلگە ئالاقىدار ماجىرا دېلولىرىدىن مەسلىھەت سوراش، دەۋاغا يېتەكچىلىك قىلىش «يېشىل يول»ى تەسىس قىلدۇق، «يېشىل يول» ئارقىلىق چەت ئەلگە ئالاقىدار كارخانىلارغا چېتىشلىق دېلولار بويىچە قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، كارخانىلارنى قوغداش سالمىقى ۋە سەۋىيەسىنى كۆپ نۇقتىلىق ئۆستۈردۇق، بۇ كارخانا ۋە ھەق تەلەپ سوت كوللېگىيەسىدىكى سوتچىلارنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىغا ناھايىتى ياخشى سۇپا ھازىرلاپ بېرىپلا قالماي، يەنە كارخانىلارنىڭ خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە ئۇنى تۈگىتىشى ھەمدە قانۇن بويىچە ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغدىشىغا كۈچ قوشتى.

 دېلو بېجىرىش جەريانىدا جوۋ يۈ خېلى كۆپ قىيىنچىلىقلارغا يولۇقتى. بىر قېتىملىق توختام ماجىراسىدا دېلو سىرتىدىكى 3- تەرەپتىن تەپسىلاتنى ئىگىلەشكە توغرا كېلىپ، جوۋ يۈ خىزمەتداشلىرى بىلەن 3- تەرەپكە بارغاندا، قارشى تەرەپ ئۇلارنىڭ سوت مەھكىمىسى خادىملىرى ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۆزىنىڭمۇ ماجىراغا چېتىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، «قانۇن ئىشلىرى مەسئۇلىدىن سوراپ بېقىڭ»، «قانۇن ئىشلىرى مەسئۇلى بۈگۈن كەلمىدى»، «بۈگۈن بىز ئالدىراش»، «قانۇن ئىشلىرى مەسئۇلى بېيجىڭغا كاماندىروپكىغا كەتكەن» دېگەندەك ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن ئۆزىنى قاچۇرغان. جوۋ يۈ مۇنداق دېدى: بۇنداق ئەھۋالدا مەن ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلەپ، قارشى تەرەپكە بۇ دېلونىڭ ئۇلارغا چېتىلمايدىغانلىقىنى، پەقەت دەۋاگەر بىلەن جاۋابكارنىڭ توختامنى ئادا قىلىش جەريانىدىكى بەزى تەپسىلاتلارنى چۈشىنىشىم كېرەكلىكىنى ئېيتتىم. مەن ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ 3- تەرەپ ئورنىغا بەش قېتىم باردىم، زېرىكمەي- تېرىكمەي نەسىھەت قىلىش ئارقىلىق «خاتىرە قالدۇرماسلىق، پەقەت نوقۇل ھالدا ئەھۋال ئىگىلەش»كە قايتا- قايتا كاپالەتلىك قىلغاندىن كېيىن، قارشى تەرەپ ئاندىن سوئاللىرىمغا جاۋاب بېرىشكە قوشۇلدى.

 «كۆپ ساندىكى دەۋالاشقۇچىلار بىزگە ماسلىشىدۇ». جوۋ يۈ يەنە مۇنداق دېدى: ئەركىن سودا سىناق رايونىدىكى دېلولارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك كارخانىلارغا چېتىلىدىغان سودا ئىشلىرى دېلولىرى بولۇپ، ئادەتتىكى دېلولارغا ئوخشىمايدۇ، قوبۇل قىلىنغان دېلولارنىڭ تۈرى بىرقەدەر كەڭ بولۇپ، كۆپىنچىسى قوشنىلار ئارىسىدىكى ماجىرا، قەرز ئېلىش ماجىراسى قاتارلىق ھەق تەلەپ دېلولىرى. شۇڭا سەييارە سوت كوللېگىيەسىنىڭ سوتچىنىڭ كەسىپچانلىقىغا بولغان تەلىپى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇپ، شىركەت قانۇنىنى پىششىق بىلىپلا قالماي، توختام قانۇنى، چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇن- نىزاملار، يەنە يۈك ساندۇقى ئىجارىگە بېرىش قاتارلىق كەسىپلەرنى چوڭقۇر چۈشىنىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ، مەن ھەر ۋاقىت ئۆگىنىش ۋە كۆرۈشكە قولايلىق بولۇش ئۈچۈن، ئۈستىلىمگە بىر قىسىم كىتابلارنى قويۇپ قويۇپ، سوت قىلىش جەريانىدا «چۈشىنەلمەسلىك» ئەھۋالىنىڭ يۈزبېرىشىدىن ساقلاندىم. سەييارە سوت كوللېگىيەسى كارخانىلارنى «سىرتقا چىقىرىش»قا مۇلازىمەت قىلىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، كۆپەيتكىلى، ئومۇملاشتۇرغىلى بولىدىغان تېخىمۇ كۆپ پايدىلىق تەجرىبىلەرنى توپلاپ، تۈرلۈك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە قوغداپ، ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. (مۇخبىر راۋ جۈنخۇا)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125