تىيانشان غالىبىيەت تونېلىنىڭ ئوتتۇرا يول باشلاش تەشمىسىدىكى TBM ئۇچرىشىش تەشمىسىنى تېشىش تاماملاندى
16:31:13 2024-12-03 «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 12- ئاينىڭ 1- كۈنى پارتلىتىش ئاۋازىغا ئەگىشىپ، G0711- لىنىيەسى ئۈرۈمچى- لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ تىيانشان غالىبىيەت تونېلىنىڭ ئوتتۇرا يول باشلاش تەشمىسىدىكى TBM ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق تېشىلىدىغان چۇۋۇش تەشمىسىنى تېشىش ئۇزۇنلۇقى 50 مېتىرغا يېتىپ، تەشمىدە تاش پارتلىتىش، قېزىش ۋەزىپىسى ئوڭۇشلۇق تاماملىنىپ، تونېلنىڭ كىرىش- چىقىش ئېغىزىدىكى ئىككى TBM ئۈسكۈنىسىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۇچرىشىشى، ئوتتۇرا يول باشلاش تەشمىسىنىڭ ئوڭۇشلۇق تۇتاشتۇرۇلۇشىغا زۆرۈر شارائىت يارىتىلدى.

 ئۈرۈمچى- لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى دۆلەت يولى 30- لىنىيەسىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى ساڭفاڭگوۋدىكى ئۆزئارا تۇتىشىدىغان ئۆتۈشمە كۆۋرۈكىنىڭ غەربىدىن باشلىنىپ، لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ شەرقىدىكى چوڭكۆل كەنتىدە ئاخىرلىشىدۇ، تىيانشان تېغىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنى تۇتاشتۇرىدۇ. ئۇنىڭ «بوغۇز» قۇرۇلۇشى بولغان تىيانشان غالىبىيەت تونېلىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 22.13 كىلومېتىر بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تونېلى، شۇنداقلا دۆلەت ئىچىدە ياسىلىۋاتقان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللار ئىچىدىكى تىپىك ئالاھىدە ئۇزۇن، سوغۇق ھاۋا شارائىتىدىكى، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز بولغان تاشيول تونېلى ھېسابلىنىدۇ.

 مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان گېئولوگىيەلىك شارائىت ۋە ناچار ھاۋا رايى خىرىسى ئالدىدا، جۇڭگو قاتناش قۇرۇلۇش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ ئۈرۈمچى- لوپنۇر تاشيولىنى ھۆددىگە ئېلىش تۈرىدە ئايرىم- ئايرىم ھالدا كىرىش، چىقىش ئېغىزىدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپتىن قارشى يۆنىلىشتە تېشىش قۇرۇلۇشى قىلىندى، قۇرۇلۇشچىلار گېئولوگىيەلىك ئۈزۈلمە بەلباغ، ئالتېراتسىيە بەلبېغى، قەھرىتان سوغۇق، يەر ئىسسىقلىقى، تاغ جىنىسلىرى پارتلاش، گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش، سۇ ئېتىلىپ چىقىش، داشقال سىيرىلىش قاتارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئىجادىي ھالدا«ئۈچ تەشمە + تۆت تىك قۇدۇق» قۇرۇلۇش لايىھەسىنى قوللاندى، يەنى ئەنئەنىۋى ئوڭ- سول ئىككى ئاساسىي تەشمە ئاساسىدا بىر ئوتتۇرا يول باشلاش تەشمىسىنى كۆپەيتتى. ئوتتۇرا يول باشلاش تەشمىسىدە TBM پۈتۈن كەسمە يۈزلۈك قاتتىق تاش قېزىش ماشىنىسى بىلەن قېزىش ھۈنەر- سەنئىتىنى قوللىنىپ، كىرىش- چىقىش ئېغىزىدىن باشلاپ ئىككى دانە TBM ئۈسكۈنىسى بىلەن قارشى يۆنىلىشتە قېزىپ، TBM ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق تېز سۈرئەتتە قېزىش ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئىككى تەرەپتىكى ئاساسىي تەشمىگە توغرا يۆنىلىشلىك يول ئېچىپ، شۇ ئارقىلىق ئىككى ئاساسىي تەشمىدە كۆپ مەشغۇلات ئورنىنى ئېچىپ، بىرلا ۋاقىتتا قۇرۇلۇش قىلىپ، «ئۇزۇن تونېلنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قېزىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قۇرۇلۇش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى.

 ھازىر ئوتتۇرا يول باشلاش تەشمىسى 21 مىڭ 918 مېتىر تېشىلدى، بۇ ئوتتۇرا يول باشلاش تەشمىسى ئۇزۇنلۇقىنىڭ %99.5ىنى ئىگىلىدى، يەنە قېزىلىدىغان ئارىلىق 108.6 مېتىر بولۇپ، پات ئارىدا تۇتاشتۇرۇلىدۇ. TBM ئۈسكۈنىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە چۇۋۇپ توشۇش تەلىپىگە ئاساسەن، ئۈسكۈنىنى چۇۋۇش تەشمىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 50 مېتىر، كەڭلىكى 14 مېتىر، ئېگىزلىكى 15 مېتىر قىلىپ لايىھەلەنگەن.

 جۇڭگو قاتناش قۇرۇلۇش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئۈرۈمچى- لوپنۇر تۈرىنىڭ توپا قۇرۇلۇشى 5- بەلگە بۆلەك تۈر بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى ۋاڭ خېچى مۇنداق دېدى: «TBM ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق تېشىلىدىغان چۇۋۇش تەشمىسى كىرىش- چىقىش ئېغىزىدىكى ئىككى TBM ئۈسكۈنىسىنى چۇۋۇدىغان مۇھىم ئورۇن بولۇپ، ئىككى ئۈسكۈنە بۇ يەردە غەلىبىلىك ئۇچرىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ يەنە ئوتتۇرا يول باشلاش تەشمىسىنىڭ ئوڭۇشلۇق تۇتاشتۇرۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق تىيانشان تېغىنىڭ ئوتتۇرىسىنى تۇنجى قېتىم كېسىپ ئۆتۈش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، بىزنىڭ ئۈسكۈنە چۇۋۇش تەشمىسى قۇرۇلۇشىنى زىممىمىزگە ئالغانلىقىمىز بىز ئۈچۈن شەرەپ ھەم مەسئۇلىيەت».

 تىيانشان غالىبىيەت تونېلى تۇتاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئاپتوموبىل بىلەن تىيانشان تېغىنى كېسىپ ئۆتۈشكە 20 نەچچە مىنۇتلا كېتىدۇ. ئۈرۈمچى- لوپنۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىدا قاتناش باشلانغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھىرىدىن كورلا شەھىرىگە ئاپتوموبىل بىلەن بېرىش ۋاقتى ھازىرقى يەتتە سائەتتىن ئۈچ سائەت ئەتراپىغا قىسقىراپ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭ ئوتتۇرىسىدىكى ماددىي ئەشيالارنى تېز سۈرئەتتە توشۇشقا، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى خەلق ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشقا قولايلىق يارىتىلىدۇ. (مۇخبىر شى چۇەنجى، ئىختىيارىي مۇخبىر لۇ زېجيەن)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125