شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى پەيتىدە كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرىمىز | تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇندى، تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى توپلاندى
16:34:55 2024-12-03 «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

− شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ئۈرۈمچى بۆلەك رايونىنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلغانلىقى توغرىسىدا

11- ئاينىڭ 27- كۈنى، ئىستېمالچىلار شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ئۈرۈمچى بۆلەك رايونى ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات فۇنكسىيەلىك رايون بۆلىكىنىڭ مەركىزىي بەلبېغىغا جايلاشقان شاجىچۇەن (ئۈرۈمچى) ئوتلېتستا مال سېتىۋالماقتا. («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى چېن يەن فوتوسى)

 قانچىكى ئېچىۋېتىلسە، شۇنچە تەرەققىي قىلىدۇ.

 جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى تەسىس قىلىنغان بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئۈرۈمچى بۆلەك رايونى ئالدىن يولغا قويۇپ، ئالدىن سىناق قىلىپ، دادىل ئىزدىنىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى يۇقىرى ئۆلچەمدە ئالغا سىلجىتىپ، تىجارەت- سودا مۇھىتىنى يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدا ئەلالاشتۇرۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشكە يۇقىرى سەۋىيەدە تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ تەرەققىياتىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھات پايدىسىنى تېز قويۇپ بېرىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى كۈنسېرى ئاشۇردى، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى «تەجرىبە ئېتىزى»ۋە ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىشتىكى «باشلامچى رايون»نىڭ ئۈلگىلىك، تۈرتكىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردى.

 بوران- چاپقۇندىن كېيىن ئىشلار روناق تاپتى. ئىسلاھات- ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن تەۋرەنمەي، ئۈرۈمچىنىڭ تەرەققىي قىلىش، ئالغا بېسىش شانلىق سەھىپىسى ئېچىلدى.

 تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش چىڭ تۇتۇلۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىش چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى

 11- ئاينىڭ 29- كۈنى، ئوتتۇرا ئاسىيانى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش (خەلقئارا) ھەمكارلىق مەركىزىدە دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى 100 نەچچە تۈرلۈك مەبلەغ سېلىش ئىشىغا «بىر پونكىت شەكلى»دە مۇلازىمەت قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، بۇ جاي يەنە شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ئۈرۈمچى بۆلەك رايونىدىكى تۇنجى چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىغا مۇلازىمەت قىلىش مەركىزى ھېسابلىنىدۇ.

 بۇ يىلدىن بۇيان، ئوتتۇرا ئاسىيانى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش (خەلقئارا) ھەمكارلىق مەركىزى سودىگەر چاقىرىپ مۇلازىمەت قىلغان كارخانا 633 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭىدىن كۆپەيگەن چەت ئەل مەبلىغى كارخانىسى 14، كىرگۈزگەن تاشقى سودا كارخانىسى 68، باغچە رايونى تاماملىغان سودا سوممىسى جەمئىي 670 مىليون يۈەن بولدى.

 ئەركىن سودا سىناق رايونى دۆلىتىمىزنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىشىدىكى كۈچلۈك تۇتقا.

 يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش يېڭى ئېگىزلىكى بەرپا قىلىشنى يۆنىلىش قىلىپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ئۈرۈمچى بۆلەك رايونى ئوچۇق ئىقتىساد تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، ھەم مۇھىم ئامىللارنى ھەرىكەت تىپىدا ئېچىۋېتىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇردى، ھەم تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتتى.

 بىر يىلدىن كۆپرەك تىرىشىش ئارقىلىق ئۈرۈمچى بۆلەك رايونى كۆپ جەھەتتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، پۈتۈن شىنجاڭ، ھەتتا پۈتۈن مەملىكەت بويىچە كۆپلىگەن «تۇنجى ئىجادىي»، «تۇنجى»، «تۇنجى زاكاز» بارلىققا كەلدى:

 − خەلقئارا ئۆلچەم جىپسىلاشتۇرۇلۇپ، مەملىكەت بويىچە خەلقئارا يول تىرانسپورتىدا «يۇمشاق ياپقۇچ يېپىپ پېچەت سېلىش» تۇنجى ئىجادىي ئەندىزىسى يولغا قويۇلۇپ، يۈك قاچىلاش مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئاشۇرۇلۇپ، توشۇش ۋاقتى كۆرۈنەرلىك قىسقارتىلىپ، بىرلىك ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخى %20تىن كۆپرەك تۆۋەنلىتىلدى؛

 − پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە تۇنجى زاكاز «باجدىن خالىي ئاۋىياتسىيە يېقىلغۇ مېيى» كەسپى ماكانلىشىپ، مەملىكەت بويىچە ئەڭ تېز سۈرئەت يارىتىلدى؛

 − شىنجاڭ بويىچە تۇنجى زاكاز ساپ مىس رۇدىسى «پورت + يۈك چۈشۈرۈش ئورنى»نىڭ بىرلەشمە نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ئەندىزىسى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ئەشيا ئوبوروتى ۋاقىت ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلۈش بىلەن بىللە، نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان كارخانىلار ئۈچۈن ھەر يىلى پورتتا ماكانلىشىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق پەيدا بولغان ئامباردا ساقلاش تەننەرخى 2 مىليون يۈەندىن ئارتۇق تېجەپ بېرىلدى.

 − مەملىكەت بويىچە ئاپتوموبىل ئېكسپورتىدا تۇنجى باجدىن خالىي يۈرۈش لىنىيەسى بېكىتىلگەن نۆۋەتچى پويىز قاتنىدى، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئەرمېنىيە يېرېۋانغا بېرىشتىكى تۇنجى قەرەللىك ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى، ئەنگلىيە كادىفقا بېرىشتىكى خەلقئارا يۈك تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئارقا- ئارقىدىن ئېچىلدى؛

 − «ۋوگزالغا كەلگەن ھامان بىۋاسىتە قاچىلاش»، «تۆمۈريولدا تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش» قاتارلىق تەدبىرلەر دائىملىق قوللىنىلدى؛

 − شىنجاڭ بويىچە تۇنجى زاكاز «بىر تالون تۈزۈمى»دىكى رەقەملىك مال ئېلىش تالونىنى رەنىگە قويۇش، تۇنجى كۆپ تەرەپلىك مەركىزىي بانكا رەقەملىك پۇل كۆۋرۈكى چېگرا ھالقىغان پۇل پېرېۋوت قىلىش قاتارلىق پۇل مۇئامىلە كەسپى مۇۋەپپەقىيەتلىك بېجىرىلدى؛

 − شىنجاڭدىكى تۇنجى كۆچمەنلەر ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ ۋىۋىسكا يوپۇقى ئېچىلىپ، چەت ئەللىكلەر خىزمىتىنى قولايلاشتۇرىدىغان تۇنجى مۇلازىمەت تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛

 − «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قانۇن ئىشلىرى رايونى»غا رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىلىپ، ئەشيا ئوبوروتى تىرانسپورتى، سودىدا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋە چەت ئەلگە چېتىشلىق مۇلازىمەت تېخىمۇ ئەلالاشتى، قولايلاشتى.

 ھەربىر «تۇنجى ئىجادىي»، «تۇنجى»، «تۇنجى زاكاز» كۆپەيسە بىر تۈرلۈك تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىلىدۇ، ھەربىر تۈرلۈك تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشكە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا ئىدارىسى (جۇڭگو <شىنجاڭ> ئەركىن سودا سىناق رايونى ئۈرۈمچى بۆلەك رايونى خىزمىتى ئىشخانىسى) پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پورت باشقۇرۇش ئىشخانىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى يەن جۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «يېڭىلىق يارىتىش ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى، ئۈرۈمچى بۆلەك رايونى مەۋقەنى فۇنكسىيەلىك ئورنىغا قويۇپ، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق سىرتقا ئېچىۋېتىشكە ۋە كەسىپ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، قۇرۇلۇشنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزگەندە، سەككىز جەھەتتىن 263 تۈرلۈك ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرىدىن 40نى ئوتتۇرىغا قويدى».

 بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، يېڭىلىق يارىتىشچان ئۇللۇق، يادرولۇق تۈزۈملەر ئارقا- ئارقىدىن بارلىققا كەلدى، دادىللىق بىلەن باشلامچى بولىدىغان بىر قاتار تەدبىرلەر ئۈرۈمچىنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشىنى ئەلا تىجارەت- سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلىدى.

 ئاپتونوم رايون 1- تۈركۈمدە تۆۋەنگە چۈشۈرگەن 20 تۈرلۈك ئىقتىساد، جەمئىيەت باشقۇرۇش ئىش ھوقۇقىنىڭ ھەممىسىنى توردا ۋە تور سىرتىدا بېجىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، تىجارەت- سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشقا دائىر 330 نەچچە كونكرېت تەدبىر يېڭىلىنىپ يولغا قويۇلدى، مەۋھۇم ئادرېسنى رويخەتكە ئالدۇرۇش، «بىر ئادرېس كۆپ كىنىشكا»، رايون ھالقىغان باجغا ئالاقىدار كەسىپلەرنى «ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەكشۈرۈپ تەستىقلاش»قاتارلىق تەدبىرلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ قوللىنىلدى، كارخانىلارنىڭ چېگرا سىرتىدا مەبلەغ سېلىشنى ئەنگە ئالدۇرۇش ھوقۇق چېكى قوبۇل قىلىندى، چېگرا سىرتىدا مەبلەغ سېلىش ئېلېكتىرونلۇق گۇۋاھنامىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، سىرتقا مەبلەغ سېلىش «بىر پونكىت شەكلى»دىكى مۇلازىمەت كۆزنىكى تەسىس قىلىندى...

 ئېچىۋېتىش سۇپىسى بەرپا قىلىنىپ، سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىساد زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇلدى

 قىشنىڭ 2- ئېيىدا ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىدىكى جۇڭگو- ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (ئۈرۈمچى) يىغىلىش مەركىزىدە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن توپلانغان ماللار «تىيانشان ناملىق» نۆۋەتچى پويىزغا تەرتىپلىك قاچىلىنىۋاتاتتى.

 ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورت رايونىغا ماكانلاشقان شىنجاڭ يىنجوۋ خەنتاڭ سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ۋاڭ يۈپىڭ مۇنداق دېدى: «بىز ئاساسلىقى كىيىم- كېچەك، تۈرلۈك ماللار سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىمىز، شىنجاڭنىڭ ئۆزىدىن مال توپلاپ، <تىيانشان ناملىق> نۆۋەتچى پويىز ئارقىلىق توشۇساق، تېخىمۇ قولايلىق بولىدۇ، ماللىرىمىز يۇقىرى ئۈنۈمدە چەت ئەللەرگە يېتىپ بارالايدۇ».

 جۇڭگو- ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزىنىڭ مۇقىم قاتنىشى، بولۇپمۇ «تىيانشان ناملىق» نۆۋەتچى پويىزنىڭ تېز توشۇشى ئارقىلىق شىنجاڭ يىنجوۋ خەنتاڭ سودا چەكلىك شىركىتى توپلىغان دۆلەت ئىچىدىكى ماللار كارخانىنىڭ ئالمۇتادىكى مەملىكەت سىرتى ئامبىرىغا بىۋاسىتە يېتىپ بارالايدىغان بولدى، كەسىپ دائىرىسى قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، رۇسىيە، بېلارۇسىيە قاتارلىق رايونلارغا كېڭەيدى.

 ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، دىققەتنى «بىر پورت» تۈگۈنى بولۇشتەك فۇنكسىيەلىك ئورنىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئېچىۋېتىش يولى قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، سودىنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئەشيا ئوبوروتىدىكى تۈگۈنلۈك رولىنى كۈنسېرى گەۋدىلەندۈردى.

 شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە پورتى تىپىدىكى دۆلەت ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنى بەرپا قىلىش تېزلىتىلدى. ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدا جەمئىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن خەلقئارا يولۇچى توشۇش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن 25ى، خەلقئارا يۈك تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدىن ئالتىسى بولۇپ، 18 دۆلەت، رايوندىكى 23 شەھەرگە تۇتاشتۇرۇلۇپ، خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت تورى ئۈزلۈكسىز زىچلاشتۇرۇلدى.

 1- ئايدىن 10- ئايغىچە، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە پورتى ئارقىلىق چېگرادىن كىرگەن- چىققانلار 570 مىڭ 400 (قېتىم) بولۇپ، %105.31 ئاشقان، چېگرادىن كىرگەن- چىققان ئايروپىلان 5900 (قېتىم) بولۇپ، %147.48 ئاشقان، ئاۋىياتسىيە تۈگۈنىلىك رولى يەنىمۇ مۇستەھكەملەنگەن.

 شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ئۈرۈمچى بۆلەك رايونى ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇش بىلەن بىللە يەنە پۇقرالارغا ئەمەلىي نەپ يەتكۈزدى، بۇ، ئىستېمالچىلارنىڭ تېخىمۇ تېز سۈرئەت، تېخىمۇ تۆۋەن باھا بىلەن چەت ئەلنىڭ تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا پايدىلىق.

 ئۈرۈمچى ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدىكى ئۈرۈمچى باجدىن خالىي كۆرگەزمە قىلىش- سودىلىشىش مەركىزىدە، ياش ئىستېمالچى شۈ جىنلىن دوستلىرى بىلەن خەلقئارا گىرىم بۇيۇملىرى رايونىدا تاۋار تاللاۋاتاتتى، ئۇلار بىردەم سېلىشتۇرغاندىن كېيىن، بۇ يەردىكى گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ باھاسىنىڭ «قوش 11»دىكى باھادىنمۇ ئەرزان ئىكەنلىكىنى بايقىدى.

 ئۈرۈمچى باجدىن خالىي كۆرگەزمە قىلىش- سودىلىشىش مەركىزىنى شىنجاڭ جۇڭجى رەقەملىك پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى مەبلەغ سېلىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە ۋە ئومۇميۈزلۈك يۈرۈشتۈرۈشكە مەسئۇل. شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ يەنفېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېقىندا، باجدىن خالىي كۆرگەزمە قىلىش- سودىلىشىش مەركىزى ئۆزگەرتىلىپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى، بۇ يەرگە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپادىكى 20 نەچچە دۆلەتنىڭ خاس تاۋارلىرى توپلاندى، يەنە سېربىيە، كەشمىر، سىرى لانكا، تايلاند، ئافرىقا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى قاتارلىق دۆلەت ۋە رايون سارايلىرى كىرگۈزۈلدى، يەككە مەھسۇلات تۈرى 20 مىڭ خىلدىن ئاشتى.

 بۇ يەردىكى باجدىن خالىي كۆرگەزمە قىلىش- سودىلىشىش مەركىزى يەنە چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتىشتۈرۈش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى تەسىس قىلدى.

 ئۈرۈمچى بۆلەك رايونى قۇرغان ئېچىۋېتىش سۇپىسى مۇھىم ئامىل بايلىقىنى توپلىنىشقا جەلپ قىلىش، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، تاشقى سودا ئىمپورت- ئېكسپورتىنى كېڭەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينىدى.

 ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش كېڭەيتىلدى

 شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ئۈرۈمچى بۆلەك رايونىنىڭ بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى رەتلىگەندە، مەيلى ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ يېتەكلەش رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، بىر قاتار تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى شەكىللەندۈرۈش بولسۇن؛ ياكى تۈگۈنلۈك ئورنىنى سىجىل مۇستەھكەملەش، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىش قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش، چېگرا ھالقىغان سودا ئەشيا ئوبوروتى يولى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش بولسۇن... بىر قاتار تەدبىرلەر ئۈرۈمچى بۆلەك رايونىنىڭ ئىسلاھات- ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش بۇرغىسىنى تەڭ چالدى.

 ئۈرۈمچى تاغ- دەريالاردىن ھالقىپ، دوستلار چەمبىرىكىنى كېڭەيتتى؛ بازارنى كېڭەيتىپ، پۇرسەت ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ھەمكارلىق يولىنى ئاچتى. بۇلار ھاياتىي كۈچكە تولغان ئېچىۋېتىلگەن ئېكولوگىيەنى ئورتاق بەرپا قىلدى ھەمدە ئىقتىساد تەرەققىياتنىڭ ئېقىن سۈيىگە ئايلاندى.

 يېقىندا شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىش، تەكشۈرۈشكە كەلگەن پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەر، باش كارخانىلار، «كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە» كارخانىلار قاتارلىق 72 كارخانىنىڭ مەسئۇللىرى ھەم ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر ئۈرۈمچىدە ئېكسكۇرسىيە ۋە تەكشۈرۈشتە بولدى، ئۇلار سودا ئوبوروتى، تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال، مەدەنىيەت- ساياھەت كەسپى، يېشىل ئىمارەت قاتارلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇردى.

 سەيجۇڭ جىنكۇڭ مۈلۈك باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇل ھەمراھى، قوشۇمچە باش لىدىرى لى دۇڭجى مۇنداق دېدى: بىز ئۈرۈمچىدە «كارخانا مەبلەغ سېلىش ۋە پېيىنى بازارغا سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەركىزى»نى قۇرۇپ، كەسىپكە سودىگەر چاقىرىش ھەمكارلىق كەسىپ فوندى قۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ پېيىنى بازارغا سېلىپ، زورىيىشى ۋە كۈچىيىشىگە ياردەم بېرىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

 ئۆتكەن بىر يىلدا، ئۈرۈمچى بۆلەك رايونى دىققەتنى ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش مۇھىم سۇپىسىنى بەرپا قىلىش فۇنكسىيەلىك ئورنىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇھىم ئېچىۋېتىش سۇپىسىنىڭ تەرەققىيات ئېنېرگىيە دەرىجىسىنى سىجىل كېڭەيتىپ، ئىقتىساد- سودا، مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىدا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

 تاشقى سودىنى تېزلىتىش جەھەتتە، ئۈرۈمچى سانائەت تەييار مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىش كۆلىمىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى، ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارلارنى زور كۈچ بىلەن ئاچتى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى، ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارلارنىڭ ئىمپورت- ئېكسپورتىنى ئايرىم- ئايرىم ھالدا %65 ۋە %75 ئاشۇرۇپ، تاشقى سودا قۇرۇلمىسىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، بازار ئېچىش ئۈنۈمىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇردى.

 بۇ يىل 1- ئايدىن 10- ئايغىچە، پۈتۈن شەھەرنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت- ئېكسپورت سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.5 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 2.3 ھەسسە ئاشتى، بازاردىن سېتىۋېلىش سودىسى 2023- يىلىدىكىنىڭ 15.3 ھەسسىسىگە توغرا كەلدى.

 چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە، ئۈرۈمچى نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق كارخانىلارغا سودىگەر چاقىرىش سالمىقىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، سانائەت ساھەسىدە ئىلغار ياسىمىچىلىق، يېڭى ماتېرىيال، يېڭى ئېنېرگىيە، بىيوتېببىي دورا، مۇلازىمەت سودىسى قاتارلىقلارنى زور كۈچ بىلەن كىرگۈزدى، سودا ساھەسىدە زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپى قاتارلىقلارنى نۇقتىلىق كىرگۈزدى، يېزا ئىگىلىك ساھەسىدە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن ئىمپورت قىلىنغان ئەلا سۈپەتلىك بۇغداي، ئاشلىق- ياغ، چارۋا مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ ئىنچىكە پىششىقلاشقا سودىگەر چاقىردى؛ مەدەنىيەت- ساياھەت ساھەسى ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە يۈزلەنگەن چېگرا ھالقىغان مەدەنىيەت- ساياھەت تۈرى ۋە مەھسۇلاتلىرىنى كۈچەپ جەلپ قىلدى.

 بۇ يىل 1- ئايدىن 10- ئايغىچە، پۈتۈن شەھەر بويىچە ئەمەلىي پايدىلانغان چەت ئەل مەبلىغى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 12 ھەسسە، يېڭىدىن قۇرۇلغان چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلار بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1.2 ھەسسە ئاشتى.

 ئۈرۈمچى دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆزنىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەر تەرەپلىمە ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، چوڭقۇر قاتلاملىق ھەمكارلىققا تۈرتكە بولدى. 8- نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، كۆرگەزمىگە قاتناشقان كارخانىلار ۋە كېلىشىم ئىمزالاش سوممىسىدا يېڭى رېكورت يارىتىلدى؛ 100دىن ئارتۇق تاشقى ئىقتىساد- سودا كارخانىسىنى 13- نۆۋەتلىك ئۆزبېكىستان- جۇڭگو شىنجاڭ تاۋار كۆرگەزمىسى، 2024- يىللىق شياڭگاڭ- ئاۋمېن. شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىش ئىقتىساد- سودا، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى، 19- نۆۋەتلىك قازاقىستان- جۇڭگو تاۋار كۆرگەزمىسى قاتارلىق بىر قاتار ئىقتىساد- سودا ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشقا تەشكىللەپ، تاشقى ئالماشتۇرۇش، ئوبرازنى نامايان قىلىش، تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش سالمىقى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇلۇپ، كارخانىلارنىڭ «دېڭىزغا چىقىش» ئارقىلىق خەلقئارا بازارنى ئېچىش قەدىمى پۇختا قەدەم بىلەن تېزلىتىلدى.

 يەن جۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئەمدى ئۈرۈمچى بۆلەك رايونى دىققەتنى سودىدا يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، تاشقى سودىنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسىنى بېيىتىپ، قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىش ۋە ئىلغار تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، تاشقى سودا تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىدۇ؛ پورت ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، دۆلەت ئىچى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىغا يۈزلەنگەن ئاۋىياتسىيە ماتېرىياللىرى سودىسى، ئايرىش- تارقىتىش، يىغىش- تارقىتىش قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، ئاۋىياتسىيە پورتلىرىنىڭ ئىمپورت يۈك تىرانسپورت كەسىپ تۈرلىرىنى كېڭەيتىپ، سودا سۈپىتىنىڭ ئۆسۈشى ۋە مىقدارىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا پائال تۈرتكە بولىدۇ؛ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون، خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونى قاتارلىق ئېچىۋېتىلگەن سۇپىلارنىڭ ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا، غەربىي ئاسىيادىكى دۆلەت ۋە رايونلاردىكى سودا جەمئىيەتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىش يوللىرىنى بەرپا قىلىپ تەشكىللەپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى «قاتتىق تۇتاشتۇرۇش» ۋە تۈزۈم مۇلازىمىتىنى «يۇمشاق تۇتاشتۇرۇش»نى تېز ئالغا سىلجىتىدۇ.

 ئېچىۋېتىش يەلكىنى كۈچلۈك تۈرتكە بولدى، تەرەققىيات پەيتى يېتىپ كەلدى.

 يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. ئېچىۋېتىش قەدىمىنىڭ بارغانسېرى چوڭ بولۇشى، بارغانسېرى پۇختا بولۇشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ئۈرۈمچى بۆلەك رايونى تېخىمۇ زور سالماق بىلەن خەلقئارا كاپىتال، خەلقئارا ئىختىساسلىقلار، خەلقئارا ئىلغار تېخنىكا ۋە كەسىپ تۈرلىرى قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك مۇھىم ئامىل بايلىقىنى جەلپ قىلىپ، تەرەققىيات بوشلۇقىنى سىجىل، ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلماقتا. (مۇخبىر گو لىڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125