ۋاڭ خاڭفېي
شۇ كۈنى كەچتە، ئايالىم تۇيۇقسىز ماڭا تېلېفون بېرىپ، قوشنىمىزنىڭ بىزنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىمىزنى ئىجارىگە ئالغۇسى بارلىقىنى ئېيتتى. مەن ئويلاپ باقسام، ئالدىمىزدا ئاز دېگەندىمۇ يېرىم يىلغىچە ئۆيگە قايتمايدىكەنمىز، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنىمۇ ئىشلىتەلمەيدىكەنمىز، شۇڭا ئايالىمغا «قوشنىمىزغا ئىجارىگە بېرەيلى» دېدىم.
بىز تۆت ئائىلىلىك بىر قەۋەتتە ئولتۇرىمىز، ئىلگىرى دائىم كۆرۈشۈپ تۇرىدىغىنىمىز تام قوشنىمىز ئىدى. ئۆزىمىز تەڭ دېمەتلىك، بالىلىرىمىزنىڭ يېشىمۇ كۆپ پەرقلەنمىگەچكە، كىرىش- چىقىش قىلىپ يۈرۈپ چىقىشىپ قالغانىدۇق.
ھېلىمۇ ئېسىمدە، ئەينى چاغدا ئايالىم بوشىنىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالغاندا، ئانام كېلىپ قارىشىپ بەردى. بىر قېتىم ئانام سىرتقا ماڭغىنىدا، قوشنىمىزمۇ ئىشقا بېرىش ئۈچۈن ئىشىكتىن چىقىپ قاپتۇ- دە، ئانامدىن: «ھامما، سىرتقا چىقامسىز؟» دەپ سوراپتۇ.
ئانام: «شۇنداق، دوختۇرخانىغا بارىمەن»، دەپتۇ.
«ھە، ئەمىسە ئۆزىڭىز يالغۇز قانداق باراي دەۋاتىسىز؟»
«ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ بارىمەن،ئانچە يىراق ئەمەس».
«ئەمىسە، مەنمۇ ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئىشقا بارماقچىدىم، سىزنى ئاپتوبۇس بېكىتىگە ئاپىرىپ قوياي».
ئانام قوشنىمىزنىڭ قىزغىنلىقىنى ياندۇرالماي، ئۇنىڭ ئاپتوموبىلىغا چىقىپتۇ، گەرچە پىيادە 10 مىنۇتلۇق يولغا ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ 2- 3 مىنۇتتىلا يېتىپ بېرىۋالغان بولسىمۇ، لېكىن ئانام يەنىلا چوڭ شەھەرنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىپتۇ.
بالىلىق بولغاندىن كېيىن، يۇرتقا قايتىشقا قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، ئايالىم ئىككىمىز ئاپتوموبىل سېتىۋېلىشنى قارار قىلدۇق. ئىككىمىزنىڭ پىراۋىمىز بولغان بىلەن، پىراۋا ئالغاندىن بۇيان ئاپتوموبىل تۇتۇپ باقمىغانىدۇق. بىز يەنىلا يۇرتىمىزغا قايتىپ كۆپرەك مەشىق قىلىپ، ھەيدەش تېخنىكىسىنى پىششىق ئىگىلىگەندىن كېيىن ئاندىن شەھەردە ھەيدەشنى مەسلىھەتلەشتۇق. شەھەردە ئاپتوموبىل بەك كۆپ، يول مۇرەككەپ، ھەيدىسە ئادەمنىڭ قورققۇسى كېلەتتى.
دەل بىزنىڭ ئاپتوموبىلنى ئاسراشقا بېرىدىغان چېغىمىزدا، مەن كاماندىروپكىغا چىقىپ كەتتىم. ئايالىم ئۆزى يالغۇز ئاپتوموبىلنى ئولتۇراق رايوندىن S4 دۇكىنىغا ھەيدەپ بېرىشقا جۈرئەت قىلالماي، قوشنىمىزدىن ياردەم سورىماقچى بوپتۇ. ئويلىمىغان يەردىن، قوشنىمىز ھەپتە ئاخىرىدا ئىشى يوقلۇقىنى، ئالاقىلىشىپ قويساقلا خالىغان ۋاقىتتا بارالايدىغانلىقىنى دەپ ماقۇل بوپتۇ.
ئايالىم كۆڭلىدىكى غەمدىن ئاخىرى قۇتۇلۇپتۇ. S4 دۇكىنىغا بېرىش يولىدا، قوشنىمىز ئايالىمغا شەھەردە ئاپتوموبىل ھەيدەش تېخنىكىسى ۋە تەجرىبىسىنى ئۆگىتىپتۇ. مەھەللىگە قايتىدىغان چاغدا ئاپتوموبىلنى ئايالىمغا ھەيدەتكۈزۈپ، ئۆزى ياندا ئولتۇرۇپ يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاخىرى ئۆيگە بىخەتەر يېتىپ بېرىپتۇ.
بۇ قېتىمقى كەچۈرمىشتىن كېيىن، قوشنىمىز بىلەن تېخىمۇ يېقىن بولۇپ كەتتۇق. مەن يەنە ئالايىتەن مېۋە- چېۋە سېتىۋېلىپ، ئايالىمدىن قوشنىمىزغا كىرگۈزۈپ رەھمىتىمىزنى بىلدۈردۇق.
بۇ قېتىم قوشنىمىز بىزنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىمىزنى ئىجارىگە ئالماقچى بولغاندا، مەن ئايالىمغا قوشنىمىزنىڭ ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىنى باشقۇرۇش ھەققىنى بېرىپلا ئىشلىتىۋەرسە بولىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن ئىجارە ھەققى ئېلىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى ئېيتقانىدىم. قوشنىمىز: «ياق، باشقىلارنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئىجارىگە ئالساملا بولىدۇ»، دەپتۇ. كېيىن ئايالىم ئالغىلى ئۇنىماپتىكەن، قوشنىمىز بىر يىللىق ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى باشقۇرۇش ھەققىنى بېرىپتۇ.
باھار بايرىمىدا قوشنىمىز بىزدىن: «باھار بايرىمىنى قايتىپ كېلىپ ئۆتكۈزەمسىلەر؟» دەپ سورىدى، بىز:«قايتمايمىز، يۇرتىمىزدا باھار بايرىمى ئۆتكۈزىمىز»، دېدۇق. باھار بايرىمىنىڭ بىرىنچى كۈنى ئەتىگەندە، قوشنىمىز ئايالىمغا چۇنليەن چاپلانغان بىر پارچە سۈرەتنى ئەۋەتىپتۇ، قارىسام، بۇ بىزنىڭ ئىشىكىمىزكەن ئەمەسمۇ؟
قوشنىلار بىلەن ياخشى ئۆتۈش ئۆزىگە قولايلىق يارىتىش دېمەكتۇر، بەزى ئىشلار ھەمىشە بىلىپ- بىلمەيلا ئادەمنى تەسىرلەندۈرىدۇ.
ئاپتورنىڭ ئادرېسى: شەنشى ئۆلكىسى ۋېينەن شەھىرى فۇپىڭ ناھىيەسى شۆجېن بازىرى دىديەن كەنتى
پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)