«بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىمىز
− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 4- قېتىملىق «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى يىغىنغا قاتناشقۇچىلار ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى
باش شۇجى شى جىنپىڭ 12- ئاينىڭ 2- كۈنى بېيجىڭدا 4- قېتىملىق «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. يىغىنغا قاتناشقۇچىلار مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ مەزمۇنى يۈكسەك، ماھىيەتلىك مەزمۇنى مول بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى مۇھىم قوللانما بىلەن تەمىنلىدى، ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىمىز.
«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن بۇيان، دۆلىتىمىز 150 نەچچە دۆلەت، 30 نەچچە خەلقئارا تەشكىلات بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالىدى. بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، يىغىنغا قاتناشقۇچىلاردا كۈچلۈك ئورتاق سادا قوزغىدى.
«بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جېڭ شەنجيې مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئۆزى پىلانلاپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئۆزى تۈرتكە بولدى. 11 يىلدىن بۇيان، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتا زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشىغا جۇڭگو ئەقىل- پاراسىتى قوشتى، جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدى، بۇ، دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ زور، دائىرىسى ئەڭ كەڭ، تەسىرى ئەڭ چوڭقۇر خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق سۇپىسىغا ئايلىنىپ، خەلقئارا چاقىرىق كۈچى، تەسىر كۈچى، ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى.
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ما جاۋشۈ مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئومۇملۇق ۋە دۇنيادا يۈز يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئۆزى پىلانلاپ، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئۆزى تۈرتكە بولغان زور خەلقئارا ھەمكارلىق تەشەببۇسى بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم سۇپا، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم تۇتقا، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىنى كېڭەيتىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولۇپ قالدى. بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» يەرشارىۋى ھەمراھلىق تورىنى مۇستەھكەملەيمىز ۋە كۈچەيتىمىز.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە قەدەم قويدى، يەككە تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىق كۆرۈنەرلىك كۈچىيىپ، قىسمەن دائىرىلىك توقۇنۇش ۋە داۋالغۇش ئۈزۈلمەي يۈزبەردى. مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا «تۆتنى بىرلەشتۈرۈش» ۋە «ئۈچنى بىرتۇتاش پىلانلاش» قاتارلىق بىر قاتار يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى جۇڭگو چېگرا رايون تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى شىڭ گۇاڭچېڭ بۇنىڭغا قارىتا چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە ناھايىتى كۈچلۈك ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر، خەۋپسىزلىك ئېڭى، سىستېمىلىق قاراش ۋە خەلقئارا نەزەر نامايان قىلىنغان بولۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئىستراتېگىيەلىك پىكىر يولى ۋە كۆرسەتمە بىلەن تەمىنلىدى، بۇ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك، تېخىمۇ ئېلاستىك، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان ئورتاق پايدا ئالىدىغان تەرەققىيات يېڭى بوشلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىشكە پايدىلىق.
«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىق يىرىك پىلانىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، «قاتتىق تۇتاشتۇرۇش»، «يۇمشاق تۇتاشتۇرۇش»، «قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇش»نى ماس ئالغا سىلجىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش... بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىش مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىلىق ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.
ئالاقىدار تارماقلاردىن يىغىنغا قاتناشقۇچىلار مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالغا سىلجىتىش مېخانىزمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سودا سېلىنما ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش تورىنى تېز بەرپا قىلىپ، ئۈلگە كۆرسىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە بىر تۈركۈم چوڭ- چوڭ بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشلارنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان بىر تۈركۈم «ئاددىي ھەم گۈزەل» تۈرلەرنى ئەمەلىي قۇرۇپ، چوڭقۇر، تۈجۈپىلەپ ئىشلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا ئومۇميۈزلۈك تۈرتكە بولىمىز.
ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ، ئىشنى ئىشقا ئۇلاپ ئىشلەش كېرەك. يىغىنغا قاتناشقۇچىلار مۇنداق بىلدۈردى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ھەقىقىي ئالغا سىلجىتىشتا، خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، كېيىنكى ئالتۇن ئون يىل ئۈچۈن تەرەققىيات بىرىكمە كۈچى مۇجەسسەملەشكە توغرا كېلىدۇ.
خۇبېي «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم تۇتاشتۇرۇش نۇقتىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى خۇبېي ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى شاۋ شىنيۈگە زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ مۇھىملىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى. «بىز چاڭجياڭ دەرياسى ئالتۇن سۇ يولى دەريا- دېڭىزلارغا تۇتىشىش، جۇڭگو − ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى (ۋۇخەن) ئاسىيا- ياۋروپانى تۇتاشتۇرۇش، خۇاخۇ خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ يەرشارىۋى توشۇش- تەقسىملەش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئېچىۋېتىش تۈگۈنىنىڭ ئىقتىدارىنى سىستېمىلىق ئۆستۈرۈپ، ئىچكى قۇرۇقلۇق ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىش مۇھىم تۈگۈن نۇقتىسى ۋە دۆلەت ئىچى- خەلقئارا قوش ئايلىنىش مۇھىم تۈگۈنى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، <بىر بەلباغ، بىر يول>نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىمىز» دېدى شاۋ شىنيۈ.
نۆۋەتتە، جۇڭگو − ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى جەمئىي 100 مىڭ نۆۋەتتىن ئارتۇق قاتناپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىگە ئايلاندى. يىشىنئوۋ سودا مۇلازىمەت گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى فېڭ شۈبىن مۇنداق بىلدۈردى: تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، خەۋپسىزلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، يىۋۇ جۇڭگو − ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ تىجارەت سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان بۇ سودا يولىنى ياخشى قۇرىمىز، خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرىدىغان بۇ دوستلۇق كۆۋرۈكىنى ياخشى سالىمىز.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- ئاينىڭ 2- كۈنى تېلېگراممىسى)
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)