ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى 12- ئاينىڭ 4- كۈنى سائەت 9دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، شىنجاڭ گۇڭئەن نازارىتى قاتناش ساقچى باش ئەترىتى يۇقىرى دەرىجىلىك تاشيول تارماق ئەترىتى تەۋەلىكنىڭ ئەڭ يېڭى يول يۈرۈش ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى:
ھاۋارايى ئەھۋالى:
G30 ليەنيۈنگاڭ − قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى: سەنپىڭدىن ۋۇگۇڭتەيگىچە بولغان ئارىلىقتا تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاۋىيتەندىن قۇتۇبىغىچە، تاسىرقاي دەرياسىدىن ماناسقىچە بولغان ئارىلىقتا كۆرۈش ئارىلىقى 300 مېتىر ئەتراپىدا.
G7 بېيجىڭ − شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى: فۇكاڭدىن شەرقىي جۇڭغارغىچە تۇمان بار، كۆرۈش ئارىلىقى 300 مېتىر ئەتراپىدا.
يۈرۈش ئەھۋالى:
G30 ليەنيۈنگاڭ − قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ شياۋساۋخۇ − ئۈرۈمچى بۆلىكى، G7 بېيجىڭ − شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ گەنچۈەنپۇ − غەربىي ۋوگزال ئۆتۈشمە كۆۋرۈكى بۆلىكى، ئۈرۈمچى − سانجى تېز سۈرئەتلىك يولىدا قاتناش نورمال.
G7 بېيجىڭ − شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى: تۇمانلىق ھاۋارايى سەۋەبىدىن، گەنچۈەنپۇدىن داخۇاڭشەنگىچە بولغان ھەرقايسى باغلىما يوللاردىكى ھەق ئېلىش پونكىتلىرى خەتەرلىك بۇيۇملارنى توشۇيدىغان ئاپتوموبىل، سېرىق نومۇر تاختىسى ئاسقان يولۇچىلار ئاپتوموبىلى، چوڭ ئاپتوموبىللارنىڭ يۈرۈشىگە چەك قويدى.
ئۈرۈمچى شەرقىي شەھەر ئايلانما يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى: قىسمەن يول بۆلەكلىرىدە يولنى مۇز تۇتۇپ كەتكەچكە، يول ئاسراش تارماقلىرى مۇز تازىلاش مەشغۇلاتى قىلىۋاتىدۇ، ئۇلانباي تۈگۈنىدىن گەنچۈەنپۇ ئۆتۈشمىسىگىچە بولغان ئاساسىي لىنىيەدە قوش يۆنىلىشتە تارقاقلاشتۇرۇلدى، يول بويىدىكى ھەر قايسى باغلىما يول ھەق ئېلىش پونكىتلىرى تاقالدى.
G30 ليەنيۈنگاڭ − قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى: تۇمانلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ ھەم قىسمەن يول بۆلەكلىرىدە مۇز تۇتۇپ، يول يۈرۈش شارائىتى ناچارلاشقاچقا، ئاسراش تارماقلىرى تۇز چېچىش مەشغۇلاتى قىلىۋاتىدۇ، سانجىنىڭ شەرقىدىن كۈيتۈننىڭ غەربىگىچە بولغان ئاساسىي لىنىيەدە قوش يۆنىلىشتە قاتناش ئېقىمى تارقاقلاشتۇرۇلدى، لىنىيە بويىدىكى باغلىما يول ھەق ئېلىش پونكىتلىرى تاقالدى، نۆۋەتتە ئاپتوموبىللارنى يىغىۋاتىدۇ، ساقچى ئاپتوموبىلى باشلاپ ماڭىدۇ.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)