قار يېغىپ زېمىن كۈمۈش لىباس كىيدى
قار جىددىي تازىلىنىپ، يوللار راۋانلاشتۇرۇلدى
قارنىڭ كەينى- كەينىدىن يېغىشى كىشىلەرنىڭ قىزىقىش نۇقتىسى بولۇپ قالدى
يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئۇدا قار ياغدى. مۇشۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا ئوتتۇراھال قار ياغدى، داۋانچىڭ رايونىدا ئازراق قار يېغىپ، يەتتە - سەككىز بال ئۆتكۈنچى غەرب شامىلى چىقتى.
ھۆل- يېغىننىڭ تەسىرىدە پۈتۈن شەھەردىكى ھەرقايسى رايون (ناھىيە)لارنىڭ تېمپېراتۇرىسى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى. مۆلچەرلىنىشىچە، مۇشۇ ھەپتىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە شەھەر رايونىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن ℃7قا چۈشكەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئەڭ يېڭى مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، چارشەنبە كۈنى يەنە بىر قېتىم قار ياغىدىكەن.
مۇشۇ ھەپتىدىكى باشقا ۋاقىتلاردا ئۈرۈمچى شەھىرىدە ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولىدىكەن، لېكىن مىدۇڭ رايونى ۋە ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدا تۇمانلىق ھاۋا رايىنىڭ كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بار بولۇپ، كۆرۈش دەرىجىسى تۆۋەنلەيدىكەن. تېمپېراتۇرا جەھەتتە، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃7تىن ℃0قىچە، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن ℃12تىن نۆلدىن تۆۋەن ℃5قىچە بولىدىكەن. (مۇخبىر جياڭ بىنۋېي)