تۈنۈگۈن كەچ يول تېيىلغاق بولغاچقا، ئۈرۈمچى غەربىي تاشقى ئايلانما يولىدا 25 ئاپتوموبىل سۈركىلىپ سوقۇلۇپ كەتتى، ئادەم يارىلانمىدى
12:39:19 2024-12-04 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

12- ئاينىڭ 3- كۈنى سائەت 21دىن 19مىنۇت ئۆتكەندە، ئۈرۈمچى شەھىرى غەربىي تاشقى ئايلانما يولىنىڭ شىچېڭ كوچىسى كۆۋرۈكىنىڭ جەنۇبتىن شىمالغا بولغان بۆلىكىدە يول يۈزى تېيىلغاق بولغانلىقتىن، كۆپ نۇقتىدا، كۆپ قېتىم ئاپتوموبىللار سوڭدىشىپ سوقۇلۇپ كېتىشتەك قاتناش ۋەقەسى يۈز بەردى. ۋەقە مەلۇماتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى قاتناش ساقچى تارماق ئەترىتىنىڭ خەلق ساقچىلىرى دەرھال نەق مەيدانغا بېرىپ، قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇش، ئاگاھلاندۇرۇش- ئالدىنى ئېلىش ۋە ۋەقەنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى. ۋەقەدە 25 ئاپتوموبىل سۈركىلىپ سوقۇلۇپ كەتتى، ئادەم يارىلانمىدى.

12- ئاينىڭ 3- كۈنى سائەت 23لەردە، قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەن نەق مەيدان بىر تەرەپ قىلىنىپ بولدى، ھادىسە يۈز بەرگەن يول بۆلىكىدە نورمال قاتناش ئەسلىگە كەلدى.

قاتناش ساقچىلىرى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: قىش كىرىشى بىلەن تۇمان قاپلاش ۋە قار يېغىشتەك ھاۋارايى كۆپ كۆرۈلىدۇ، شوپۇر دوستلارنىڭ سەپەرگە چىقىشتىن بۇرۇن ھاۋارايى ئۆزگىرىشى ۋە يوللاردىكى قاتناش ئەھۋالىغا ۋاقتىدا دىققەت قىلىپ، سەپەرگە چىقىش ۋاقتى ۋە لىنىيەسىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشىنى، ئاپتوموبىللارنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈپ، قىشلىق چاقنى تېزدىن ئالماشتۇرۇشىنى، يېتەرلىك بىخەتەر ئارىلىق، سۈرئەتنى ساقلاپ، ئېھتىيات بىلەن ھەيدىشىنى سورايمىز.

پايدىلانغان مەنبە: «شىنجاڭ تارقىتىشى» ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125