شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى پەيتىدە كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرىمىز |جوۋ ۋېي: كارخانىلارنىڭ مەملىكەت سىرتى بازىرىنى كېڭەيتىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ زەنجىرسىمان يول ئاچىمىز
18:35:18 2024-12-04 «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 شىنجاڭ گاڭجۇڭلۈخۇاماۋ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى چەكلىك شىركىتىنىڭ كەسىپ باش نازارەتچىسى جوۋ ۋېي مۇنداق دېدى: «شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلغان بىر يىلدىن بۇيان، بىز چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئەشيا ئوبوروتى، خەلقئارا تاشيول لىنىيەسى قاتارلىق كەسىپ دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىساد سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، چەت ئەل كارخانىلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، خەلقئارا بازارنى ئورتاق ئاچتۇق. ھۆكۈمەت مۇلازىمىتىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشى، سودىنىڭ قولايلىشىشى، مەبلەغ سېلىشنىڭ ئەركىنلىشىشى ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ ئەڭ جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە تەرىپى بولۇپ، بۇ بىزگە تېخىمۇ ياخشى تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى».

 جوۋ ۋېي تۇرۇشلۇق شىنجاڭ گاڭجۇڭلۈخۇاماۋ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى چەكلىك شىركىتى ئاساسلىقى خۇاماۋ ئەشيا ئوبوروتى كەسپىي تورى ۋە مۇلازىمەت ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئاسىيا- ياۋروپا بۆلىكىدىكى ئاساسلىق دۆلەت ۋە رايونلاردا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىدۇ، ئاساسلىق تىجارەت كەسپى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى، خەلقئارا تۆمۈريول، خەلقئارا تاشيول، ئىچكى سودا تۆمۈريول تىرانسپورتى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا مەخسۇس لىنىيەسى، قۇرۇلۇش ئەشيا ئوبوروتى، خەتەرلىك بۇيۇملارنى توشۇش، 3- تەرەپ ئامباردا ساقلاش، چېگرا ئىچى- سىرتىدىكى تاموژنا ئىشلىرى قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ.

 جوۋ ۋېي مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ئۈرۈمچى بۆلەك رايونى شىمىگۇ فۇنكسىيەلىك رايون بۆلىكىگە ماكانلاشقاندىن بۇيان، ئالاقىدار تارماق ۋە گۇرۇھنىڭ ياردىمىدە تەرەققىيات تەدبىرىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يول قۇرۇلمىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «يول + تور + سودا + كەسىپ»تىن ئىبارەت كۆپ مۇھىم ئامىللىق يېڭى كەسىپ ھالىتى ئەندىزىسىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈردى.

 كارخانىنىڭ ياخشى تەرەققىي قىلغان- قىلمىغانلىقىنى ئىشچى- خىزمەتچىلەر سانىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. شىنجاڭ گاڭجۇڭلۈخۇاماۋ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى چەكلىك شىركىتى دەسلەپ قۇرۇلغاندا ئىشچى- خىزمەتچىلەر ئون نەچچە بولۇپ، بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق ھازىر ئىشچى- خىزمەتچىسى 40تىن ئاشتى.

 ئۈرۈمچى بۆلەك رايونى خەلقئارا يول تىرانسپورتىدا «يۇمشاق ياپقۇچ يېپىپ پېچەت سېلىش» ئەندىزىسىنى يېڭىلىق يارىتىپ يولغا قويۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى خەلقئارا يول تىرانسپورتى ياپقۇچلۇق ئاپتوموبىل كوللېكتىپ ئۆلچىمىنى شەكىللەندۈردى ھەمدە بۇنى پۈتۈن شىنجاڭدا ئومۇملاشتۇردى. «يۇمشاق ياپقۇچ يېپىپ پېچەت سېلىش» ئەندىزىسىدە يۈك قاچىلاش مىقدارى ئىلگىرىكىدىن %12تىن %30كىچە ئاشتى، بىرلىك ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخى تەخمىنەن %20 تۆۋەنلىدى، توشۇش ۋاقتى %25تىن كۆپرەك قىسقاردى، ھەربىر ئاپتوموبىلدا 3000 يۈەندىن 4000 يۈەنگىچە ئۇنىۋېرسال خىراجەت تېجەپ قېلىندى.

 جوۋ ۋېي مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى ماللارنى توشۇشتا پورتتا ھەرخىل رەسمىيەتلەرنى بېجىرىشكە توغرا كېلەتتى، توختاش ۋاقتى بىرقەدەر ئۇزۇن بولۇپ، تەننەرخ بېسىمى پەيدا قىلىپلا قالماي، يەنە مال تاپشۇرۇش ۋاقتىغىمۇ تەسىر يېتەتتى. ھازىر كۆپ خىل قولايلاشتۇرۇش تەدبىرلىرى ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، مالنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش ۋاقتى زور دەرىجىدە قىسقىراپ، كارخانىنىڭ تىجارەت ئۈنۈمى زور دەرىجىدە ئاشتى. ھازىر كارخانىمىز ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپادىكى كارخانىلار بىلەن كۆپ قاتلاملىق، كۆپ ساھەلىك ھەمكارلىق ئورنىتىشتا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەتلەرگە ئېرىشتى، ئېكسپورتقا تۈرتكە بولۇش بىلەن بىللە، كارخانىمىزمۇ دۆلەت ئىچىدىكى خېرىدارلارنىڭ ئىلتىماس- تەلىپىنى ئۈزلۈكسىز قېزىپ، كارخانىلارنىڭ شىنجاڭ بازىرىنى چوڭقۇر ئېچىپ، بازار ئۈلۈشىنى كېڭەيتىشىگە تۈرتكە بولدى، بولۇپمۇ شىنجاڭنىڭ خاس كەسىپلەر توپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چۆرىدەپ، كەسىپ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ ئەۋزەل بايلىقىنى قېزىپ، كەسىپ تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.

 جوۋ ۋېي يەنە مۇنداق دېدى: «شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ، شىركىتىمىزنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنىڭ چوقۇم بارغانسېرى ياخشى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن». ( مۇخبىر ۋاڭ شۈەن)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125