ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نۇقتىلىق تۈرى بولغان دۇڭدالياڭ پەن- تېخنىكا ئىجادىيىتى كەسىپلەر باغچىسىنى بېزەش ئاخىرلىشىپ، تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش باسقۇچىغا كىردى، پات ئارىدا ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلىدۇ.
12- ئاينىڭ 2- كۈنى، ئۈرۈمچى تىيانشان رايونى دۇڭدالياڭ شەرقىي كوچىسىغا جايلاشقان دۇڭدالياڭ پەن- تېخنىكا ئىجادىيىتى كەسىپلەر باغچىسىدا، تۈر قۇرۇلۇشىدىكى 1-، 2 -، 3- نومۇرلۇق بىنالارنىڭ سىرتقى يۈزىنى بېزەش خىزمىتىنىڭ تولۇق تاماملانغانلىقىنى، ئىچكى قىسمىنى بېزەش، تۇرۇبا لىنىيەسى ۋە باغچە رايونىنى كۆكەرتىشنىڭمۇ ئومۇميۈزلۈك ئاخىرلاشقانلىقىنى، بىنا ئىچىنىڭ ئىللىقلىققا تولغانلىقىنى كۆرگىلى بولاتتى.
دۇڭدالياڭ پەن- تېخنىكا ئىجادىيىتى كەسىپلەر باغچىسى ۋە ئۇل ئەسلىھەلەرنى يۈرۈشلەشتۈرۈش تۈرى تىيانشان رايونىنىڭ دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى قۇرۇلۇش تەلىپىگە ئاۋاز قوشۇپ، يېڭىلىق يارىتىشچان دۆلەت قۇرۇشتىكى سىياسەت، تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش بولۇپ، پۈتكۈل قۇرۇلۇشتا قۇراشتۇرما ئىمارەت ئۈلگە تۈرى بەرپا قىلىندى، قۇرۇلۇش جەريانىدا ئەڭ يېڭى «قارا پەن- تېخنىكا»لىق ئاليۇمىن قېلىپ ھۈنەر- سەنئىتى قوللىنىلدى. جۇڭگو بىناكارلىق- قۇرۇلۇش گۇرۇھى شىنجاڭ قۇراشتۇرۇش قۇرۇلۇشى چەكلىك شىركىتى دۇڭدالياڭ تۈرىنىڭ مەسئۇلى چېن ۋېيلياڭ مۇنداق دېدى: «بىز يېشىل، ئېنېرگىيە تېجەيدىغان، تۆۋەن كاربونلۇق مۇھىت قوغدايدىغان لايىھەلەش پىرىنسىپىغا ۋارىسلىق قىلىپ، پەلەمپەي، يېنىك ئارا تام تاختىسى قاتارلىقلارنى زاۋۇتتا ئالدىن ياساپ، كۇبىك قۇراشتۇرغانغا ئوخشاش قۇراشتۇرۇپ، ھەربىر قەۋەتنىڭ قۇرۇلۇش سۈرئىتىنى %20 تېزلىتىپ، ئادەم كۈچىنى %30 تېجەپ قالدۇق».
دۇڭدالياڭ پەن- تېخنىكا ئىجادىيىتى كەسىپلەر باغچىسى شەرقىي 2- ئايلانما يولغا يېقىن بولۇپ، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 70 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ. بۇ تۈردە 2022- يىلى 5- ئايدا رەسمىي ئىش باشلانغان بولۇپ، شەھەرنىڭ جەنۇبىدىكى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلار توپلاشقان رايون بەرپا قىلىنماقچى، بۇ باغچە رايونى پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىناسى، 1- نومۇرلۇق بىنا، 2- نومۇرلۇق بىنا، 3- نومۇرلۇق بىنادىن تەركىب تاپقان بولۇپ، يەر ئۈستى ۋە يەر ئاستىغا جەمئىي 400دىن ئارتۇق ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنى تەسىس قىلىنغان.
تىيانشان رايونلۇق شەھەر قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىش شىركىتى تۈر باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ تۈر دىرېكتورى دۇەن گاڭچياڭ مۇنداق دېدى: «دۇڭدالياڭ پەن- تېخنىكا ئىجادىيىتى كەسىپلەر باغچىسىنىڭ فۇنكسىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى ئالىي، سەرخىل، ئىلغار پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئۇنى كىرگۈزۈش بولۇپ، داۋالاش تەتقىقاتى، تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى، تەربىيەلەش- يېتىشتۈرۈش قاتارلىقلارنى سودىگەر چاقىرىش يۆنىلىشى قىلغان، ھازىر باغچە رايونى ئالاقىدار كارخانىلار بىلەن سۆھبەتلەشمەكتە».
ئىگىلىنىشىچە، دۇڭدالياڭ پەن- تېخنىكا ئىجادىيىتى كەسىپلەر باغچىسىنىڭ 2- قارارلىق تۈرىگىمۇ پائال تەييارلىق قىلىنىۋېتىپتۇ، 2- قارارلىق تۈردە بانكا، يېمەك- ئىچمەك قاتارلىق فۇنكسىيەلىك يۈرۈشلەشكەن ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قىلىنىپ، باغچىنىڭ فۇنكسىيەسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلىدىكەن. (مۇخبىر ۋاڭ لىنا)