«ساقلاش مۇددىتى بەك ئۇزاق بولغان نەرسىلەرنىڭ ئىچىگە نۇرغۇن چىرىشتىن ساقلاش دورىسى سېلىنغان بولىدۇ».
يېمەكلىكنىڭ سۈپەت كاپالەت مۇددىتى ئىزچىل كىشىلەر يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى ئويلاشقاندا ئىنتايىن دىققەت قىلىدىغان بىر ئىش. بەزىدە ئۆيدىكىلەردىن «سۈپەت كاپالەت مۇددىتى بەك ئۇزاق بولغان نەرسىلەرنى سېتىۋالماڭ، ئىچىگە نۇرغۇن چىرىشتىن ساقلاش دورىسى قوشۇلغان بولىدۇ»، دېگەندەك گەپلەرنى ئاڭلايمىز.
پىتنە- ئىغۋا تەھلىلى
ئەمەلىيەتتە، ئۇنداق ئەمەس.
ئەمەلىيەتتە، يېمەكلىكلەرنى يېڭى پېتى ساقلاش پۈتۈنلەي چىرىشتىن ساقلاش دورىسىغا تايىنىپ تاماملانمايدۇ. يېمەكلىكنى يېڭى پېتى ساقلاش ۋاقتىنىڭ ئۇزاق بولۇشى ئاساسلىقى كۆپ تەرەپلىمىلىك ئامىللارنىڭ، مەسىلەن يېمەكلىكنىڭ ئۆزىنىڭ ھالىتى ۋە ئوراپ قاچىلىنىشى قاتارلىق تاشقى ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.
يېمەكلىكلەرنى يېڭى پېتى ساقلاش پۈتۈنلەي چىرىشتىن ساقلاش دورىسىغا تايىنىپ تاماملانمايدۇ. يېمەكلىكنى يېڭى پېتى ساقلاش ۋاقتىنىڭ ئۇزاق بولۇشى ئاساسلىقى ئىچكى ئامىل ۋە تاشقى ئامىلنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.
يېمەكلىكنىڭ سۈپەت كاپالەت مۇددىتى يېمەكلىكنىڭ ئۆزىنىڭ ھالىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك
ئالدى بىلەن ئىچكى ئامىل، يەنى يېمەكلىكنىڭ ئۆزىنىڭ ھالىتى. ئادەتتە سۇ تەركىبى تۆۋەن يېمەكلىكلەرنىڭ سۈپەت كاپالەت مۇددىتى سۇ تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئۇزاق بولىدۇ. مەسىلەن، سۇ تەركىبى ناھايىتى يۇقىرى شوخلىنى نورمال تېمپېراتۇرىدا ئىككى- ئۈچ كۈن قويۇپ قويسىلا زەمبۇرۇغ بىلەن توشۇپ كېتىدۇ، قۇرۇق كەسمە چۆپنى تارتمىغا بىر يىل قويۇپ قويسىمۇ ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ. قۇرۇق يېمەكلىكلەر، مەسىلەن، شاكاللىق مېۋە، دان قاتارلىقلارنىڭ سۇ تەركىبى بىر قەدەر تۆۋەن بولغاچقا، ئەسلىدىنلا مىكرو ئورگانىزملار ئاسان پەيدا بولمايدۇ، ساقلىغاندا مۇھىتنى باشتىن- ئاخىر قۇرغاق كونترول قىلسىلا، سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، شۇڭا چىرىشتىن ساقلاش دورىسى ناھايىتى ئاز قوشۇلىدۇ.
بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، يېمەكلىكتىكى سۇ مىقدارى بىر قەدەر ئاز بولغاندا، مىكرو ئورگانىزملار ياشاش، كۆپىيىشكە كېرەكلىك سۇغا ناھايىتى ئاز ئېرىشىدۇ، شۇڭا يېمەكلىكتە چىرىش مەسىلىسى تېخىمۇ ئاز كۆرۈلىدۇ. شوخلىغا ئوخشاش سۇ تەركىبى مول، قەنت قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار بار يېمەكلىكلەر ئاسانلا مىكرو ئورگانىزملارنىڭ ئۆستۈرۈش قاچىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ، تېمپېراتۇرا شارائىتى مۇۋاپىق بولسىلا ناھايىتى تېزلا سېسىپ كېتىدۇ.
لېكىن يېمەكلىك تەركىبىدىكى شېكەرنىڭ تېخىمۇ تېز چىرىپ كېتىشى ناتايىن. ئەمەلىيەتتە، قەنت تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنىڭ قىممىتىنى ساقلاش ۋاقتىمۇ بىر قەدەر ئۇزاق بولىدۇ. چۈنكى قەنت مىقدارى يۇقىرى، سۇ مىقدارى تۆۋەن مۇھىت مىكرو ئورگانىزملارنىڭ ئۆسۈشىنى ئوخشاشلا تىزگىنلەيدۇ، مەسىلەن، ھەسەلنى ھىم ئەتكەندىن كېيىن ناھايىتى ئۇزاق ساقلىغىلى بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، تۇز مىقدارى يۇقىرى بولسىمۇ مىكرو ئورگانىزملارنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلىگىلى بولىدۇ. مەسىلەن، تۇزلانغان كۆكتات، تۇزلانغان بېلىق، سۈر گۆش قاتارلىقلارنىڭ سۈپەت كاپالەت مۇددىتى مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئۇزارتىلىدۇ. بۇنىڭغا ئوخشاش، جياڭيۇ، ئاچچىقسۇ، ھاراق قاتارلىق يېمەكلىكلەر ئەسلىدىنلا مىكرو ئورگانىزملارنىڭ كۆپىيىشىگە پايدىسىز بولغاچقا، سۈپەت كاپالەت مۇددىتىمۇ بىر قەدەر ئۇزاق بولىدۇ، چىرىشتىن ساقلاش دورىسى قوشۇشقا بولمايدۇ.
بەزى تاشقى ئامىللارمۇ يېمەكلىكنىڭ سۈپەت كاپالەت مۇددىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ
يېمەكلىكنىڭ ئۆزىنىڭ ھالىتىدىن باشقا، مۇۋاپىق سىرتقى ئورالمىسىمۇ يېمەكلىكنىڭ سۈپەت كاپالەت مۇددىتىنى ئۇزارتالايدۇ.
ۋاكۇئۇم، ھىملەش، ئىنېرت گاز قاچىلاش قاتارلىق ئۇسۇللارنىڭ ھەممىسى مىكرو ئورگانىزملارنىڭ ئۆسۈشى ۋە كۆپىيىشىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەيدۇ. مەسىلەن، ياڭيۇ ياپراقچىسى، تورت قاتارلىقلارنىڭ خالتىسىغا ئازوت گازى، كاربون (Ⅳ) ئوكسىد قاتارلىق گازلار قاچىلىنىدۇ.
بەزى يېمەكلىكلەرگە ئالاھىدە يۇقىرى ئايرىغۇچى ئورالما خالتا ئىشلىتىلگەن بولۇپ، يېمەكلىكنىڭ سۈپەت كاپالەت مۇددىتىگە تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان ئوكسىگېن، سۇ پارى، ئۇلترا بىنەپشە نۇر قاتارلىق ئامىللارنى ئايرىۋېتەلەيدۇ، بەزى ئورالما خالتىلارغا يەنە كىچىك ئورالمىلىق ئوكسىگېنسىزلاندۇرغۇچ، نەملىك يوقاتقۇچ قاتارلىقلار قوشۇلۇپ، يېمەكلىك تۇرۇۋاتقان تاشقى مۇھىتنىڭ يېمەكلىكنىڭ سۈپىتىنى ئۆزگەرتىۋېتىشىنى كەينىگە سوزىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، يېمەكلىكلەرنى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا قاينىتىپ مىكروب ئۆلتۈرۈش، ئۇلترا بىنەپشە نۇردا مىكروب ئۆلتۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللارمۇ يېمەكلىكلەرنىڭ ساقلاش مۇددىتىنى ئۇزارتىدۇ. مەسىلەن، سەككىز خۇرۇچلۇق ئۇماچ كونسېرۋاسى، كۆكتات كونسېرۋاسى قاتارلىقلاردا يېمەكلىك ئاۋۋال قۇتىغا قاچىلىنىپ، ئاندىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا پىشۇرۇلۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا قۇتا ھىم پېچەتلىنىدۇ. بۇنداق قىلغاندا يېمەكلىكتىكى مىكرو ئورگانىزملارنى ئۈنۈملۈك يوقاتقىلى بولىدۇ، ھىم ئېتىلگەن مۇھىت يەنە يېڭى مىكرو ئورگانىزملارنىڭ كىرىشىنى توسۇپ، يېمەكلىكنىڭ ساقلاش مۇددىتىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ. كونسېرۋالىق يېمەكلىكلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە مۇشۇنداق دېزىنفېكسىيە قىلىش، مىكروب ئۆلتۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، پەقەت ھىملىقىنى ساقلاپ، سالقىن جايدا ساقلىسا، ساقلاش مۇددىتى نەچچە يىلغا يېتىدۇ.
كالا سۈتىدە دائىم ئىشلىتىلىدىغىنى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش ھۈنەر- سەنئىتى. سۈپەت كاپالەت مۇددىتى بىر قەدەر قىسقا بولغان يېڭى سۈتكە ئادەتتە پاستېرىزاتسىيە ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ، دېزىنفېكسىيە تېمپېراتۇرىسى بىر قەدەر تۆۋەن، شۇڭا سۈپەت كاپالەت مۇددىتى ئادەتتە 3 - 5 كۈن بولىدۇ؛ سۈپەت كاپالەت مۇددىتى تېخىمۇ ئۇزاق بولغان بەزى سۈتلەرگە كۆپىنچە ھاللاردا ئادەتتىن تاشقىرى يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا پەيتلىك مىكروبسىزلاندۇرۇش تېخنىكىسى قوللىنىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇتىغا قاچىلاش جەريانىدىكى مىكروبسىز مەشغۇلات ۋە مىكروبسىز ئوراپ قاچىلاش ئارقىلىق ئۇنىڭ سۈپەت كاپالەت مۇددىتىنى زور دەرىجىدە ئۇزارتقىلى بولىدۇ. بەزى مېۋە شەربىتى، ئىچىملىك تۈرىدىكى يېمەكلىكلەرمۇ ئادەتتە شۇنداق بولىدۇ.
شۇڭا، يېمەكلىكنىڭ سۈپەت كاپالەت مۇددىتىنىڭ ئۇزاق بولۇشى ئەمەلىيەتتە كۆپ تەرەپلىمىلىك ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، نۇرغۇن چىرىشتىن ساقلاش دورىسى قوشۇلغان بولۇشى ناتايىن.
قىسقىسى، يېمەكلىكنىڭ سۈپەت كاپالەت مۇددىتىنىڭ ئۇزاق- قىسقىلىقى پەقەت چىرىشتىن ساقلاش دورىسىنىڭ ئاز- كۆپلۈكى تەرىپىدىن بەلگىلەنمەيدۇ، بەلكى ئىچكى ئامىل بىلەن تاشقى ئامىلنىڭ ئورتاق تەسىرىدە بولىدۇ. كۆپچىلىك سۈپەت كاپالەت مۇددىتى بىر قەدەر ئۇزاق بولغان يېمەكلىكلەرنى تاللىغاندا، چىرىشتىن ساقلاش دورىسىنىڭ قوشۇش مىقدارىدىن زىيادە ئەندىشە قىلمىسىمۇ بولىدۇ. يېمەكلىكنىڭ ئالاھىدىلىكى، ئىشلەپچىقىرىش ھۈنەر- سەنئىتى ۋە ئوراش- قاچىلاش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى چۈشىنىش ئارقىلىق، يېمەكلىكنىڭ سۈپەت كاپالەت مۇددىتىگە تېخىمۇ ئاقىلانە مۇئامىلە قىلىپ، تېخىمۇ ساغلام تاللىغىلى بولىدۇ.