چوقۇم كۆرۈڭ! شىنجاڭنىڭ بۇ كىنوسى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تەۋسىيەسىگە ئېرىشتى!
18:35:45 2024-12-04 تىيانشان تورى

 يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى «42- تۈركۈمدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا تەۋسىيە قىلىنغان مۇنەۋۋەر فىلىملەر مۇندەرىجىسى»نى ئېلان قىلدى، جەمئىي 31 فىلىم تاللاندى، بۇنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ تېمىسىدىكى فىلىم «كىچىك قامچا» بار.

«كىچىك قامچا» فىلىمىنىڭ ئېلانى. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى لى فوتوسى

 «كىچىك قامچا» ناملىق كىنونى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى تەشكىللەپ پىلانلىغان، تىيانشان كىنو ئىستۇدىيەسى سېنارىيەلەشتۈرۈپ سۈرەتكە ئالغان. فىلىمدە قازاق ئوغۇل بالا ئاڭسارنىڭ ئات مىنىپ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش توغرىسىدىكى ھېكايىسى بايان قىلىنغان: ئاڭسار ئات مىنىپ «بارلىق رىقابەتچىسىنى يېڭىش»نى ئارزۇ قىلغان بولسىمۇ، لېكىن تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىزچىل ئۆزىگە تەۋە ئېتى بولماي كەلگەن. بىر كۈنى، دادىسىنىڭ يېقىن دوستى فېيلەيكې ئىسىملىك بىر ئاتنى ئۇلارغا سوۋغا قىلىدۇ. ئاكىسى بىلەن ئات مىنىش ھوقۇقىنى تالىشىۋاتقاندا، فېيلەيكې تاسادىپىي يارىلىنىدۇ. فېيلەيكېنى قۇتقۇزۇش جەريانىدا، ئاڭسار فېيلەيكې بىلەن چوڭقۇر رىشتە ئورنىتىپلا قالماي، يەنە شياۋ مېيلى ئىسىملىك بىر كىچىك قىزچاق بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ. شياۋ مېيلى بىلەن ئۇنىڭ دادىسىنىڭ ھېكايىسىنى بىلگەندىن كېيىن، ئاڭسار تېخىمۇ چوڭ بىر ئارزۇغا، يەنى شياۋ مېيلىنىڭ دادىسىنى تېپىشىغا ياردەم بېرىش قارارىغا كېلىدۇ.

«كىچىك قامچا» فىلىمىدىكى ئاڭسار (سولدا) ۋە ئۇنىڭ كىچىك ھەمراھى مېيلى. تىيانشان كىنو ئىستۇدىيەسى تەمىنلىگەن سۈرەت

 «كىچىك قامچا» فىلىمىدە مېھىر-مۇھەببەت ۋە ياخشىلىق، ئۆسۈپ يېتىلىش ۋە ئارزۇ، جاسارەت ۋە ئىشەنچكە تولغان ھېكايە تەسۋىرلىنىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىش، مەدەنىيەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى، قان قېرىنداش بولۇش ھېكايىسى بايان قىلىنغان. كۆرۈرمەنلەرگە جۇڭخۇا زېمىنىدىكى ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئوخشاش مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى يەتكۈزۈپ، سىرتقى دۇنياغا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تىنچ، ئىتتىپاق بولغان بەختلىك تۇرمۇشى ۋە شىنجاڭنىڭ گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىسى تولۇق نامايان قىلىنغان.

«كىچىك قامچا» فىلىمىدە ئاڭسار ئۇ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئات «فېيلەيكې» بىلەن بىللە. تىيانشان كىنو ئىستۇدىيەسى تەمىنلىگەن سۈرەت

 36- نۆۋەتلىك جۇڭگو كىنو ئالتۇن خوراز مۇكاپاتىنى باھالاشتا، «كىچىك قامچا» فىلىمى ئەڭ ياخشى بالىلار فىلىمى، ئەڭ ياخشى مۇزىكىدىن ئىبارەت ئىككى تۈردە نامزاتلىققا كۆرسىتىلدى. 28- نۆۋەتلىك خەلقئارا بالىلار، ياش- ئۆسمۈرلەر كىنو بايرىمىدا «كىچىك قامچا» فىلىمى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ- پەن- مەدەنىيەت تەشكىلاتى خەلقئارا بالىلار كىنو مەركىزى تارقاتقان ئەڭ ياخشى كىنو مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

 تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، كەسپىي بولمىغان نۇرغۇن ئارتىس فىلىمدە ئاددىي، ساپ ئوبرازلارنى ياراتتى، بولۇپمۇ بىرنەچچە كىچىك باش پېرسوناژنىڭ ھەممىسى ئالتاي، ئىلىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125