ئۈرۈمچى يۈننەننىڭ شىنپىڭ ناھىيەسىدە كۆكتات بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش بازىسى تەسىس قىلدى
18:37:36 2024-12-04 «ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى» ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

12- ئاينىڭ 1- كۈنى، ئىشچىلار يۈننەن ئۆلكىسى يۈشى شەھىرىدىكى بىر يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سوغۇق زەنجىرسىمان ئەشيا ئوبوروت رايونىدا كۆكتاتلارنى ئايرىماقتا. («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى تاڭ خۇڭمېي فوتوسى)

  12- ئاينىڭ 2- كۈنى «شىنجاڭ سىرتىدىكى قىشلىق، ئەتىيازلىق كۆكتات بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈرۈمچى بازىسى (سىناق نۇقتا)»نىڭ ۋىۋىسكىسى يۈننەن ئۆلكىسى يۈشى شەھىرى شىنپىڭ يىزۇ، دەيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ شىنپىڭ ناھىيەسى دېيىلىدۇ)دە ئېسىلدى.

 بۇ، بۇ يىل قىشتىن باشلاپ ئۈرۈمچى بازىرىدىكى كۆكتاتلارنىڭ يۈننەن يۈشى شەھىرىنىڭ شىنپىڭ ناھىيەسىدىن بىۋاسىتە تەمىنلىگىلى بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

 شىنپىڭ ناھىيەسى ئۈرۈمچى بازىرىنى خاس كۆكتات بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىللە، يەنە ئۈرۈمچى بازىرىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، زاكاز بويىچە مۇناسىپ كۆكتات تۈرلىرىنى تېرىيدۇ.

 بۇ قېتىمقى ھەمكارلىقنى ئۈرۈمچى كۆكتاتچىلار جەمئىيىتى بىلەن يۈشى شەھەرلىك خەلقئارا سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى ئورتاق ئالغا سىلجىتىدۇ.

 ئۈرۈمچى كۆكتاتچىلار جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى شى يىڭبىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھەر يىلى 10- ئايدىن كېيىنكى يىلى 3- ئايغىچە باشقا ئۆلكە (ئاپتونوم رايون)، شەھەرلەردىن كۆپلەپ كۆكتات سېتىۋېلىپ، ئۈرۈمچىنى كۆكتات بىلەن تەمىنلەشكە توغرا كېلىدۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يۈننەننىڭ كۆكتات تۈرلىرى بازارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. بۇلتۇردىن باشلاپ ئۈرۈمچى ۋە يۈشىدىكى ھۆكۈمەت تارماقلىرى كۆكتات ئوبوروت كارخانىلىرىنى باشلاپ ئۆزئارا زىيارەت قىلىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندىن كېيىن، يۈشى شەھىرىدە «شىنجاڭ سىرتىدىكى قىشلىق، ئەتىيازلىق كۆكتات بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈرۈمچى بازىسى» قۇرۇشنى قارار قىلدى. بۇ يىل جەمئىيىتىمىز يەنە كۆپ قېتىم ئۈرۈمچى توپ سېتىش بازىرىدىكى چوڭ تىجارەتچىلەرنى باشلاپ نەق مەيداننى كۆزدىن كەچۈرۈپ، بۇ قېتىمقى ۋىۋىسكا ئېسىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈردى.

 تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يۈشى شەھىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك كىلىماتى ياخشى بولۇپ، تاغلىق رايونى پىڭبانىڭ تۆت پەسلى باھاردەك ئىللىق ئىكەن، يەنە «تەبىئىي پارنىك» دەپ ئاتالغان جىلغىسى بار ئىكەن، ھەر خىل زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشىگە ماس كېلىدىكەن، يىللىق كۆكتات ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 3 مىليون 316 مىڭ توننا بولۇپ، ئۆلكە بويىچە 4- ئورۇندا تۇرىدىكەن، كۆكتاتلىرى يەنە دۆلەتنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلەر توپىغا كىرگۈزۈلگەنىكەن.

 جۇڭگو خەلقئارا سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتى يۈننەن ئۆلكىسى يۈشى شەھەرلىك كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، يۈشى شەھەرلىك خەلقئارا سودا جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى گو جىنپىڭ مۇنداق دېدى: سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى ۋە سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى شىنپىڭ ناھىيەسىنىڭ ئۈرۈمچىنى كۆكتات بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش بىلەن بىللە، يۈشى شەھىرىنىڭ باشقا (رايون) ناھىيەلىرىنىڭ ئۈرۈمچى بىلەن ھەمكارلىشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ. جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇش پۇرسىتىنى چۆرىدەپ، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى يەنە 100دىن ئارتۇق ئەزا كارخانىغا ئۈرۈمچىنى تونۇشتۇرۇپ، يۈننەننىڭ تېخىمۇ كۆپ خاس مەھسۇلاتلىرىنى ئۈرۈمچى ئارقىلىق تېخىمۇ چوڭ بازارغا يۈزلەندۈرىدۇ ھەم شىنجاڭنىڭ ۋە ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرىنى يۈننەنگە ئاپىرىپ پىششىقلاش ۋە سېتىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

 بۇ قېتىمقى يۈشى سەپىرى مەزگىلىدە ئۈرۈمچى كۆكتاتچىلار جەمئىيىتى ۋە شىنجاڭ جياڭسەي تەمىنلەش زەنجىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى يۈشى شەھىرىدىكى چوڭ تىپتىكى كۆكتات تېرىش بازىسى، ئاقىل توڭلىتىش ئىسكىلاتى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سوغۇق زەنجىرسىمان ئەشيا ئوبوروتى ئايرىش مەركىزى قاتارلىقلارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، تۈرلۈك كۆكتاتلارنى تېرىش، ئايرىش، توشۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.  (مۇخبىر تاڭ خۇڭمېي)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125