ئاقىللار خوشلىشىشنىڭ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىدۇ.
ئۇلار ۋايسىمايدۇ، كىرىشىۋالمايدۇ، ئۆتمۈش بىلەن تارتىشماي خوشلىشىپ، دادىللىق بىلەن قايتا ئاتلىنىدۇ.
مەلۇم بىر ئىش ئۈچۈن كۆپ بەدەل تۆلىگىنىمىزدە، ئاخىرىدا خاتالاشقانلىقىمىزنى بىلسەكمۇ، ئۆزگەرتىش ئاسانغا چۈشمەيدۇ.
ئەمما، ھەقىقىي كۈچلۈكلەر «تورمۇز»نى ۋاقتىدا دەسسىۋالالايدۇ.
نىشان خاتا بولۇپ قالغاندا، توختاشنىڭ ئۆزى ئىلگىرىلەش، دەيدىغان گەپ بار.
كىشىلىك ھايات يولىدا، بىز خاتا ماڭغىنىمىزنى بايقىيالايدىغان سەزگۈرلۈككە ئېھتىياجلىق بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى، قايتىدىن باشلاش توغرا كەلگەندە، ئارقىمىزغا بۇرۇلۇپ ئۆزگەرتەلەيدىغان جاسارەتكە تېخىمۇ ئېھتىياجلىق بولىمىز.
بىر يازغۇچى: «ئادەم ھەرقانداق ۋاقىتتا كەيپىياتىنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالماسلىقى، بارلىق ھەرىكىتىنى كەيپىياتىغا باغلاپ قويماسلىقى كېرەك»، دېگەن.
تۇرمۇشتا، بەلكىم مۈشكۈلاتلارغا ئۇچراپ، ناچار كەيپىياتتىن ساقلىنالماسلىقىمىز مۇمكىن.
كونترولسىز كەيپىيات تۈگمەنگە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭغا چۈشۈپ كېتىپلا قالساق، ئۇ بىزنى توختىماي ئېزىدۇ، توختىماي ئۇپرىتىدۇ.
ئەمما، بىز كەيپىياتنى تۇرمۇشنى يەنىمۇ «زەخىملەندۈرىدىغان» قولچوماققا ئايلاندۇرۇپ قويماسلىقىمىز كېرەك.
بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىدىكى كەيپىياتتىن قۇتۇلۇپ چىققىنىمىزدىلا، ئىلگىرىكى يارا ئېغىزى ئاستا- ئاستا پۈتۈپ، قالقانغا ئايلىنىدۇ.
ئارقىغا بۇرۇلۇش ئاسان ئەمەس، ئەمما كىشىلىك ھاياتنىڭ ئۆزى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىدىغان بىر مەيدان سىناق.
ئادەتتىن تاشقىرى باتۇر بولۇپ، ئەسلەشنى خالىمايدىغان ئاشۇ كۆڭۈلسىز ئۆتمۈشتىن ۋاز كېچىپ، كەلگۈسىگە يۈزلەنسەك، ئۆزىمىزگە تەۋە چەكسىز گۈلزارلىقنى ئۇچرىتالايمىز.
قالمىش ھاياتىمىزدا، ھەممىمىز ھېچنېمىدىن قورقمايدىغان باتۇرلاردىن بولايلى.
چەكسىز ھاياتلىق دېڭىزىدا، ھەممىمىز ئۆتمۈشنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ، دادىللىق بىلەن ئەركىن ئۈزۈپ، تېخىمۇ بىپايان ئوكيانلارنى باغاشلايلى.