تۇرمۇش تەسىراتلىرى | ۋەتەننىڭ گۈزەل تاغ- دەريالىرىنى زىيارەت قىلغان ياشلار
15:51:13 2024-12-04
شىنجاڭ گېزىتى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى
يازلىق تەتىل مەزگىلىدە، دوستۇم تۇيۇقسىز مەندىن تيەنئەنمېندىكى دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىنى كۆرۈپ كېلىشكە ئوغلىنى بىللە ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا مەسلىھەت سورىدى. مەن ئالدىراش بولغاچقا، نېرى- بېرىسىنى ئويلىمايلا: «بەك ئاۋارىچىلىكقۇ، بولدى بارمايلا قويۇڭلار»، دېدىم. «بولمايدۇ، بۇ مېنىڭ بىر يىل بۇرۇنلا بالامغا بەرگەن ۋەدەم»، دېدى دوستۇم قەتئىيلىك بىلەن.
ئىلگىرى «ئارزۇ ئۈچۈن باتۇرلۇق بىلەن ئىلگىرىلەش» ناملىق كىنو قىزغىن قويۇلۇۋاتقاندا، دوستۇم تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوغلىنى ئېلىپ بۇ كىنونى كۆرگىلى بارغانىدى، ئوغلى كىنودىكى چىڭخۇا داشۆگە دائىر ۋەقەلىكنى كۆرۈپ بۇ مەكتەپنى ياقتۇرۇپ قېلىپ، دەرھال ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى نىشانىنى بېكىتتى ھەم قالتىس كىشىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشقا ئىرادە باغلىدى. دوستۇم كۆڭلىدە خۇشال بولغان بولسىمۇ: «ئىرادەڭ بەكلا بوشكەن، نېمىشقا خارۋاردتا ئوقۇشنى ئويلىمايسەن؟» دېدى. ئويلىمىغان يەردىن، ئوغلى چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ: «چىڭخۇا داشۆ جۇڭگودىكى ئەڭ ياخشى مەكتەپ. ناۋادا ئۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى مەكتەپ دەپ ھېسابلانمىغان تەقدىردە، بۇنىڭدىكى سەۋەب ئۇنىڭ تارىخىنىڭ قىسقا بولغانلىقىدىن بولۇشى مۇمكىن. پەن تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ نەتىجە يارىتىشقا ۋاقىت كېرەك، ئادەم يۈز يىلدا يېتىلىدۇ، ئۇستازمۇ بىر كۈندىلا يېتىلگەن ئەمەس». دېدى. ئۇ تۇنجى قېتىم ئوغلىنىڭ جاۋغىيىنىڭ بىلىنەر- بىلىنمەس كۆكىرىپ قالغانلىقىنى بايقىدى، بۇ، پات ئارىدا ئۆسۈپ چىقىدىغان ساقال- بۇرۇتنىڭ ئىزناسى ئىدى. دوستۇمدىن خېلىلا ئېگىز كۆرۈنىدىغان ئوغلى شۇ تاپتا قۇرامىغا يەتكەن قىياپەتتە ئۇنىڭ بىلەن تەمكىن پاراڭلىشىۋاتاتتى. ئالدىنقى بىر يىلدا ئوغلى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئۆرلەش ئىمتىھانى ئۈچۈن كۈرەش قىلدى. بۇ يىل يازلىق تەتىلدە، ئۇ ياخشى نەتىجە بىلەن يېڭى مەنزىلگە ئاتلاندى. دوستۇم ئوغلىنىڭ «جۇڭگو»غا بولغان چۈشەنچىسىنىڭ چوقۇم باشقىچە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. مەن مۇشۇنداق يولدا ئىزدىنىۋاتقان، ئۆگىنىۋاتقانلار توغرىسىدا نۇرغۇن ھېكايە ئاڭلىدىم. بەزىلەر بالىلىرىنى ئېلىپ قەدىمىي پايتەختنى ساياھەت قىلىپ، 1- بېكەتنى لوياڭغا بېكىتكەن، ئىككى مىڭ يىل ئىلگىرى شەرقىي جوۋ سۇلالىسى ئۇ يەرنى پايتەخت قىلغان، ئۇلار بېيجىڭنى بۇ قېتىمقى ساياھەتنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى قىلىپ بېكىتتى. مەن تونۇيدىغان يەنە بىر توپ ياش يەنخې دەرياسى بويىدا تۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە يېشى ئەڭ چوڭى ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇيدۇ، يېشى ئەڭ كىچىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى. بۇ ئىشلار مېنى مۇھەببەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئويغا سالدى. مۇھەببەت قارشى تەرەپنى چۈشەنگۈسى، يېقىنلاشقۇسى، باغرىغا باسقۇسى كېلىدىغان ھېسسىيات. باشقىلارنى سۆيۈش مۇشۇنداق، ۋەتەن مۇھەببىتى تېخىمۇ شۇنداق. سىز مۇشۇ تۇپراقتا ئۆسۈپ يېتىلىپ تۇرۇپ، قانداقمۇ ھەر بىر سۇڭ تۇپراقنىڭ ئىسمىنى بىلمەي يۈرەلەيسىز؟ قەدەم ئىزلىرىڭىزنى قالدۇرۇپ ئىزدەنمەي تۇرۇپ، قانداقمۇ چىن كۆڭلىڭىزدىن چىقىرىپ: «مەن بۇ گۈزەل ئۇلۇغ دۆلەتنى سۆيىمەن» دېيەلەيسىز!؟