12- ئاينىڭ 4- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش- تىرانسپورت ئىدارىسى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرىدا «توردا ئالدىن كېلىشىدىغان تاكسى تىرانسپورت كىنىشكىسى»نى يېڭىدىن كۆپەيتىش كەسپىنى قوبۇل قىلىپ بېجىرىشنى ۋاقتىنچە توختاتقانلىق توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىندى.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: نۆۋەتتە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تور تاكسىلىرىنىڭ توشۇش كۈچى تويۇنۇشقا قاراپ يۈزلەندى، بازاردىكى زىيادە رىقابەتتىن ساقلىنىش، تىجارەت سۇبيېكتى ۋە كەسىپكارلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق- مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش، بازار تەرتىپىنى قوغداش، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تور تاكسىسى كەسپىنىڭ ساغلام، تەرتىپلىك تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئېھتىياتچانلىق بىلەن تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئۈرۈمچى شەھەرلىك قاتناش- تىرانسپورت ئىدارىسى 2024- يىلى 12- ئاينىڭ 4- كۈنىدىن باشلاپ «توردا ئالدىن كېلىشىدىغان تاكسى تىرانسپورت كىنىشكىسى»نى يېڭىدىن كۆپەيتىش كەسپىنى قوبۇل قىلىپ بېجىرىشنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى قارار قىلدى. ئالاقىدار كەسىپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋاقتى ئايرىم ئۇقتۇرۇلىدۇ.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)