قەلبنى ئىللىتقان دەملەر | مۇھەببەت يېنىمىزدىلا
17:42:16 2024-12-05 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 داڭ فېي

 قۇياش نۇرى ۋە يامغۇر- شەبنەم پەرۋىش قىلغاچقا، يەر ھاياتىي كۈچكە تولدى؛ ئىللىق ھەم تەسىرلىك دەقىقىلەر بولغاچقىلا، مەن مۇھەببەتنىڭ يېنىمىزدىلا ئىكەنلىكىنى چۈشەندىم.

 باھار بايرىمىدىن كېيىن، ئايالىم ئىككىمىز ئوغلىمىزنى قايتا تەكشۈرتۈش ئۈچۈن شىئەنگە باردۇق، گەرچە بىز ئەتىگەن سائەت ئالتىدە ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ ماڭغان بولساقمۇ، يول يىراق بولغاچقا، دوختۇرخانىغا يېتىپ بارغىنىمىزدا، ئادەم مىغ- مىغ بولۇپ كېتىپتۇ. بىز ئالدى بىلەن سۆڭەك كېسەللىكلىرى بۆلۈمىگە بېرىپ ئىمزا قويۇپ ئۆچرەتتە تۇردۇق، دوختۇر تەكشۈرۈش قەغىزى يېزىپ، بىزنى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ رېنتىگىنگە چۈشۈشكە بۇيرۇدى، تەكشۈرۈش نەتىجىسى چىققۇچە بولغان ئارىلىقتا، ئوغلۇمنى تېرە كېسەللىكلىرى بۆلۈمىگە ئاپىرىپ تەكشۈرتتۇق، بۇ چاغدا چۈش سائەت 11دىن 15 مىنۇت ئۆتۈپ بولدى، دوختۇر ئوغلۇمنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، پاتولوگىيەلىك ئىستېرېئوسكوپىيە تەكشۈرۈشى ۋە سۈرەت ئانالىزى قىلدۇرۇش تەكلىپىنى بەردى، ئۆچرەتتە تۇرۇۋېتىپ مەن كېسەل كۆرۈش ئۆيىنىڭ ئالدىغا «يېرىم سائەتتىن كېيىن تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئېلىۋالىسىز» دېگەن سەمىمىي ئەسكەرتىش چاپلانغانلىقىنى كۆردۈم، ۋاقىتقا قاراپ بېقىپ، «ئەمدى كېسەل كۆرسىتىشىمىز چۈشتىن كېيىنگە قاپتۇ» دېگەنگە ئىدىيە جەھەتتىن تەييارلىق قىلىپ بولدۇم. تەكشۈرتۈش ئۆيىگە كىرگەندىن كېيىن، دوختۇر ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن ئوغلۇمنىڭ كىيىملىرىنى سېلىشىغا ياردەملىشىپ، تەكشۈرگەچ ئوغلۇم بىلەن چاقچاقلىشىپ، بالىنىڭ دىققىتىنى چېچىپ، خۇددى ئوغلۇمنىڭ تۇغقىنىدەك، بالىنىڭ تەكشۈرۈلگەن چاغدىكى جىددىيلىشىش كەيپىياتىنى پەسەيتتى. دوختۇر تۇنجى دىياگنوز قويغۇچى دوختۇرنىڭ ئىشتىن چۈشەي دەپ قالغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ماڭا تەكشۈرۈش دوكلاتىنى جىددىي بېسىپ چىقىرىپ بېرىپ، دەرھال دوختۇرغا كۆرسىتىشىمنى ئېيتتى، مەن رەھمەت ئېيتقاندىن كېيىن، دوختۇر: «بىزنىڭمۇ بالىمىز بار، بالىنى ئېلىپ كېلىپ داۋالىتىشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى چۈشىنىمەن، سىلەرنىڭ يولۇڭلار يىراق، سىلەرنىڭ تېزراق ئۆيۈڭلارغا قايتىشىڭلار، چۈشتە دوختۇرخانىدا ساقلاش ۋاقتىڭلارنى ئازايتىش ئۈچۈن، چۈشتىن بۇرۇن ھەل قىلغىلى بولىدىغان ئىشنى ئامال بار چۈشتىن كېيىنگە قويمايمىز»، دېدى. بۇ ئىللىق ھەم ئاددىي سۆز خۇددى بىر ئىللىق ئېقىمدەك پۈتۈن بەدىنىمگە تاراپ، ماڭا باشقىچە ئىللىقلىق بېغىشلىدى. دوختۇرنىڭ ياردىمى بىلەن ئوغلۇمنى چۈشتىن بۇرۇن ئوڭۇشلۇق تەكشۈرتۈپ بولدۇق.

 كىشىلىك ھاياتتا دائىم مۇشۇنداق تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قالىدىغان ئىللىقلىق بولىدۇ، ناتونۇش ئادەم بېغىشلىغان ئىللىقلىق قەلبنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا يېتىپ بېرىپ، مەڭگۈ يوقالماي تۇرۇپ قالىدۇ.

 ئاشۇ دوختۇرنىڭ شەپقىتىگە جاۋاب قايتۇرىمەن، دېيەلمەيمەن، لېكىن ھەقىقەتەن بەك تەسىرلەندىم، ئۇنىڭ ماڭا دېگەن گەپلىرىنى ئويلاپ، چۈشىنىش، كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ نېمىلىكىنى ھېس قىلدىم، بۇنداق دوختۇرنى ئۇچرىتىپ قالغىنىم مېنىڭ تەلىيىمنىڭ ئوڭدىن كەلگەنلىكى؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇنداق دوختۇرنىڭ بولۇشىمۇ خەلقنىڭ بەختى ئىدى!

 دەل مۇشۇ ئىللىق دەقىقىلەر بولغاچقىلا، بىز دۇنيانىڭ نۇرانىلىكى ۋە خۇشاللىقىنى ھېس قىلالايمىز، بىزگە ئىللىقلىق بېغىشلىغان بۇ كىشىلەر بولغاچقىلا، بىز مەيۈسلەنمەيمىز ۋە غېرىبسىنمايمىز، نامەلۇم ئەتىگە دېدىل يۈزلىنەلەيمىز!

 ئاپتورنىڭ ئادرېسى: شەنشى ئۆلكىسى ۋېينەن شەھىرى چېڭچېڭ ناھىيەسى جياۋداۋ بازارلىق شىپاخانا

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 穆巴拉克·司马义

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125