ئۆستى! بىر كۈندە 2000 جىڭ ساتقىلى بولىدۇ! سىز يېدىڭىزمۇ ←
12:39:02 2024-12-06 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

قىش كىرىشى بىلەن قوي گۆشى نۇرغۇن ئائىلىنىڭ تاماق ئۈستىلىگە كۆپ چىقىدىغان ئېسىل تائامغا ئايلاندى. ئېھتىياجنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، قوي گۆشىنى توپ سېتىشتا ۋە قوي گۆشى ئىستېمالىدا سېتىۋېلىش- سېتىش تەڭ جانلىنىش يۈزلىنىشى كۆرۈلدى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دەل بېيجىڭ شىنفادى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا گۆش تۈرى سېتىشنىڭ يۇقىرى پەللە مەزگىلى، كالا، قوي گۆشى زالىدا ئادەم ناھايىتى كۆپ بولۇپ، قايناپ كېتىدۇ.

بېيجىڭلىق ئىستېمالچى مۇنداق دېدى: قوي ئومۇرتقىسى ئالدىم، يەنە ئازراق قوي گۆشى ئېلىپ، شورپا سېلىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى گۆش يەپ، ئىسسىق شورپا ئىچىمىز.

图片

بېيجىڭ شىنفادى بازىرىدىكى سودىگەر ليۇ رۇيتيەن مۇنداق دېدى: ھازىر بىر كۈندە 70- 80 قوي سېتىۋاتىمەن، ئالدىنقى ئايغا قارىغاندا بىر كۈندە 10 قوينى كۆپ سېتىۋاتىمەن.

بېيجىڭ شىنفادى بازىرى كالا، قوي گۆشى زالىنىڭ دىرېكتورى يۈ سې مۇنداق دېدى: قىش كىرگەندىن بۇيان، زالدا ھازىر ھەر كۈنى 1500 دانە ئەتراپىدا قوي سېتىلىۋاتىدۇ، سېتىش مىقدارى ئاشتى.

图片

قىش پەسلى قوي گۆشى ئىستېمالى ئەزەلدىن جانلىنىدىغان پەسىل بولۇپ، قورۇما قورۇش، شورپا قىلىش، كاۋاپ قىلىشنىڭ ھەممىسىدە يامان ئەمەس تاللاش ھېسابلىنىدۇ، ئىستېمال مىقدارى ئادەتتىكىگە قارىغاندا %20 ئەتراپىدا ئاشىدۇ.

图片

بېيجىڭ شىنفادى بازىرىدىكى سودىگەر گۇ جيەنجۇ مۇنداق دېدى: مەخسۇس يالپاقلانغان قوي گۆشى ساتىمەن، ياخشىراقلىرىنىڭ بىر جىڭى 36 يۈەن، ئوتتۇرھاللىرىنىڭ بىر جىڭى 28 يۈەن، ھازىر بىر كۈندە 2000 جىڭ ئەتراپىدا سېتىۋاتىمەن، سېتىش مىقدارى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %30 ئاشتى.

图片

بېيجىڭ شىنفادى بازىرىدىكى سودىگەر ليۇ رۇيتيەن مۇنداق دېدى: قوي گۆشىنىڭ بىر جىڭى 30 يۈەن ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ، مۇقىم ئۆرلەۋاتىدۇ، ھازىر باھا ئازراق ئۆرلىدى.

بېيجىڭدىكى خوگو دۇكانلىرىمۇ ئوخشاشلا جانلىنىپ كەتتى، مۇخبىر بىر زەنجىرسىمان خوگوخانىدا، چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا زالدا ئورۇن قالمىغانلىقنى، يالپاقلانغان قوي گۆشىنىڭ نۇرغۇن ئىستېمالچىنىڭ قىش كۈنلىرىدىكى تاللىشىغا ئايلانغانلىقىنى كۆردى.

图片

بېيجىڭلىق بىر ئىستېمالچى مۇنداق دېدى: ئاساسلىقى ئازراق توغرالغان يېڭى قوي گۆشىنى بۇيرۇتۇپ يېدىم، بەك ئىسسىق باستى، يالپاقلانغان قوي گۆشىنى ئۆيدىمۇ تەييارلاپ يېگىلى بولىدۇ.

图片

بېيجىڭدىكى مەلۇم خوگو دۇكىنىنىڭ دۇكان باشلىقى جاۋ تۇڭ مۇنداق دېدى: كېلىپ ئىستېمال قىلىدىغان خېرىدارلار كاسات پەسىلدىكىدىن %30 ئەتراپىدا ئاشتى، ھەپتە ئاخىرىدا چۈشتىن بۇرۇن، چۈشتىن كېيىن خېرىدارلار ئۆچرەت تۇرۇپ كېتىدۇ. 

سانلىق مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، باش قىش مەۋسۇمىدىن بۇيان، «قوي گۆشى»نى ئاساس قىلىدىغان يېمەك- ئىچمەك تىجارەتچىلىرىنىڭ سانى ئالدىنقى ئايدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30كە يېقىن كۆپەيگەن، يېقىنقى بىر ھەپتىدە، «قوي گۆشى خوگوسى»نى ئىزدەش مىقدارىنىڭ ھەپتىلىك سېلىشتۇرما نىسبىتى %70چە ئاشقان.

پايدىلانغان مەنبە: مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مالىيە- ئىقتىساد قانىلى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125