بېيجىڭ ۋاقتى 12- ئاينىڭ 4- كۈنى، دۆلىتىمىز ئىلتىماس قىلغان «باھار بايرىمى − جۇڭگولۇقلارنىڭ ئەنئەنىۋى يېڭى يىلنى تەبرىكلەش ئىجتىمائىي ئەمەلىيىتى» پاراگۋايدىكى ئاسۇنسىئوندا ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ- پەن- مەدەنىيەت تەشكىلاتى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ھۆكۈمەتلەر ئارا كومىتېتىنىڭ 19- نۆۋەتلىك دائىمىي يىغىنىدا باھالاشتىن ئۆتۈپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ- پەن- مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانىيەت غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك ئەسەرلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.
بۇنىڭ بىلەن، دۆلىتىمىزنىڭ جەمئىي 44 تۈرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ- پەن- مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكى، ئىسىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپ، ئومۇمىي سانى دۇنيا بويىچە 1- بولدى.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)