ئۈرۈمچى ناھىيەسى بەنفاڭگوۋ بازىرىدىكى نەنسەن . جىڭشىتەي ئائىلىۋى مېھمانخانىسى يېڭىدىن كۆپەيتىپ يولغا قويغان مەشنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ چاي ئىچىش تۈرى. («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى گو جۈنگې، ئىختىيارىي مۇخبىر سۈن چۈەنلۇڭ فوتوسى)
قونۇپ قىلىش، مەززىلىك تائاملارنى تېتىش، قار مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىش، مەشنى چۆرىدەپ چاي قاينىتىپ ئىچىش، تۆگىقۇش، قوي تۆگىلەرنى كۆرۈش ... يېڭى قار پەسلىگە كىرگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ بەنفاڭگوۋ بازىرىغا جايلاشقان نەنسەن . جىڭشىتەي ئائىلىۋى مېھمانخانىسى ساياھەتچىلەرگە ئوخشىمىغان يېڭى تۇيغۇلارنى ئېلىپ كەلدى.
12- ئاينىڭ 3- كۈنى، بىۋاسىتە كۆرسىتىشكە تەييارلىق قىلىۋاتقان نەنسەن . جىڭشىتەي ئائىلىۋى مېھمانخانىسىنىڭ مەسئۇلى شۈ ۋېيگو مۇنداق دېدى: «ئائىلىۋى مېھمانخانىمىز بۇ يىل مەشنى چۆرىدەپ چاي ئىچىش، ئەرمەك ھايۋانلار شادلىق باغچىسى قاتارلىق تۈرلەرنى كۆپەيتىپ، بىر گەۋدىلەشكەن قونۇشنى ھېس قىلىش مۇلازىمىتىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى جەلپ قىلىدۇ».
«تۇرالغۇ» ساياھەت زەنجىرىدىكى زۆرۈر ئېھتىياج. زېمىن قار- مۇز بىلەن قاپلانغان چاغدا ساياھەتچىلەرنى قانداق تۇتۇپ قېلىش قار- مۇز ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا جەزمەن جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك سوئال.
شۈ ۋېيگونىڭ ئائىلىۋى مېھمانخانا كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا تۆت يىل بولغان بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر ئائىلىۋى مېھمانخانىلار كۆپەيدى، رىقابەتچىلىرىمىزمۇ كۆپ، ئەگەر باشقىلاردىن ئېشىپ چۈشكۈدەك يېرىمىز بولمىسا، ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلالمايمىز. مەھسۇلاتنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ساياھەتچىلەرگە تېخىمۇ مول، كۆپ مەنبەلىك تەسىراتنى ھېس قىلدۇرغاندىلا، ئائىلىۋى مېمانخانىمىزنى تېخىمۇ جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.
خۇددى شۈ ۋېيگو ئېيتقاندەك، ھازىر ئۈرۈمچىنىڭ ئائىلىۋى مېھمانخانا كەسپىنىڭ كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىۋاتىدۇ ھەم تەدرىجىي ھالدا ماركا ئېففېكتىنى شەكىللەندۈرۈۋاتىدۇ، ھازىر ئۈرۈمچى ناھىيەسىنىڭ ئۆزىدىلا 300دىن ئارتۇق ئائىلىۋى مېھمانخانا بار. «ئوخشاش سۈپەت، ئوخشاش مەنزىرە»دە يەنە قانداق يېڭىلىق يارىتىش «ئائىلىۋى مېھمانخانا +»نىڭ بىرىكمە تەرەققىياتىدىكى بىر يۈزلىنىشكە ئايلانماقتا.
شۈيشىگوۋ بازىرىنىڭ پىڭشىلياڭ كەنتىگە جايلاشقان جياڭداۋ يىڭجيا . شۆجيې ئائىلىۋى مېھمانخانىسىنىڭ مەسئۇلى فېڭ ياڭ ھەپتە ئاخىرىدىكى كىچىك تىپتىكى پائالىيەتلەرگە تەييارلىق قىلىش بىلەن ئالدىراش ئىدى.
قار- مۇز خاسلىقى باش تېما قىلىنغان ئائىلىۋى مېھمانخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، جياڭداۋ يىڭجيا . شۆجيې ئائىلىۋى مېھمانخانىسى ھازىر بار بولغان بايلىققا بىرلەشتۈرۈپ، نوقۇل «قونالغۇ»نى «قونالغۇ+N»غا ئايلاندۇرۇپ، «ئائىلىۋى مېھمانخانا +» ئارقىلىق «ئەڭ ياخشى تۇيغۇ»نى شەكىللەندۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك خاس مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى.
فېڭ ياڭ مۇنداق دېدى: «ئائىلىۋى مېھمانخانىمىزدىن يىپەك يولى تاغلىق ئىستىراھەت رايونىغا ئاپتوموبىل بىلەن نەچچە مىنۇتتىلا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ، بىز <كۈندۈزدە قەھۋەخانا، كېچىدە مەيخانا>دىن ئىبارەت تىجارەت ئەندىزىسىنى ئاساس قىلدۇق، چاڭغا تېيىلىش مەيدانى بىلەن ئائىلىۋى مېھمانخانا ئارىلىقىدا ھەقسىز توشۇش مۇلازىمىتىنى يولغا قويدۇق، ھەر ھەپتىدە مۇزىكا ئەترىتى ئويۇن قويىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، ئوخشىمىغان پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، ساياھەتچىلەرنىڭ قونۇش تەسىراتىنى يەنىمۇ بېيىتتۇق».
ھازىر ئۈرۈمچىدە قار- مۇز دۇنياسىنى چۆرىدىگەن بىر مەيدان كەسىپ ھالىتى ئۆزگىرىشى جىمجىت ئېلىپ بېرىلماقتا.
بەنفاڭگوۋ بازىرىدىكى مەنتۇ شەنجۈ ئائىلىۋى مېھمانخانىسىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ يۇڭخۇ ھويلىسىنىڭ چوڭ بولۇشتەك ئەۋزەللىكتىن پايدىلىنىپ، چاڭغا تېيىلىش چاقى، قارلىق دالا پۇتبول مۇسابىقىسى، كىچىك ھايۋانلار شادلىق باغچىسى قاتارلىقلارنى كۆپەيتىپ، چاڭغا تېيىلىش ھەۋەسكارلىرىنى قىش پەسلىدە ئۆينىڭ راھىتىدىن ۋە ھويلىدىكى ئويۇن- تاماشادىن بەھرىمەن قىلدى، بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ساياھەتچىلەرنىڭ ئائىلىۋى مېھمانخانىغا بولغان تەلىپى ۋە ئۈمىدى تېخىمۇ يۇقىرى، ياتاقتا يېتىشتىن باشقا، يەنە ئوخشىمىغان چۆكۈش شەكلىدىكى ھېس قىلىش ۋە تۇرمۇش شەكلى بىلەن تەمىنلەشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇ ئائىلىۋى مېھمانخانا تىجارەتچىلىرىدىن يۈرۈشلەشكەن مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ساياھەتچىلەرنىڭ تەسىراتىنى ئەلالاشتۇرۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ».
يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىش، بارلىققا كېلىشتىن ئەلالىشىشقىچە ئائىلىۋى مېھمانخانا بارغانسېرى مىكرو تىپتىكى ساياھەت مەنزىلگاھىغا ئايلاندى، يېڭى قار پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، بارغانسېرى كۆپ ئائىلىۋى مېھمانخانا پەرقلىق تەرەققىياتنى تاللاپ، قاتتىق دېتال ئەسلىھەلىرى، يۇمشاق دېتال مۇلازىمىتى جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىپ، ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.
ئۈرۈمچى ناھىيەلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە- رادىيو- تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى نەن خەي مۇنداق دېدى: «ئائىلىۋى مېھمانخانا +»، «+ ئائىلىۋى مېھمانخانا»نى چۆرىدەپ يېڭىلىق يارىتىپ قۇرۇش، خاسلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى يولغا قويۇپ، كۆپ مەنبەلىك، خاسلاشقان يېڭىچە قونالغۇ ئەندىزىسى ئارقىلىق ئائىلىۋى مېھمانخانىنىڭ ئىقتىدار- باھا نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىگە قار- مۇزنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇرۇش بىلەن بىللە، «يېقىن ئەتراپتا دەم ئالىدىغان» ئۆزىنى ئەركىن قويۇۋېتىش تۇيغۇسى بىلەن بەھرىلەندۈرىمىز، شۇنداقلا بىر كۈنلۈك ساياھەتنى ئىككى كۈنلۈك ساياھەت، كۆپ كۈنلۈك ساياھەتكە ئۆزگەرتىپ، قار- مۇز ساياھەت ئىستېمالىغا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن ناھىيەنىڭ قار- مۇز ساياھىتى ماركىسىنىڭ تەسىر كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرىمىز. (مۇخبىر گو جۈنگې)