تۇرمۇش تەسىراتلىرى | شەيئىلەرگە مۇئامىلە قىلىشىمىزدىكى ئۈچ قاتلام
11:37:59 2024-12-05
شىنجاڭ گېزىتى ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى
مەن شەيئىلەرگە مۇئامىلە قىلىشتا ئۈچ قاتلام مەۋجۇتلۇقىنى بايقىدىم. بىرىنچى قاتلام − «ھەممىلا يېرى ياخشى». مەن دەسلەپتە بەزى شەيئىلەرنى ئانچە چۈشەنمەيتتىم، قۇسۇر تاپالمىساملا، بۇنداق شەيئىلەر ھەر جەھەتتىن ناھايىتى ياخشى ئىكەن، دەپ قارايتتىم. كىچىك چېغىمدا ئاتا- ئانامنىڭ بىلمەيدىغىنى يوق، ئوقۇتقۇچۇمنىڭ دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسى توغرا، دەپ قارىغان بولۇشۇم مۇمكىن. 20 - 30 يىل ئىلگىرى چەت ئەلگە چىقىدىغانلار بىرقەدەر ئاز بولغاچقا، كۆپ ساندىكى كىشى چەت ئەلنىڭ ھەممىلا يېرى ياخشى، دەپ قارايتتى. چۈنكى بىلىمىمىز، تەجرىبىمىز يېتەرسىز ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، بەزى شەيئىلەرنى قىلچە چۈشەنمەيتتۇق.
بىراق، ئۆسۈپ يېتىلىشىمىزگە ئەگىشىپ، بەزى مەسىلىلەرنى تەدرىجىي چۈشىنىپ يېتەلەيدىغان بولدۇق. شۇنداق قىلىپ ئىككىنچى قاتلام − «يەڭگىلتەكلىك بىلەن ئىنكار قىلىش» باسقۇچىغا ئۆتتۇق. بۇ باسقۇچتا، شەيئىلەرگە بولغان چۈشەنچىمىز چوڭقۇرلاشتى، شەيئىلەرنىڭ بەزى ئاجىزلىقلىرى، نۇقسانلىرىنى كۆرۈپ يېتەلەيدىغان بولدۇق. لېكىن بىز ناھايىتى ئاسانلا بۇلارنى ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە ئىكەن دەپ قاراپ، بۇ شەيئىلەرنى بايقىيالىغان ئىكەنمەن، دېمەك، سەۋىيەم ئەلۋەتتە بۇ شەيئىلەرنىڭ ئىجادىيەتچىسى، لايىھەلىگۈچىسى، باشقۇرغۇچىسى، ئاساسلىق ئىجادىيەت كوللېكتىپىنىڭكىدىن يۇقىرى ئىكەن، دەپ ئويلىۋالىدىغان بولدۇق، بۇنىڭ بىلەن مەنىۋىيىتىمىزدە بىر خىل ساختا ئۈستۈنلۈك تۇيغۇسى پەيدا بولدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە سەۋىيەمىزنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ھەقىقەتەن تېخىمۇ كۆپ مەسىلىنى كۆرۈپ تېگىگە يېتەلەيدىغان ھالەتكە كېلىمىز. بۇ ھەمىشە بىزنى «بىز بايقىغان مەسىلىنىڭ قانچە كۆپ بولۇشى» «سەۋىيەمىزنىڭ شۇنچە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكى»گە ۋەكىللىك قىلىدۇ، دېگەن خاتا تونۇشقا كەلتۈرۈپ قويىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ خۇلاسە پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.
كۆپ ساندىكى كىشى مۇشۇ قەدەمنى بېسىپ بولۇپلا توختاپ قالىدۇ. پەقەت تېخىمۇ كۆپ تاۋلىنىش ۋە خاتالىقى ئۈستىدە ئويلىنىشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىنلا ئۈچىنچى قاتلام − «ئاساسىي لىنىيەنى چىڭ تۇتۇش» باسقۇچىغا قەدەم ئالالايدۇ. بۇ قاتلامدا بىز ئوخشاشلا شەيئىلەردىكى نۇرغۇن مەسىلىنى كۆرۈپ يېتەلەيمىز، لېكىن بىز شۇنى چۈشىنىمىزكى، يۈزەكى مەسىلىلەر شەيئىلەرنىڭ ياخشى- يامانلىقىنى بەلگىلىيەلمەيدۇ. بىز ئۇنىڭ ماھىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىشىمىز، ئۇنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى، ئاساسىي يۈزلىنىشى، ئۇنىڭدىكى ئاساسلىق قاراش، ئاساسىي ئايلىنىش مېخانىزمى قاتارلىقلارنى ياخشى ئىگىلىشىمىز كېرەك. مانا بۇلار شەيئىلەرنىڭ ماھىيەتلىك ياخشى- يامانلىقىنى بەلگىلەيدىغان يادرولۇق ئامىل. بىر پارچە ماقالىگە تەبىر بېرىشتە، ئۆزىمىز قۇۋۋەتلىمەيدىغان قاراش، دەلىللەرنى كۆرۈپلا ئالدىراپ- تېنەپ پۈتۈن ماقالىنى ئىنكار قىلىۋەتمەسلىكىمىز كېرەك. بۇ ماقالىدە ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئاساسىي مۇددىئانى، ئوتتۇرىغا قويۇلغان قاراشنىڭ داۋلىسى بار- يوقلۇقىنى، ئۆرنەك قىلغۇدەك نۇقتىنىڭ بار- يوقلۇقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىشىمىز كېرەك. بۇلارنىڭ ئۆزىلا بىر پارچە ماقالىنى ئوقۇغاندا ئىگىلەشكە تېگىشلىك مەسىلىلەردۇر.
بىر شىركەتكە باھا بېرىشتە، بەزى باشقۇرغۇچىلارنىڭ قىسمەن ئۇسۇللىرىنىڭ مۇۋاپىق بولمىغانلىقى، شىركەت قۇرغۇچىنىڭ گەپ- سۆزلىرىنىڭ نامۇۋاپىق ئىكەنلىكىگە قاراپلا، بۇ شىركەتنى ھالاكەتكە يۈزلىنىدىكەن- دە، دەپ قارىسىغا ھۆكۈم قىلماسلىقىمىز كېرەك. شىركەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى، خادىملار قۇرۇلمىسى ۋە ئىختىساسلىقلارنىڭ ئېقىپ كېتىش نىسبىتى قاتارلىقلارنى نەزەرگە ئېلىشىمىز كېرەك. بۇ ئۇچۇرلارنى ئىگىلىگەندىلا، بۇ شىركەتكە تېخىمۇ ئەتراپلىق ھۆكۈم قىلالايمىز. رىقابەتلىك مەھسۇلاتلاردا بەلكىم روشەن نۇقسان بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئۇنىڭدا راستىنلا بىز ئۆرنەك قىلغۇدەك ئەۋزەللىك يوقمىدۇ؟ ئۇنىڭ خېرىدارلارنى جەلپ قىلىش كۈچى راستتىنلا سىزنىڭ مەھسۇلاتىڭىزغا يەتمەسمۇ؟ بۇ نۇقسان ھەقىقەتەن شۇنچە مۇھىممۇ؟ بۇنداق تەپەككۇر رىقابەتكە يۈزلىنىشتە تولىمۇ زۆرۈر. رىقابەتلىك مەھسۇلاتلارنى ئالدىراپ- تېنەپ ئىنكار قىلىۋېتىش بىلىم جەھەتتىكى كەمتۈكلۈك خالاس. ئاساسىي لىنىيەنى، يادرونى ئىگىلىگەندىلا، روشەن نۇقسانلارنىڭ كۆزىمىزنى توسۇۋېلىشىدىن ساقلىنالايمىز.