پۇت ئىسسىماسلىق دېگەن نېمە؟ كۈزلۈك ئىشتان كىيمىسە راستتىنلا پۇت ئىسسىمايدىغان بولۇپ قالامدۇ؟ (2)
16:45:56 2024-12-06 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

«پۇت ئىسسىماسلىق»نىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش كېرەك؟

گەرچە ھازىر سۆڭەك خاراكتېرلىك بوغۇم ياللۇغى يۈز بېرىشىنىڭ تولۇق ئالدىنى ئالغىلى بولمىسىمۇ، لېكىن بەزى تەدبىرلەر ئارقىلىق سۆڭەك خاراكتېرلىك بوغۇم ياللۇغىنىڭ يۈز بېرىشىنى ئازايتقىلى ياكى كېچىكتۈرگىلى بولىدۇ.

1. ئۇزاق تۇرۇش، ئۇزاق ئولتۇرۇشتىن ساقلىنىش

ئۇزاق ئولتۇرىدىغان، ئۇزاق تۇرىدىغان ئادەت بەل ئومۇرتقىسى، يانپاش بوغۇمى، تىز بوغۇمىنى ئاستا خاراكتېرلىك زەخىملەندۈرىدۇ.

چۈنكى، تىز بوغۇمى قىسىش رولى ئارقىلىق بوغۇم سىلىقلاشتۇرۇش سۇيۇقلۇقىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلارنى كۆمۈرچەك ھۈجەيرىسىگە كىرگۈزىدۇ، ئىزچىل مىدىرلىماي ئولتۇرغاندا گەرچە بوغۇمغا ئېغىرلىق چۈشمىسىمۇ، لېكىن بوغۇم كۆمۈرچىكىدە بۇلۇت سۇ سۈمۈرگەندەك قىسىش- بوشىتىش جەريانى بولمايدۇ- دە، تەبىئىي ھالدا ئوزۇقلۇقنى سۈمۈرەلمەيدۇ، شۇنىڭغا ئوخشاش، مەيلى قانداق ھالەتتە بولسۇن، ۋاقتى بەك ئۇزاق بولۇپ كەتسە، تىز بوغۇمىغا قارىتا ئوخشاش ئۈنۈم پەيدا قىلىدۇ. ئوخشاش بىر قىياپەتنى ساقلاش ۋاقتىنىڭ 40 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

2. مۇۋاپىق ئىقتىدار مەشىقى قىلىش

تىز بوغۇمىنىڭ ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇشنىڭ پىرىنسىپى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېغىرلىق كۆتۈرمەيدىغان ھەرىكەتنى ئاساس قىلىپ، بوغۇم ھەرىكىتىنى مەشىق قىلىپ، مۇسكۇللارنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. ئىقتىدارىنى چېنىقتۇرۇش يەرلىك ئورۇندىكى قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇمشاق توقۇلمىلارنىڭ ئېلاستىكلىقى ۋە ئەۋرىشىملىكىنى قوغداپ ۋە كۈچەيتىپ، كېسەللىك قوزغىلىش نىسبىتىنى ئازايتىپ، كېسەللىكنىڭ قوزغىلىش ئارىلىق ۋاقتىنى ئۇزارتىدۇ. مەسىلەن، پۇتنى ھەر تەرەپكە تۈز كۆتۈرۈش، سەدەپ قۇلۇلىسىدەك ئېچىش- يېپىش ھەرىكىتى، سۇ ئۈزۈش، ۋېلىسىپىت مىنىش قاتارلىقلار.

3. تىزنى زەخىملەندۈرىدىغان ھەرىكەتلەرنى چوقۇم ئاز قىلىش

مەسىلەن، ئېگىز بىنالارغا يامىشىش، دۆڭگە يامىشىش، تاغقا چىقىش قاتارلىقلار.

زىيادە، تەكرار ئېغىر يۈكنى كۆتۈرۈپ تىزنى ئېگىش ھەرىكىتى بوغۇملارنىڭ ئۇپرىشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ، بىناغا ياماشقاندا، تاغقا ياماشقاندا تىز بوغۇمى بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆت ھەسسىسىگىچە ئېغىرلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ، شۇڭا تۈز يولدا ماڭغاندا ئامال بار دۆڭگە ياماشماسلىق، لىفىتقا چىققىلى بولسىلا ئامال بار پەلەمپەيدىن ماڭماسلىق كېرەك.

4. بەدەن ئېغىرلىقىنى يېنىكلىتىش

سېمىزلىك بوغۇم ياللۇغىنىڭ يۈز بېرىشىدىكى كۆپچىلىك ئوبدان بىلىدىغان سەۋەب. چۈنكى سېمىزلىك بوغۇم يۈزىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىپ، بوغۇم قۇرۇلمىسىنىڭ ئۇپرىشىنى، قېرىشىنى تېزلىتىۋېتىدۇ. شۇڭا، كۆپ ساندىكى سېمىزلەرنىڭ تىز، ئومۇرتقا ۋە پۇت بوغۇملىرىدا ئاسانلا سۆڭەك خاراكتېرلىك بوغۇم ياللۇغى پەيدا بولىدۇ. مۇۋاپىق ھالدا ساغلام ئورۇقلاش بوغۇم ياللۇغى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاغرىق ۋە پۇت- قول توسالغۇسى قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى پەسەيتىدۇ، يەنە بوغۇم ياللۇغىنى داۋالاشتا ئاكتىپ رول ئوينايدۇ.

5. تىز بوغۇمىنى ئىسسىق ساقلاشقا دىققەت قىلىش

ھەرىكەتتىن كېيىن ياكى پىژغىرىم ئىسسىقتا بەدەندىن كۆپ تەر چىقىدۇ، بۇ ۋاقىتتا دەرھال ھاۋا تەڭشىگۈچ بار ئۆيگە كىرىشكە ياكى شالدۇرغۇچقا ئۇدۇل تۇرۇشقا، سوغۇق سۇدا يۇيۇنۇشقا بولمايدۇ، چۈنكى سوغۇق تېگىپ قالسا ئاسانلا كېسەللىك ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ ۋە ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ. قىشتا تىز بوغۇمىنى ئىسسىق ساقلاشقا دىققەت قىلىپ، بوغۇملارنىڭ سوغۇق ۋە ھۆللۈكنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

6. تىز بوغۇمىغا ئوزۇقلۇق تولۇقلاش

مۇۋاپىق مىقداردا ۋىتامىن A، ۋىتامىن C، ۋىتامىن E، ئامىنو گىلۇكوزا ھەم ۋىتامىن B قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلىش تىز بوغۇمى سۆڭەك خاراكتېرلىك بوغۇم ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بەلگىلىك رول ئوينايدۇ.

(تۈگىدى)

پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125